6. خەير دوستلار

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن بېيجىڭدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدىم. بېيجىڭ ئۆزگىرەپتۇ، بىنالار تېخىمۇ ئېگىزلەپتۇ. بىر يېرىم مىليارتقا يېقىن خەلق تۆلەۋاتقان باج، يەر ئاستى ۋە ئۈستىدىن قېزىلىپ، ئېچىلىۋاتقان بايلىقلار بۇ شەھەرنىڭ بىنالىرىنى پارقىرىتىپ، يوللىرىنى كەڭەرتىپتۇ. يول بويىلىرىنىڭ يېشىللىقىغا، قەدىمكى بىنالارنىڭ، چىركاۋ-بۇتخانىلارنىڭ ساقلاپ قېلىنىشىغا ۋە گەۋدىلىنىشىگە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىنىپتۇ. مەن يول بويلىرىدا بۇندىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن پەقەت كۆرۈنمەيدىغان بىر قانچە چىركاۋنىڭ ئالاھىدە مەيدان بىلەن گەۋدىلەنگىنىگە بەكرەك دىققەت قىلدىم. قەشقەردىكى ئۇيغۇر بىناكارلىقنىڭ نەمۇنىلىرى بېيجىڭدىكى تارىختا خەلقنىڭ خۇنىغا پۈتكەن ئوردىلاردىنمۇ قەدىرسىزمىدى؟ خەلققە پوقىنى يىگۈزگەن قانخور پادىشاھلارنىڭ قەبرىستانلىقى ئۆز جايىدا، ماۋزىدوڭنىڭ گېپى بويىچە تارىخنى ياراتقان ئەمگەكچىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر خەلقنىڭ، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىرىنىڭ، ئالىم ئۆلىمالىرىنىڭ قەبرىسى قايسى ئەمگەكچىدىن سوراپ خانۇ ۋەيران قىلىندى؟ ئۈرۈمچىدىكى خوجانىياز ھاجىمنىڭ قەبرىستانلىقى قېنى؟ قەشقەردىكى ئارىسلانخان قەبرىستانلىقىدىكى بوۋىلار قېنى؟ بېيجىڭدىكى تەرەققىيات ئادەمنى سۆيۈندۈرەتتى، لېكىن بېيجىڭدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا ۋەدە قىلىپ كاركىراۋاتقان يەرلىك ئاغۋاتلارنىڭ بېيجىڭنىڭ بۇنداق ئېسىل قىياپىتىنى ئۆلگە قىلىپ بىرلىكنى قۇغۇدىماي قىلىۋاتقان بۆلگۈنچىلىكى ئادەمنى نەپرەتلەندۈرەتتى.

بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىنكى تامىقىمىز شىنجاڭ ۋاكالەتخانىسىدا (مەن مەزكۇر ئورۇننىڭ ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكىسىدكى خاتا تەرجىمىنى مۇشۇنداق تۈزەتتىم) بولدى. تاماققا بېرىپ كەلگۈچە كىشىلەر بىزگە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلدى، قانچىسى بىزگە ئېنگىلىزچە گەپ قىلدى. دېمەك، بېيجىڭلىقلار يات ئېرىقتىكى كىشىلەرنى كۆرۈپ كۆنگەن ئېدى. چەتئەللىكەر بىلەن ئالاقىنىڭ قويۇقلىشىشى ۋە ئولمپىكنىڭ ئالدىدىكى تەشۋىقات بېيجىڭلىقلارنىڭ يات ئېرىقتىكىلەرنىڭ ھەممىنى شىنجاڭلىق(ئۇيغۇر) دەپ قاراپ كەمسىتىدىغان ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى قىلىقىغا تۈزۈتۈش بەرگەن ئېدى.(لېكىن شىنجاڭ ۋاكالەتخانىسىدىن باشقا يەردە ياتاق بەرمەيدىغان ئىش ھازىرغىچە ئۆزگەرمەپتۇ). بۇرۇن شىنجاڭ ۋاكالەتخانىسى ئىچىگە ياتاقتا ياتقانلىق كىنىشكىسى ياكى مەزكۇر ئورۇننىڭ خىزمەت كىنىشكىسى بولمىسا ئادەم كىرگۈزمەيتتى، بۇ قېتىم بۇ ئۆزگىرەپتۇ، چۈنكى قورۇ ئىچىدە بىر قانچە يەردە خوجايىنى ۋە ئاشپىزىنىڭ قايسى دىندىكى بولىشى نائىنىق، ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدىكى «مۇسۇلمان» ئاشخانىسى بارىكەن، بۇندىن باشقا يەنە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرىنى توپ ساتىدىغان بازارچاقمۇ بارىكەن. ھەر قايسى مۇسۇلمان ئەللىرىدىن كەلگەن ئەلچىلەر، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاتارلىق مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مىھمانلىرى بۇ يەردە غىزالىندىكەن.

تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقى ئۈچىنچى ئەسىردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ غەربىي ئەللەر بىلەن ئالاقىسىدا كۆۋرۈك بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ گومىنداڭ زامانى ۋە 50-يىللاردا روسسىيە ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى بىلەن مەملىتىكېتىمىزنىڭ ئالاقىسىدا ئۇيغۇرلار ئەلچىلىك رولىنى ئۆتىگەنىدى. بۇنداق تارىيخى ئەنئەنە يېقىنىقى مەزگىدە ئىتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەلەردە نەزەردىن ساقىت قىلىندى، سەل قارالدى. قارىغاندا يىمەكلىكتە ئۇيغۇر تاماقلىرى يەنىلا ”ئەلچىلىك“ سالاھىيىتىدىن چېكىندۈرۈلمىگەن بولسا كېرەك. مۇسۇلمان ئەلچىلەر ئۆمەكلىرىنىڭ ۋە ھەتتا دۆلەت رەھبەرلىرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋاكالەتخانىسىدا غىزالىنىشى بۇنى چۈشەندۈرسە كېرەك. دېمەك، خەلقئارا ئالاقە ۋە بازار ئېگىلىكى،يەرشارىلىشىش بىر نوقتىغا يىغىنچاقلىغاندا، پۇل مەن شۇنچە يىل بېيجىڭدا تۇرۇپ كرەلمىگەن ئۆزىمىزنىڭ ۋاكالەتخانىسىنىڭ بۇ تۆمۈر دەرۋازىنى خالىغان ئادەمگە ئوچۇق قىلىپتۇ. بۇنىڭدىن بەك سۆيۈندۈم ۋە پۇلدىن ئىبارەت ۋاستىنىڭ بارلىق سۈنئى توساقلارنى بەربات قىلىشىنى تىلىدىم. ئىنسان ئىجتىمائى رىياللىق ۋە قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولالمىغاندا پەقەت بولمىغاندا پۇل ئارقىلىق بولسىمۇ باراۋەر بولالىسا، قانۇني يول بىلەن ئېرىشەلمەيۋاتقان غۇرۇر ۋە ئەركىنلىكنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ تېرىشىشى مۇمكىن. مەنچە قوزغاتقۇچىلىرى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىۋاتقان قەۋىم ئۈچۈن بۇ مەلۇم مەنىدە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

