7. «مايگۈلى» نىڭ جەزبىسى

ئورنى Wikipedia

ئايرۇپىلانغا چىقىۋاتقاندا مېنى ئۇزۇتۇپ چىققان ئوقۇغۇچۇمنىڭ ”ئەركىنلىك سەپىرىڭىز باشلاندى“ دېگىنى ئېسىمگە كەلدى. مەن ئۇنىڭغا “ بۇ مېنىڭ ئىزدىنىش سەپىرىمنىڭ داۋامى“ دېگەنىدىم. ئەقىللىق ئوقۇغۇچۇم بەلكىم مېنى ماي گۈلى ناملىق پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ئەركىنلىك، يېڭى دۇنيا ئىزدەپ سەپەرگە چىققان ئەنگىلىيىلىك يېڭى دىن مۇخلىسلىرى (پروتېستانتلار) غا ئوخشاتقان بولۇشى مۇمكىن. 1620 – يىللاردا ئەنگىلىيەدىكى خىرىستىيان ئىسلاھاتچىلىق ھەركىتىدە يېڭى دىن تەرەپتارلىرى تەھدىتكە ئۇچراپ ئامېرىكىغا ئولتۇراقلاشقانىكەن. شۇلارنى ئويلاپ ئايرۇپىلانغا چىقىپ قارىسام مۇتلەق كۆپى جوڭگۇلۇق. شۇئان كۆزۈمگە ئايرۇپىلان ”ماي گۈلى“دەك، ئولتۇرغانلار ”قاچقۇن“ لاردەك كۆرۈنۈپ كەتتى. 2008-يىلى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلەر ئىچىدە جوڭگۇلۇقلار ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى. 2009- يىلى جوڭگۇدا تۇغۇلۇپ كېيىن ئامېرىكادا ئولتۇراقلاشقان جوڭگۇلۇقلارنىڭ سانى بىر مىليون 900 مىڭدىن ئاشقان.

ئامېرىكا نوپۇسىدا ئىسپان تىلىدا سۆزلەيدىغانلار بىرىنچى ئورۇندا خەنسۇ تىلىدا سۆزلەيدىغانلار ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇ سانلارنىڭ تىرىك پاكىتى سۈپىتىدە يېنىمدا ئولتۇرغىنى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بېيجىڭلىق ئايال ئىكەن. مېنىڭ چۈشەنمەيدىغان يېرىم كۈنسىرى بېيىۋاتقان بىر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ جېنىنىڭ بېرىچە ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشى ئېدى. بۇ ئايال مېنى دەسلەپ مۇسۇلمان بولغاچ ئامېرىكىغا ئۆچ، دەپ ئويلاپ ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستادىكى«تاجاۋۇزچىلىق» لىرىنى تەنقىد قىلدى. مەن ھىچ ئىپادىسىز ئولتۇرغاندىن كېيىن گېپىنى بۇراپ مېنىڭ ئالاھىدە ھالال تاماق بۇيرۇتقانلىقمنى خاتاغا چىقاردى ۋە ئامېرىكىدا بۇنداق قىلماسلىقنى، مۇسۇلمانلىق سالاھىتىمنى ئامال بار ئاشكارىلىلىماسلىقنى جىكىدى. مەن باشقىچە ئىنكاس بىلدۈرمىدىم پەقەت «مەن يالغان ئېيتالمايمەن» دەپ قويدۇم. ئۇ ئايال گەپ ئارىلىقىدا بىر گىرمان خىزمەتدىشىنىڭ ئىسرائىلىيە ھەققىدىكى بىر مەسىلىدە پىكىر بايان قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ۋە سەۋەبىنى « بىز يەھۇدىلارغا قان قەرزدار، شۇڭا مېنىڭ يەھۇدىلار ھەققىدە ئۇنى بۇنى دېيىشىم نامۇۋاپىق» دەپ بەرگىنىنى ھەيرانلىقتا بايان قىلدى. مەن ئەكسىچە ئۆزەم، ھۆرمەتلەيدىغان گېرمان خەلقىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم ۋە قايسى بىر يىلى گېرمان باش مىنىستىرىنىڭ پولشادا تىزلىنىپ تۇرۇپ پولەك خەلقىدىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدىكى ئاسارەتلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان تەسىرلىك كۆرۈنىشىنى ئەسلىدىم.

