لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ئورنى Wikipedia
Question book-4.svg مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ئوت يۈرەك شائىر - لۇتپۇللا مۇتەللىپ

مەزمۇنى

[تەھرىر] ھاياتى

ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﻤﯩﺰ لوﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ 1922-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻤﯘتاﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﭼﯜﻧﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺒﻮﻳﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . 1931 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﮬﯧﺰﯨﻤﺎﺧﯘﻥلوتپۇللانىﺭﻭﺱﯞﻩتاتارﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻥ ...

لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 23 يىللىق ھاياتىدا «يىللارغا جاۋاپ » خىيالچان تىلەك « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى ،«پادىشاھ سامورايلىرى ھالسىرايدۇ » « ئەجەل ھودۇقۇشىدا » ناملىق مەشھۇر فېلىيەتونلارنى يېزىپ قالدۇردى ،شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل ،چۈشۈنۈشلۈك ، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرىت مىللەتپەرۋەرلىك ، خەلىقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ،ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا !!

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان، كىيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن ، كېيىن ئاقسۇ گېزىتىدە ئىشلىگەن ۋە بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . 1944 يىلى غولجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاپ سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ، لوتپۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى لۇپتۇللا مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۇرمىگە قامىغان ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە ، گومىنداڭ تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىلەرچە قەتىل قىلغان . كىيىن كىشلەرلوتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتنى ئەۋرەز كارىزىغا تاشلىۋىتىلگەن يېرىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ تاراپ ئاقسۇ شەھەرى ئاق مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى ( ھازىرقى شىياڭگاڭ بازىرىنىڭ ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلغان .

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدىكى قەبرىسى

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيى چۈشكەن سۈرىتى

لوتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر ، ئەدىب بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ، تىنىچلىقى ، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت . بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش -ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز !

خەلقىمگە ئەي شىنجاڭ خەلقى، خىزمەتكە دائىم تەييار بول، ئۈستۈنلۈكلەرنى جانلاندۇرۇشتا ھوشيار بول. نېمىلەر چۆرگىلىمەكتە جۇڭگو بېشىدا، خەلقىم، پۇرسەت يەتتى، ھەممىگە تەييار بول.

جەڭ مەيدانىدا غالىب بولماقتىمىز، قەھرىمانلارغا ياردەم توپلاش كويىدا بول. ئاخىرقى چوڭ ئۈستۈنلۈكنى ئېلىپ چىقىشقا، جاھانگىرلارغا توسالغۇ ئۆڭكۈر-غار بول.

تىرىشقىن، خەلقىم، كېچە-كۈندۈز ئىش يولىدا، ئاداققى دەمدە سائادەتلىك باھار بول. ياخشى چۈشىنىپ سوۋېت بىلەن دوستلۇقىنى، كۈرەشتە سەن قەھرىمان، جەسۇر بول.

قەدەم چىقماستىن ئازادلىقنىڭ يولىدىن، مەھكەم بۇزۇلماس سەپنىڭ قوينىدا بول. ماڭغىن سائادەت دۇنياسىغا كەڭ ئاتلاپ، ۋەتەن، ئەل ئۈچۈن قايتماس پىداكار بول.

ئازادلىق يولىنى مەزلۇملارغا ئېچىشقا، ئۇلارنىمۇ ئىنسان قاتارىغا قېتىشقا. قاراڭغۇ ماكانغا ساپ چېچشقا، سۆيۈملۈك خەلقىم، قۇۋۋەتلىك ساپ نۇر بول.

1937-يىل ئۆكتەبىر، غۇلجا

«ئەپەندى» بولماق

بۇ يىل ئون ئىككى يىل بولۇپ قالدى، ئۇكام، بۇ، ئەپەندى بولماق مېنى بىر بالاغا سالدى، ئۇكام. شۇ ئون ئىككى يىل ئىچىدە ساقلىمىنى قىرىپ يۈردۈم، كەينى يىرتىق چاپانلارنىمۇ كىيىپ يۈردۈم. لېكىن «ئەپەندى» دېگۈچىلەرنى ھېچ كۆرمىدىم، ئۇكام، بىر جاۋاب بەرسىڭىزچۇ، «ئەپەندى» دېمەسكە يەنە نېمەم كام؟

