سەككىز دۆلەت گۇرۇھى (G8)

ئورنى Wikipedia
سەككىز دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ گېرمانىيدىكى ئۇچرىشىشى، 2007
سەككىز دۆلەت گۇرۇھى
ڧرانسىيە: پرىزدېنت نىكولاس ساركوزى
گېرمانىيە: باش مىنىستېر ئانگېلا مېركېل
ئىتالىيە: باش مىنىستېر سىلىۋىئو بېرلۇسكونى
ياپونىيە: باش مىنىستېر يۇكىئو خاتوياما
ئا ق ش: پرىزدېنت باراك ئوباما
ئەنگلىيە: باش مىنىستېر گوردون بروۋن
كانادا: باش مىنىستېر ستېۋېن خارپېر
روسىيە: پرىزدېنت دىمىترى مېدۋېدېۋ

سەككىز دۆلەت گۇرۇھى - دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر سىياسى - ئىقتىسادى تەشكىلاتتۇر. بۇ تەشكىلات ئەڭ دەسلەپتە 1975 - يىلى ڧرانسىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئالتە دۆلەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان، تەشكىلى دۆلەتلەر: ڧرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە، ياپونىيە ۋە ئا ق ش. بىر يىل كىيىن، 1976-يىلى كانادا بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ تەشكىلات يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن. 1997 - يىلىغا كەلگەندە، روسىيەنىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن، نۆۋەتتىكى سەككىز دۆلەت گۇرۇھى، قىسقارتىلمىسى - G8، مەيدانغا كەلدى.

يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا ئوخشىمايدىغان يېرى سەككىز دۆلەت گۇرۇھى - دۇنيادىكى سانائەتلەشكەن، ئىقتىسادى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان باي دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دۇنيادىكى سىياسى - ئىقتىسادى، ئېنىرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەردە مۇھىم ۋە نازۇك قارارلارنى چىقىرىشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.

"سەككىز دۆلەت گۇرۇھى"غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دۇنيادىكى ئون چوڭ ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەردۇر، ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق مىللى دارامىتى 35 مىڭ دوللارنىڭ ئۈستىدە. ئۇنىڭدىن سىرت، دۇنيادىكى 20 چوڭ ئاكسىيە بازىرى بۇ دۆلەتلەرگە ئائىتتۇر (ئا ق ش، ياپونىيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ڧرانسىيە، كانادا).

ئۇنىڭدىن سىرت، دۇنيادىكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى نېڧت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر(ئا ق ش ۋە روسىيە)، ئەڭ چوڭ نېڧت مەنبەسىگە ئىگە دۆلەت(كانادا) بۇ گۇرۇھنىڭ ئەزالىرىدۇر. ئەڭ چوڭ توققۇز يادرو ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ يەتتىسى يەنە بۇ گۇرۇھتا(ئا ق ش، روسىيە، ڧرانسىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئەنگىليە، كانادا). بۇ گۇرۇھتىكى يەتتە دۆلەت (روسىيەدىن باشقا) ب د تنىڭ يىللىق خامچوتىغا ئەڭ كۆپ خىراجەت ئاجراتقان دۆلەتلەردۇر.


مەنبە[تەھرىرلەش]

ۋىكىپېدىيە ئىنگىلىزچىسى