بىر كۈنى ئاشخانىدا تاماق يەۋاتساق بىر قانچە بېيجىڭلىق بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىزنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن بىزدىن « بۇرۇن ۋېيگوڭسۈن، گەنجىياكولاردا ئۇيغۇر ئاشخانىسى ۋە ئۇيغۇرلار ئاچقان بازار بار ئېدى، ھازىر نەگە يۆتكەلدى؟» دەپ سوراپ قالدى. بىز 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا چېقىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغىنىمىزنى سۆزلەپ بەردۇق. ئۇلار سەۋەبىنى سوراشتى ۋە بۇ كوچىلارنىڭ يوقاپ كەتكىنىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئارىمىزغا يېڭى كىرىپ كەلگەن بىر بېيجىڭلىق چېقىلىشنىڭ سەۋەبىنى زەھەر ئەتكەسچىلىكى، بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىزلىقلاردىن كۆرۈۋېدى، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ ياۋرۇپا، كانادا ۋە ئامېرىكادىكى تاڭلىقلار(خەنسۇلار) كوچىسىنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇ يەرلەردىكى مەسىلىنىڭ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر كوچىلىرىدىن بەتتەر ناچارلىقىنى، غەرىپتە ۋە ئامېرىكىدا تاڭلىقلار كوچىسى دېگەنلىك نومۇسىنى سېتىش، جىنسىي كېسەللىك، بولاڭچىلىق، ئەتكەسچىلىك، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، پاسكىنىچىلىق قاتارلىق بارلىق جىنايەتلەرنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇنى بىلىپ تۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەرغىپ قىلىشقا پايدىلىق دېگەن سەۋەب بىلەن قوغۇداۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۇيغۇر كوچىلىرىدىكى ئاشپەزلەرنىڭ پەقەت ئوقۇمىغان بولسىمۇ تەرەتتىن كېيىن قول يۇيىدىغانلىقىنى، ئۆزى كۆرگەن خېلى چوڭ رېستۇرانلاردىكى خېلى داڭلىق ئاشپەزلەرنىڭمۇ تەرەتتىن كېيىن قول يۇمايدىغانلىقىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

سۆھبەتتىن كېيىن ئويلاپ قالدىم. مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت چۈشەنمەسلىكتىن، خاتا چۈشىنىشتىن ۋە مەلۇم گوروھنىڭ خاتا چۈشەندۈرىشىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. خۇددى ئەجدادلىرىمىز ئېيتقان « يالغاننى قېرىق قېتىم تەكرارلىسا راستقا ئايلىنىدۇ» دېگەندەك بىر كىچىككىنە ئىشنى چىڭىغا چىقىرىپ سۆزلەۋەرسە ئاۋام ئىشىنىپ قالىدىكەن. نەتىجىدە بىگۇناھ كىشىلەر سىياسىي بېدىكلەرنىڭ غەرىزى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدىكەن. 2001-يىلى كەچ كۈزدە ئىچكىرىدىكى مەلۇم شەھەردە سەككىز ئون ياشلادىكى بىر قىز مەندىن « سەن تېرورچىمۇ؟» دەپ سورىغاندا تەشۋىقاتنىڭ كۈچىدىن نەپرەتلەنگەنتىم. بېيجىڭلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچە تاماقنى ئۇيغۇر كوچىسىدىن تاللاپ يىگۈسى بار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلگۈسى بار، ھېلىقى كىچىك قىزنىڭ قاڭشارلىق، ساقال بۇرۇتلۇق كىشىلەرگە تېرورىزىمنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە غۇبارسىز سۇئاللىرى بار. ئەگەر ئۇيغۇرلار ئىچكىرىدە بەرپا قىلغان مەھەللىلەر قالايمىقانچىلىق باھانە قىلىنىپ مۇشۇنداق ۋەيران قىلىنسا بۇ سۇئاللارغا كىم جاۋاب بېرىدۇ؟ پەقەت بىردىن بىر ۋاستە پىلانلىق ئاخباراتمۇ؟. ئۇنداقتا ئاۋامنىڭ مۇستەقىل باھا بېرىش پۇرسىتى بولمىسىچۇ؟ ئىدىلوگىيىنىڭ كونتروللىقدىن خالى ئاخبارات مەۋجۇد بولمىسىچۇ؟