غەم يېمەڭ، ئاكا، ئۇنىڭ ئىشى بۇ زاماندا بەك ئاسان، ھازىر ئۇدۇللا ماگىزىنغا بارىسىز. ئازراق پۇلىڭىزغا كاستۇمدىن بىرنى ئالىسىز، يەنە كازبىكتىن يانچۇققا بىرنى سالىسىز، يەنە ئالىسىز ئاق كۆڭلەك ۋە ئۇزۇن گالىستۇك، بىر سېرىق شىبلىت كىيىسىز ئاندىن ئۇنى موك. تاماكىڭىزنى قىڭغىر چىشلەپ يۈرۈۋېرىڭ، سىزنى «ئەپەندى» دېگۈچىلەرنى كۆرۈۋېرىڭ.

                                           1937   -يىل نويابىر، غۇلجا 

دېھقىنىمغا

قىشلار كەتتى،

كۆكلەم يەتتى.

كۈننىڭ نۇرى چېچىلدى.

ئاپئاق قارلار ئېرىدى، دېھقىنىم، باھارنى سېغىندىڭمۇ؟

بوستانلاردا قۇشلار سايراپ، ئىشقى-شوقى بىلەن قاراپ

دەردلىك كۆڭۈلنى ئاچقان ئوماق قۇشلارنى سېغىندىڭمۇ؟

يەر قوينىنى تىلغاشنى بۈگۈن يەنە سېغىندىڭمۇ؟

ئېتىزلارنى بوستان قىلىپ، يەر باغرىغا پاك كۈچ سېلىپ.

نۇرغۇن ھوسۇل ئېلىشنى، ئەي دېھقىنىم سېغىنىدىڭمۇ؟

كېچە-كۈندۈز كەتمەن چېپىپ قارا يەردىن ئالتۇن تېپىپ؛

ماڭلاي تەرنى يەرگە سېپىپ ئېتىزلارنى سېغىنىدىڭمۇ؟

         1938-يىل مارت،غۇلجا 
كۈرەشچان جۇڭگو خوتۇن-قىزلىرى 

«ئىت ۋاپا، خوتۇن جاپا» دەپتىكەن بىر ساددا تىتىرەك، قارا يىللارنىڭ بىر «دانىشمىنى»(!؟)

بىز ئەمدى ئارقىغا تاشلىدۇق، بىز يىراققا، «چېچى ئۇۇزن، ئەقلى قىسقا» دېگەن چىگىش ئۆتمۈشنى.

ئەقلىڭ بىلەن تەڭشەپ ئۆتمۈش يىللىرىنىڭ، دەل كۆكسىگە كۈرەش خەنجىرىنى ئۇرساڭ؛ مىڭ بىر بالالار بىلەن چاپلاشتۇرغان سىرلىرى ئېچىلىدۇ روشەن بولۇپ، قىلنى قىرىق يارساڭ.

ھەممىمىز كۈرەشچان بىز، يىللىرىمىز كۈرەش يىللىرى، كۈرەشنىڭ نازۇك سىرلىرىنى ئۆگەندى بىزدەك ئەر-خوتۇن قىز ئۆتمۈشنىڭ تار يوللىرى قالدى ئارقىدا ماڭىمىز،ئېچىلىدى ئالدىمىزدا داغدام يول ــ ئىز.

                                        1938 -يىل مارت، غۇلجا 

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى

كۈرەش، كۈرەش دەپ دائىما تىرىشىپ تۇرساق، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى. ھەر قەدەمدە كونا تۇرمۇش بىلەن ئېلىىشپ تۇرساق، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

جاھانگىرلار يەر يۈزىدىن تامام يوقالسا، مەزلۇم ئەللەر يېڭى ھاياتتىن كەڭ يول ئالسا، زادى تۈگىمەس سائادەتكە قەدەم قويسا، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ئۆمەكلىىشپ مەزلۇملار بىلەن بىللە ئىشلىسەك، ھەقىقەتەن يېڭى يولغا راست كىرىشسەك، باراۋەرلىك ئۇللىرىنى مەھكەم قۇرساق، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

يوقسۇل، مىسكىنلەر ئەمدى تارتمىسا مۇشەققەت، «ئاھ...نەيلەي، قىسىلىدىمغۇ»دىمىسە پەقەت، ئازادلىقتىن شۇلارغا ياغسا مېھىر-شەپقەت، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ئېلىمىزدە ئىلىم-مەرىپەت تېشىپ تۇرسا، دولقۇنلاپ ئۆزىمىزدىن ئېشىپ تۇرسا، خائىنلار يوللىرى كېسىپ تۇرسا، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئچىلاتتى.

