ماداگاسكار

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى Madaghasqar)
Jump to navigation Jump to search
row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى
ماداغاسقار
دۆلەت بايرىقى

ماداغاسقار دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بولسا ئافرىقا جايلاخكان بىر دۇلات. ئۇنىڭ پايتاھتى بولسا تانانارىۋو، ئاڭ قوڭ خاھرى بولسا تانانارىۋو. دۇلات تىلى بولسا ماداغاسقار تىلى ۋە فرانسۇز تىلى. ئازىركى زۇڭتۇڭ مارك راۋالومانانا. ئازىركى باش ۋەزىر چارلەس رابەمانانجارا. بۇ دۇلات 1960 يىلى 6 ئاينىڭ 26 كۇنى مۇستاككىل بولگان، يار مايدانى 587 مىڭ 041 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 20 مىللىئون 042 مىڭ.

ماداغاسقارنىڭ تولۇق ئاتىلىشى ماداغاسقار جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئارال دۆلەت، يانار تاغ تىزمىلىرىدىن شەكىللەنگەن ئارال دۆلەت. يەر مەيدانى: 587مىڭ 40كۋادرات كىلومېتىر.

نوپۇسى: 21 مىليون 926 مىڭ 221، يەتتە قەبىلىگە بۆلۈنگەن، يەرلىك ئاھالە مالگاشلار دۆلەت نوپۇسىنىڭ %95نى تەشكىل قىلىدۇ، بۇلاردىن باشقا يەنە فرانسۇزلار، كومورولىقلار، سىۋاھلىلار، ھىندىلار بار. يەرلىك ئىپتىدائى دىنلارغا ئىشىنىدىغانلار ماداغاسقار ئاھالىسىنىڭ %52نى تەشكىل قىلىدۇ. ماداغاسكار ئارىلىنىڭ شەرقى-شىمالىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئانتانكارانا، ساكالاۋا قاتارلىق قەبىلىلەر 11-12-ئەسىردىلا شانلىق مەدەنىيەت بارلىققا كالتۈرگەن، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا يېزىق بەرپا قىلىپ شانلىق يازما يادىكارلىقلارنى قالدۇرغان. ماداغاسقار ھىندى ئوكياننىڭ غەربىگە، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىزغا جايلاشقان دۇنيادىكى 4-چوڭ ئارال. ئارىلىقى 386 كىلومېتىر كېلىدىغان موزامبىك بوغۇزى ئارقىلىق ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. پۈتۈن ئارالنى ۋولقان جىنسلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ، ئارالنىڭ ئوتتۇرا قىسمى تاغلىق بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1200-400 مېتىر كېلىدۇ. دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇب قىرغاقلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. ئەڭ ئېگىز چاراتانانا چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2880 مېتىر، ماداغاسقارنىڭ كۆپ قىسمى تروپىك بەلباغقا جايلاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ شەرقىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمىنىڭ ئىقلىمى پەرقلىنىدۇ. شەرقىي تەرىپى ھىندى ئوكيان يىللىق نەم ھاۋاسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمى شەكىللەنگەن، بۇ جايلارنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. غەربىي قىسىمنىڭ ئىقلىمى تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، بۇ جايلارنىڭ قۇرغاق پەسلى بىلەن ھۆلچىلىك پەسلى ئېنىق بولىدۇ. ماداغاسقارنىڭ يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، قىش پەسلى بولمايدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ 1/6 قىسىم يېرىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. ماداغاسكار دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ 90% ى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ماداغاسكارنىڭ سانائەت ئاساسى ئاجىز، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاران 15% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاساسلىق ئىقتىسادى كىرىمى چەتئەللەرنىڭ ياردىمى ۋە ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت بولۇپ ساياھەتچىلىك ماداگاسكارنىڭ تۆۋرۈك كەسپى ھېسابلىنىدۇ، ماداغاسكار قەھۋە، گۆش، پۇراقلىق ماتېرىياللار، شېكەر ئېكسپورت قىلىدۇ، ماشىنا - ئۈسكۈنە، ئاپتوموبىل، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ.

ماداغاسكار ئەسلىدە سىۋاھلى تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ زىمىنى بولۇپ مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە بۇ يەرگە مالاي تاقىم ئاراللىرىدىكى دېڭىز بويلاپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان مالايلارنىڭ بىر قىسمى ھىندى ئوكياندىن ئۆتۈپ كۆچۈپ كېلىپ ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان. مىلادى 10-ئەسىردىلا ئەرەب دېڭىزچىلىرى بۇ چوڭ ئارالنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. 14-ئەسىردە ئىتالىيە ساياھەتچىسى ماركو . پولو ئەڭ بۇرۇن ماداغاسكار ئارىلىنى تىلغا ئالغان، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزى بۇ ئارالغا ھەقىقىي كېلىپ باقمىغان بولۇپ، پەقەت تارقىلىپ يۈرگەن پاراڭلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ خاتىرە قالدۇرغان، 1500-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى پورتۇگالىيە دېڭىزچىسى دېئوك دىئاس تۇنجى قېتىم بۇ ئارالغا يېتىپ كەلگەن، ئۇ كۈنى دەل سائىنىت لاۋرېنىس ئارىلى دەپ نام قويغان. ئافرىقىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان موگادىشو پادىشاھلىقى «ھازىرقى سومالى»دەپ ئويلاپ قېلىپ، خاتا ئاھاڭ ئوقۇلۇشى ۋە يېزىلىشى سەۋەبىدىن بۇ ئارال «ماداغاسقار ئارىلى»دەپ ئاتىلىپ قالغان. 14-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە مارنالار ئارالدا ئىمالنا دۆلىتىنى قۇرۇپ، 1794-يىلىغا كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ، ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن فېئوداللىق پادىشاھلىق بولغان. 1896-يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. فىرانسىيەلىكلەر كەلگەندىن كېيىن لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسدىكى ئېلىپبە بارلىققا كېلىپ مالگاش خەلقىنىڭ يېزىقى بىرلىككە كەلگەن. 1960-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق ئاتالغان. 1975- يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى دۆلەت نامى «ماداغاسكار دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى»قىلىپ بېكىتىلگەن. 1995-يىلى دۆلەت نامىنى ماداغاسكار جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن.

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]