Jump to content

ئارگېنتىنا

ئورنى Wikipedia
ئارگېنتىنا
row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى

ئاندوررا كېنەزلىكى(ئىسپانچە: República Argentina) پايتەخت: بوئىنۇس-ئايرىس، ئاھالىسى 11مىلىيۇن دۆلەت نوپۇس: 39مىلىيۇن 922مىڭ زىمىنى: 2مىلىيۇن766مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر تىلى: ئاھالىنىڭ 85%نى ئىسپانىيىلىكلەر ئەۋلادى، 12%نى ئىتالىيىلىكلەر ئەۋلادى ئىگەللەيدۇ.يەنە %3 ئارىلاشما قانلىقلار، ئىندىئانلار ۋە نېگىرلار بولۇپ ئىسپان تىلى دۆلەت تىلى. پۇلى: ئارگىنتىنا پىسۇسى 3.054(2006), پىسۇ=بىر دوللار2.92 (2004) , پىسۇ=بىر دوللار3.06(2002) , پىسۇ=بىر دوللار ئىقتىسادى - 2006 -:يىلى ئارگېنتىنانىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 161مىليارت899مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 4100دوللار توغرا كەلگەن. ئارگېنتىنانىڭ 2002-يىلىدىن بۇيانقى يىىلىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 8-9% بولۇۋاتىدۇ. دىنى : ئاھالىنىڭ 92% دىن كۆپرەگى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پروتىستانتلار%2، يەھۇدىلار%2، مۇسۇلمانلار %1.6 ى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ. دۆلەت بايرىمى) -1810يىلى5 (ئاينىڭ 25-كۈنى ۋاقىت رايونى :غەربى3- ۋاقىت رايونى(

قىسقىچە تارىخى:

[تەھرىرلەش]

ئىسپانىيىلىكلەر كېلىشتىن ئىلگىرى شىمالدىكى بىر قىسىم زىمىنى ئىنگا ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، جەنۇبىدا ماپۇتا دۆلىتى ھۆكۈم سۈرگەن. 16-ئەسىردە ئاستا-ئاستا ئىسپانىيە مۇستەملىكىسىگە ئايلانغاندىن كېيىن ئىككىنچى مىسوپاتامىيە)يەنى مۇنبەتلىگى ئىراقتىكى ئىككى دەريا ئارىلىقىغا سېلىشتۇرما قىلىنغان ئوروگۋاي دەرياسى بىلەن پاراگۋاي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقۇرى ئۈنۈملۈك تېرىلغۇ يەرلەر،( پامپاس مۇنبەت تۇپرىقى ۋە پاتاگونىيە ئوتلىقىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بىلەن زور كۆپ ساندىكى ئىسپانىيىلىكلەر كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 1820-يىلى مۇستەقىللىق ئىنقىلاۋى پارتىلاپ 1826-يىلى بولىۋىيە، پاراگۋاي، ئۇرۇگۋايلار بىلەن بىرلىكتە مۇستەقىل بولغان، كېيىن باشقا دۆلەتلەر بىر-بىرلەپ ئايرىلىپ ئايرىلىپ كېتىپ قالدا زىمىندا بۈگۈنكى ئارگىنتىنا شەكىللەنگەن. مۇستەقىل بولغاندىن تارتىپ ئىزچىل مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقتا تۇرۇپ كەلگەن ئارگېنتىنا 2001-يىلىدىكى ئىقتىسادى كىرزىستىن كېيىن تۇنجى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ھاكىمىيەت تىكلەندى.

مۇنبەت زىمىن ۋە ساپالىق پۇخرالىرى بىلەن 100يىل ئاۋال دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت شەرىپىگە ئېرىشكەن ئارگېنتىنا كېيىنكى زامانىۋى سانائەت ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا سەل كېيىن قالغان بولسىمۇ يەنىلا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نىسبەتەن باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئارگېنتىنا زىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپ زىمىنى مۇنبەت ئوتلاق، %10زىمىنى مۇنبەت تېرىلغۇ يەر بولۇپ تېرىقچىلىق ۋە كالا باقمىچىلىقى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كانچىلىق، نېفىت ۋە مېتاللورگىيە، ماشىنىسازلىق سانائىتى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %9.5، سانائەت %35.8، مۇلازىمەت %54.7 نى ئىگەللەيدۇ. -2006يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى8مىلىيۇن 855مىڭ، يانپون ئابونتى 22 مىليۇن154مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 13مىلىيۇن بولغان.


مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]