ئۇ ئايال ئامېرىكا بىلەن جوڭگۇنى سېلىشتۇرۇپ « جۇڭگۇ دېمۇكراتىيەگە قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ، ئامېرىكا دېمۇكراتىيەدە چېكىنىۋاتىدۇ» دېگەن گەپلەرنى قىلغاندا ئازراق توغرا يېرى باردەك ھىس قىلدىم. دېمىسىمۇ گۇئەنتانامۇ مەھبۇسلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇلىشى ئۇنىڭ گېپىگە ئاساس بولالايتتى، كېيىنكى ھۆكمىگە مەن پىكىر قېتىشقا ئامالسىز ئېدىم، پەقەت ئىددىيە جەھەتتە جوڭگۇ كومپارتىيىسى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشنىڭ بىخەتەرلىكىم ئۈچۈن موھىملىقىلا ماڭا ئايان ئېدى. ئۇ ئايال ئۆزىنى ئامېرىكىلىق دېيەلمەيدىكەن، گەرچە ئامېرىكىدا داچىسى بولسىمۇ ئامېرىكىلىقلار پەخرلەنگەندىن سۆيۈنۈپ ئۆچ بولغىنىغا نەپرەتلىنەلمەيدىكەن. جوڭگۇغا قايتىپ كېلەي دېسە ئۆزىمۇ بالىلىرىمۇ كۆنەلمەيدىكەن، ھەم جۇڭگۇمۇ پۇقرالىققا قايتا ئالماسمىش. بىچارىنىڭ بالىلىرى ئۇنى ھەدىسلا جوڭگۇچە قىلىق قىلىدۇ دەپ مەسخىرە قىلىدىكەن. بۇ ئايالنىڭ ھەدىسە ئامېرىكنى داتلاپ بېرىشلىرىنى توغرا چۈشەندىم. ئادەم قېرىغاندا دائىم ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشايدۇ. بۇ بىچارە موماينىڭ بارلىق ئەسلىمىسى ۋەتىنىگە باغلانغان، ئامېرىكىدا ئەسلىگۈدەك بىر نەرسە بولمىغاندىن كېيىن زېرىكىدۇ-دە! قارىغاندا ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىدىكى پېرىزدىنىت بولۇشتا ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولۇشنى ئۆلچەم قىلىش ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى ۋەتەن دەپ بىلىدىغان خۇسۇسىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوخشايدۇ. ئەجەبا، يۇرتىمىزدىكى مەسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىگە يۇرتىمىزدا تۇغۇلمىغانلارنىڭ كۆپلەپ ئەمەلدار بولۇشى سەۋەب بولغانمىدۇ؟

چىكاگۇدا چىگردىن كېرىش رەسمىيىتى بېجىرىۋېتىپ بىر ئاز ئەنسىرەپ قالدىم، چۈنكى ئادرىسىم ئارۇپىلاندا تارقىتىپ بېرىلگەن جەدىۋەلگە پاتمىغان ئېدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەدىۋەلگە توشقۇزۇلىدىغان بىر قانچە ئۇچۇرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان بولۇپ قايتا بىر جەدىۋەل ئېلىشقا ئىمكان بولمىغان ئېدى. ساقچى يىگىت « ئامېرىكىغا مەرھابا!» دەپ مىنۇت ئۆتمەستىن پاسپورتۇمنى قولۇمغا بەرگەندە ھەيران قالدىم. قايتۇرۇپ « باشقا چاتاق يوقتۇ؟» دەپ سورۇدۇم، ساقچى يىگىت كۈلۈپ تۇرۇپ « يوق» دېگەندىلا خاتىرىجەم بولدۇم. مېنىڭ مۇنداق ئەنسىرىشىمگە سەپىرىمنىڭ بېشىدىلا ئۈرۈمچى ئايرۇدورۇمىدا يۈز بەرگەن پىشكەللىك سەۋەپ بولغان ئېدى. ئۇ كۈنى ئەتىگەندە پاسپورتۇم بولغاندىن كېيىن ماڭا لازىم بولماس، ئايالىمغا لازىم بولۇپ قالسا ئىشلەتسۇن دەپ كىملىكىمنى ئۆيدە قويۇپ ئۈرۈمچى ئايرۇدورۇمىغا كەپتىمەن. بىلەت ئالماشتۇراي دېسەم بولمىدى، پاسپورتۇمدا دادامنىڭ ئىسمى باركەن، كىملىكىمدە يوقكەن. سەۋەبىنى سورۇدۇم، پاسپورتۇمدا كىملىك نومرۇم ۋە رەسىمىم بارلىقىنى دېدىم، ساقچىغا خەۋەر قىلدىم، ھەممىسى نۆلگە تەڭ بولدى، ساقچى ئاجايىپ قوپاللىق بىلەن بۇ ئۆزەڭنىڭ سەۋەنلىكى دەپ ۋاقىراپ كەتتى، سەۋەپسىزلا. ئاخىرى يېڭىدىن بىلەت كەستۈرۈپ ئايرۇپىلانغا چىقتىم.