بىر قىسىم خەنزۇلارنىڭ ئارىمىزدىكى ئاغزى يۈگرەكلەرگە ئوخشايدىغان بىر خۇيى بار ئۇ بولسىمۇ بىلمەيدىغاننى بىلىمەن دەپ تۇرىۋىلىش ۋە شۇ ھەقتە گەپ ئېچىشتىن ئۇيالماسلىق. بەلكىم بۇ پۈتۈن شەرقلەرگە ئورتاق بولسا كېرەك. بىر كۈنى خۇنەنلىك بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا تاسادىپى پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ «مەن ئۇيغۇرلارنى بىلىمەن. ئۇلارنىڭ ناخشىلىرى بەك يېقىملىق، مەنىلىك…» دەپ سۆزلەپلا كەتتى، ياقا يۇرتتا بىر يات كىشىنىڭ ئاغزىدىن مىللەتنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاش ئادەمنى خېلى خوش قىلىدۇ. ئاڭلاپ ئولتۇرسام « بولۇپمۇ سىلەردىن چىققان تېڭگىر ئالامەت ناخشىچى …» دېمەسمۇ ئەرۋايىم قىرىق گەز ئۇچتى. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر بىلەن موڭغۇلنىڭ پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئاران چۈشەندۈردۈم. گەپ شۇ يەردە تۈگىدىمىكىن دېسەم يەنە بىرى قوپۇپ تېرورچىلىق ھەققىدە سۆز ئاچتى، مەن بۇ تېمىغا لەنەت ئوقۇيدىغانلىقىمنى ئېيتىپمۇ قۇتىلالمىدىم. ئۇ شىنجاڭدىكى تېرورچىلىقنىڭ ئاجايىپ ئېغىرلىقىنى ۋە ئۇنى توسۇش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستىنى قوللىنىشنى شەرتسىز قوللايدىغانلىقىنى سۆزلەپ كەتتى ۋە ماڭا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى. ئامالسىز كەسپىنى سورىدۇم، بىر شىركەتنىڭ خادىمىكەن، مەلۇماتى تولۇقسىزدا توختاغلىقكەن، مەن گەرچە ئۆزەمنى ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى دەپ تونۇشتۇرغان بولساممۇ نەسىھەتتىن توختىمىدى. مەن بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن بولساممۇ سەبرى قىلدىم. چۈنكى تەبىقىچىلىك تۈزىمىدە، مۇستەبىت دۆلەتتە ئۇزاق ياشىغان كىشىلەر مۇشۇنداق بىلمەستىن ئاڭلىغاننى راست دېيىشكە، ئۆزىنىڭكىنىلا ھەق بىلىشكە، باشقىلارنىڭ ئەقلىدىن ۋە كەچۈرمىشىدىن دائىم گۇمانلىنىشقا ئادەتلەنگەنىدى. ئۇلار ئادەمنى ئادەملىكى بىلەن ئەمەس قايسى مىللەت، قايسى تەبىقىگە مەنسۇپلىقى بىلەن كۆزىتەتتى ۋە باھالايتتى.

مەن بۇنداق ئەھۋالغا تولا دۇچ كەلگەن. بىر قېتىم لەنجۇ ئۇنۋېرىستىتىگە ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى قەغەز تەكشۈگىلى بارساق بىزدىن «ھىسابلىغۇچ ئىشلىتەلەمسىلەر» دەپ سورىغانتى. تۈركىيەدە يولۇققان بىر قىسىم تۈرك كىشىلەرمۇ ئوخشاشلا يۇرتۇڭ قانداق، خەلقىڭ نە ھالدا دەپ سورىماي تۇرۇپ، يۇرتۇڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ساڭا ۋەز ئېيتاتتى. بۇنداق ۋەز نەسىھەتلەر خوشلاشقىلى بارغان يۇرتۇمدا، يولدىكى بىكەتلەردە، ۋە ھەتتا مەن ئامېرىكىغا ئۇچقان بىرلەشمە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايرۇپىلانىدىمۇ داۋام قىلدى. ئويلاپ باقسام ئەقلىمنى بىلگەندىن بېرى مۇنداق ئىككى نەرسە ماڭا ھەمراھ بولۇپتۇ، بىرى قورقۇتۇش يەنە بىرى نەسىھەت. بۇنىڭ بىرى سەۋەب بولسا يەنە بىرى نەتىجىكەن، يەنى مېنى قورقۇتۇپ نەسىھەتنى ئاڭلاتماقچى، ياكى نەسىھەتنى ئاڭلىمىغاچقا قورقۇتماقچى، خوش، ئۇچاغدا مېنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش، باھالاش، تەدبىر قىلىش ئەركىمچۇ؟ خاتالىشىش، ئېزىش ۋە بۇلاردىن ئۆزۈمگە خاس يەكۈن چىقىرىش ھوقۇقۇمچۇ؟ ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ نۇرغۇن تونۇش بىلىشلىرىمنىڭ ماڭا « ئامېرىكا جاھانگىرلىرىنىڭ دامىغا چۈشمەسلىك، ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماسلىق، توغرا_ خاتا، ھەق_ ناھەق مەسىلىلىرىدە زامانغا بېقىپ ئىش تۇتۇش، ئىلاج قىلىپ قايتىپ كەلمەسلىك، ئامېرىكىغا بارغانلىقمنى ھىچ كىمگە دېمەسلىك، تۈركىيەگە بارغانلىقم ھەققىدە تىۋىش چىقارماسلىق، توردا قالايمىقان ماقالە يازماسلىق، مەكتەبتىن چىقماي، گەپ قىلماي، جىمجىت ياشاش.» ھەققىدە نەسىھەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىم كامىل.

ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن بېيجىڭدا تۇرۇپ قالغان مەزگىلىمدە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدا ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىم لېكسىيەگە تەكلىپ قىلدى. ئۆزەمنىڭمۇ مېڭىش ئالدىدا ئۇستازلىرىم ۋە كەسپداش ئېنى سىڭىللەر بىلەن مۇڭدۇشۇش ئىسىتىكىم بولغاچقا تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بۇ بوغۇنلارغا ماسراق قىلىپ « ئىچكىرىدە ئوقۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەرمەكچى بولدۇم. قويغان تېمام ئوقۇغۇچىلىرىمغا ياقتى. لېكسىيە دۈشەنبە كەچكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاساسىي مەزمۇنىنى خەنسۇچە يېزىپ بەردىم. دۇ شەنبە چۈشتە خەۋەر كەلدىكى « لېكسىيەم تەستىقلانماپتۇ». بەلكىم بۇ مېنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشۇم بىلەن باغلانغاندۇ، ياكى ئۇستازلىرىم بەش يىل ئەنسىرىتىپ ئۆتكەن پائالىيەتچان ئوقۇغۇچىسىنىڭ لېكسىيىسىدىن خەۋپسىرىگەندۇ، ئاڭلىسام ئامېرىكىدىن كەلگەن مەلۇم ئۇيغۇر ئالىمنىڭ لېكسىيىسىنىمۇ تەستىقلاشمىغانىكەن، شۇڭىمۇ ھەيران قالمىدىم. ئەمما ئىچىم يەنە بىر مەرتە ئاچچىققا تولدى.

ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇرنىڭ تىلنىڭ شاراپىتى بىلەن پروپېسسورلۇق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇپ، ھەقسىز ئوقۇتىمىز دەپ ئەڭ ئېسىل شارئىتقا، ئەڭ ياخشى بالىلارنى يىغىۋالغان شۇ تۆت توك توك زىيالىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى مېنى بۇرۇنلا بەزدۈرگەچ باشقىچە ئويلاشقا پېتىنالمىدىم. پەقەت ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىڭ ھەممە گۇناھنى مىللەتكە ئارتىپ، بارلىق رىيال پىشكەللىكنىڭ مەنبەسىنى ئۇيغۇردىكى نۇقساندىن ئىزدەيدىغان مۇدا خاھىشقا تېخىچە مايىللىقى يۈرۈكۈمنى ئەزدى. ئۇستازنىڭ « بىز تېخىچە ئۇيغۇر زۇلۇمىدىن قۇتۇلمىدۇق!» دېگەن سۆزى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ مېنى نەشتەردەك چاقماقتا ئېدى. بېيجىڭدىن نۇرغۇن جاۋابسىز سۇئاللار ۋە ئازابلىق خىياللارنى يۈدۈپ چىكاگۇغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا قەدەم باستىم.


ئالدىنقى: 7. «مايگۈلى» نىڭ جەزبىسى

كـىيىنكى: 5. يول قايان؟