ھەربىر يەردە زاۋۇت-فابرىكا ۋارقىراپ تۇرسا، تۆمۈر يولدا ئوت ھارۋىلار جارقىراپ تۇرسا، ھاۋا قۇشلىرى ئۈستىمىزدە غارقىراپ تۇرسا، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

قەھرىمان ياشلار ئەمدى تەييار تۇرسا، قەھرىمانلارچە ھەربىر ئىشتا ھوشىيار تۇرسا، قاراڭغۇ بۇلۇڭلارغىمۇ چىراغلار يېقىلسا، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ئەسكى تۇرمۇش ھەر قەدەمدە ۋەيران بولسا، ئىسىبداتچى قارا كۈچلەر گۇمران بولسا، ئوقۇمىغان نادانلار ئەمدى ئىنسان بولسا، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

گۇرۇھ-گۇرۇھ زىيالىيلار قىلسا خىزمەت، ھەربىر ئېغىر ئىشلارغا قىلسا جۈرئەت، پۈكسە كۆڭلىگە دائىما توغرا نىيەت، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

مىللەتچىلىك يىلتىزىنى يۇلۇپ تۇرساق، ھەقىقەت دەپ مەيدىمىزنى كېرىپ تۇرساق، جۇڭگونىڭ ئازادچى ئەللىرى بولساق، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ھەربىر ئىشتا ئەل خىزمىتىگە ئاساسلانساق، قۇرۇپ تېخنىكا، ئېغىر ئىشنى ئاسانلاتساق، تەرەققىيات يولىغا ئەزىز جاننى ئاتىساق، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى. مۇتەللىپ، سەن ھەقىقەتنى تارتىنماي سۆزلە، غەيرەت بىلەن قۇزغۇنلار يوللىرىنى تورا. بۇ يولداۋارقىرىساڭ ھەيۋەت بىلەن «ھۇررا» بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

                                             1938-يىل ئاپرېل، غۇلجا

كۆكلەم ئىشقى يېشل كۆكلەم،سەن پەسىللەر ئەركىسى، سېغىندىم،سېغىنغاندۇ سېنى ھەر كىشى. يەنە گۈللەر بۇلبۇل ۋە سۇمبۇللار، سېنىڭ نەقىش زىننىتىڭدۇر بۇلار ھەممىسى. يەنە سۇلار،شارقىراتمىلار، شوخ شاماللار، ئەركىلەپ، سۆيۈپ باغرىڭدا جەۋلان قىلغۇسى. سۈزۈك تاڭ، سۈزۈك كەچ، ئايدىڭ تۈنلىرىڭ، ئەمگەك كۈنلىرىڭ سىردىشىدۇر دېھقان بالىسى. ئېتىز چىرايلىق، ئېتىز قايناق، ئېتىز يېقىملىق، ئېتىز ئەمگەكنىڭ كەڭتاشا، ئەركىن سەھنىسى. قۇش-قۇرتلار سازەندە، تورغايلار داپچى، ئۇرغۇپ جاراڭلار ھەريەردە ئەمگەك نەغمىسى. چاپ كەتمەننى، تىلغا يەرنى، تەڭكەش قىلىپ، شۇ سەھنىنىڭ سەنئەتكارى ــ دېھقان ئاممىسى. ئانىسى ئۇرۇقچى، قىزلىرى سۆرەمدە، ئائىلە ئىشتا، ھەربىر ئايال ــ داڭدار مېھنەت ئارتىسكىسى. ئېتىزدە توي، داغدۇىلىق كونسېرتنى قوي، كۆكلەم ئىشقى ــ ياش شائىرنىڭ ئىلھامچىسى.

                                         1938-يىل ئاپرېل، غۇلجا 

چىمەن

چىمەن ــ ئىشچان قىز، زادى ھارمايدۇ، ئىشلەپ كېچە-كۈندۈز بىكار يۇرمايدۇ. ئەمگەك يارىتىدۇ، ئاڭا جان ئاتىدۇ، خۇشاللىلق تاپىدۇ، لايغەزەل بولمايدۇ.