مانا بۇ بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتىكى ئىككى دۆلەتتىكى ئىككى خىل خىزمەت ئۇسۇلى، ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈنىمى ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدۇ. مەن ئامېرىكىدىكى ئىنسانغا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەتنى كېيىنكى تەكشۈرۈشلەردىمۇ رۇشەن ھىس قىلدىم. دۇنيادا ئەڭ دەھشەتلىك تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بۇ دۆلەت يەنە ماڭا ئوخشاش مۇسۇلمانلارغا قورقماي قۇچاق ئېچىۋېتىپتۇ ۋە مۇئامىلىدىكى ئىززەتنى كەم قىلماي كېلىۋېتىپتۇ. شۇ كۈنى مەن بىلەن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلەر قاتارىدا باشتىن ئاياق ئورانغان مۇسۇلمان ئاياللىرىنى، چىرايىدىن ئوتتۇرا شەرق ئەھلى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرغان كىشىلەرنى خېلىلا كۆپ كۆردۈم، بىر مۇسۇلمان ئايال ھەتتا مېنى ئىئوردانىيىلىككە ئوخشۇتۇپ ئەرەبچە سۆزلەپ كەتتى. شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، تەكشۈرۈش ھەممەيلەنگە ئوخشاش، ھىچ كىم بۇرۇتى، ياكى چۈمبىلى سەۋەبلىك ئەزەۋەيلەپ تەكشۈرۈلمىدى. تەكشۈرۈشنى كۈتىۋېتىپ ئەتراپىمدىكى باشقا چەئەللىكلەرگە قارىدىم ئۇلارنىڭ چىرايىدا خۇددى ئۆز ئۆيىدە تۇرىۋاتقاندەك خاتىرىجەملىك جىلۋە قىلاتتى ، بۇيەردە قورقۇۋاتقان، ئارتۇقچە خاۋاتىرلىنىۋاتقان پەقەت مەنلا ئېدىم، تۈگۈلىۋالغان پەقەت بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاجىز گەۋدىسى ئېدى. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ، نېمىشكە بىز دائىم مۇشۇنداق ئەنسىزلىك، خۇدۇك، گۇمان ئىچىدە ياشايمىز. نىمىشقا توغرا نەرسىنى توغرا، خاتا نەرسىنى خاتا دېيەلمەيمىز؟ نېمىشقا نارازىلىقلىرىمىزنى ھاراققا، غەيۋەتكە، لايغەزەللىككە يەم قىلىۋېتىمىز؟مەنچە قانۇنلۇق بىر پۇقرانىڭ بەلكى بىر بۆلۈك پۇقرانىڭ ئۆز ۋەتىنىدە داۋاملىق قورقۇمسىراپ، ئەندىكىپ ياشىشى، ئىشەنچتىن خالى دائىم نازارەتتە تەكشرۈشنى قوبۇل قىلىشى، ئۆزىنى تاشلىۋېتىلگەندەك، ئىگىسىز قالغاندەك ھىس قىلىشى، ھەمكارلاشىلالماسلىقى، دائىم سىياسىي پەرمانلارنىڭ مەجبۇرلىشىدا زورىغا ئالغا سۆرىلىشى مەنچە شۇ دۆلەت ئۈچۈن ھەر قانداق زوراۋانلىق خەۋپىدىنمۇ قورقۇنچلۇق خەۋپ ئېدى.

بارلىق تەكشۈرۈشلەر تۈگەپ ئايرۇپىلان ئالمىشاي دەپ تۇرسام مەن بىلەن بىللە كەلگەن ئايال مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭغا ئايرۇدۇرۇمدىن تېلىفون ئۇرماقچىلىقىمنى، لېكىن تېلىفونۇم يوقلىقىنى ئېيىتقان ئېدىم. ئۇ ماڭا تېلىفونىنى بېرىپ تۇردى ۋە ماڭا يولۇمنى كۆرسۈتۈپ قويدى. مۇنداق يارىدەمسۆيەرلىكنى تۆرت سائەتكە يېقىن ئايرۇپىلان ساقلاش جەريانىدا كۆپ ئۇچراتتىم، كىشىلەر بىر بىرىگە يول كۆرسىتىشەتتى، تاپالمىغانلارنى يېتىلەپ ئاپىرىپ قوياتتى. مېنى ئايرۇدورۇمدا قىزىقتۇرغان بىر ئىش مۈشۈك ئېيىقنىڭ رەسىمى ۋە ئىككى دەيزۇ ئايالنىڭ سۈرىتى قوشۇپ چىقىرىلغان مۇراجەت تاختىسى بولدى. تاختىغا تەبىئى موھىتىنى قوغۇداش بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ياشاش شارائىتىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى مۇراجەتكە ئوخشاش مەزمۇن يېزىلغان ئېدى.

بۇنداق ئېلان تاختىسىنىڭ مۈشۈك ئېيىقنىڭ ۋە دەيزۇلارنىڭ ۋەتىنى بولغان جوڭگۇدىكى بېيجىڭ ئايرۇدورۇمىدا ئەمەس، مۈشۈك ئېيىق ۋە دەيزۇلارنىڭ سايىسىمۇ بولمىغان ئامېرىكىدىكى چىكاگۇ ئايرودورۇمىدا كۆرۈلىشى مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى. شۇئان كۆز ئالدىمغا قەشقەرگە ماڭىدىغان يولدىكى بوستانلىقلاردا يەر ئېچىش ئۈچۈن بۇزۇلىۋاتقان جاڭگاللار، كېسىلىۋاتقان ئورمانلار، يۇلغۇنلار كەلدى، يۇرتۇمدىكى ئۈنى ئۆچكەن تورغاي، كۇركىرىماس بولغان پاقا، پىشايۋانلاردىن غايىپ بولغان قارلىغاچ بىر بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. ئۇلار ھەققىدە ھىچكىم مۇراجەتنامە چاپلىيالمايتتى. يېڭى يېزا قۇرىمىز دەپ دېھقانلارنىڭ يول بويىدىكى، كۆزگە چېلىقارلىق يەردىكى خام كېسەكلىك تاملىرىنى چېقىۋاتسا، تەرەققىيات رايۇنى قۇرىمىز بىچارە دېىھقاننىڭ ئەللىك يىللىق توختام بىلەن ئالغان يېرىنى يوقىلاڭ باھاغا ساتقۇزىۋاتسا، يەر ھۆكۈمەتنىڭ دەپ 2009-يىلدىكى يەرگە 1995-يىلدىكى ئەسلى سېتىۋالغان باھا بىلەن پۇل بېرىپ قاقشىتىۋاتسا مۇراجەت چاپلانمايتتى، شەيىخ سەئىدى ھەزرەتلىرى مىھمان بولغان، ئىمادىدىن قەشقەرى، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئىلىم تارقاتقان، بوۋام ئات چاپقان، مومام رەستىلىرىنى كەزگەن تەۋەرۈك قەشقەر چېقىلىۋاتسا ھىچكىم مۇراجەت چاپلىمايتتى. ھەممە سەمىمىي تەكلىپ، پۈتۈن قانۇنىي ھوقۇق، ھەممە ئاڭلىق تەشەببۇس، بارلىق ھەق سۆزلەر غەيۋەت قازىنىدا قاينىماقتا، ھاراققا، خىروئىنغا، ئەيدىزگە ئايلىنىپ بۇ خەلقنىڭ ئوبرازىنى، ئارمانىنى، كەلگۈسىنى يالمىماقتا ئېدى. ئون مىليۇندىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ ئەقەللىي تەلەپلىرى بىۋاپا دۇنيادا بىر مۈشۈك ئېيىقچىلىكمۇ زىلزىلە قوزغىيالمىغان ئېدى.


ئالدىنقى: 8. سالام، ھۆر شىتات

كـىيىنكى: 6. خەير دوستلار