خوراز قىچقارغاندا،تاڭلار ئاتقاندا، ئىلدام ئېتىزغا قاراپ چامدايدۇ. ناخشىلار ئېيتىپ، تەرلەر ئاققۇزۇپ، ئىشلاردا ئۈزۈپ، مۆلچەر قامدايدۇ.

كۈمۈش ئايدىڭلاردا، ساپ ھاۋالاردا، ئورۇپ ئورمىلار چوڭلاردىن قالمايدۇ. ئالتۇن باشچىلاردىن ئۈنچىلەر تىزىپ، سۈرەتتەك قىلىپ باغنى باغلايدۇ.

كەينىدە قالغانلار «ئۇھ» دەپ ھارغانلار، چىمەن كۈلۈپ قويغاندا ئالغا ئاتلايدۇ. چىمەنگۈل شۇنداق، بىرىنچى ھەرۋاق، ئاھ، ھەممە ئامراق «چىمەن» دەپ يادلايدۇ.

تېخى چىمەنگۈل «بەشىنچى» بۇ يىل، خۇددى ئۇ بۇلبۇل، كىتابقا قارايدۇ. سەھنىگە چىقىپ ئوقۇساناخشا، شېئىر يادلىسا، بۇلبۇلدەك سايرايدۇ.

ئوقۇش تۈگىسە، ئاتا-ئانىسى كۆنسە، يەنە مەكتەپتە ئوقۇشنى ئويلايدۇ. ئىلىم ئوقۇپ نىيەتكە، چۈشىنىپ سىياسەتكە، ئەل ئارا خىزمەتكار بىر يوللا بويلايدۇ.

چىمەننىڭ مەقسىتى شۇ، ئاڭا يەتمەكچى ئۇ، ئېيتىپ «قوزغال» نى خۇشال ئوينايدۇ. دەۋر چىمەنلىرى بەرگەندە سالام، مۇتەللىپ يۈرىكىدە ئىلھام قاينايدۇ.

                                       1938-يىل ماي،  غۇلجا 

بىز شىنجاڭ ئوغۇل-قىزلىرى

بىز شىنجاڭ ئوغۇل-قىزلىرى، بىز ئۈمىد يۇلتۇزلىرى، كۈرەش قاينىمىدا ئۆسكەن، كىرسىز-پاك قۇندۇزلىرى. بىز ئۈمىد يۇلتۇزلىرى، كەلگۈسىنى كۆزلەيمىز ھامان.

ئالىي بىزنىڭ تىلەكلەر، ئىشچان باتۇر بىلەكلەر، دائىم ئالغا ئىنتىلىدۇ دولقۇنلاپ ياش يۈرەكلەر. ئالىي بىزنىڭ تىلەكلەر، ئالغا ئاتلايمىز تىنماي ھەر زامان.

ناخشا ئېيتىمىز تارتىماي، ۋەتەن يولىدا تىنماي، بىرلىك سەپتە تەكشى ماڭىمىز، بىر-بىرىمىزدىن قالماي. ۋەتەن، ئەل يولىدا تىنماي، قەھرىمانلارچە ماڭىمىز كۆزلەپ مەيدان.

ئېگىز-پەسنى تۈزلەيمىز، يېڭىلىقنى كۆزلەيمىز، «مەزلۇملار، بىرلىشىڭلار!» دەپ دائىما سۆزلەيمىز. ئېگىز-پەسنى تۈزلەيمىز، پۈتۈن جۇڭگونى قىلىمىز گۈلىستان.

بىزگە قەدىرلىك ئەمگەك، شۇڭا يېپىىشىمىز بەك، ئەمگەك بىلەن ھەر ئىشىمىز ئالغا ماڭار دېگەندەك. بىزگە قەدىرلىك ئەمگەك، ئەمگەك بىلەن پەيدا بولار ھۆر ماكان.

بىز كۈرەش يارىتىمىز، بنىز ئۇنىڭغا جان ئاتىمىز، كۈرەش بىزگە شۇنداق يېقىن، ئۇ ئاتا-ئانىمىز. بىز كۈرەش يارىتىمىز، كۈرەش بىلەن كېلىدۇ بىزگە چوڭ دەرمان.

سازىمىزنى قولغا ئېلىپ، بىرلىك پەدىگە چېلىپ، خەلقئالەم دىققىتىنى ئۆزىمىزگە جەلپ قىلىپ. بىرلىك پەدىگە چېلىپ، قويمايمىز يۈرەكتە ھېچ ئارمان.

جەڭ قاينىمىدا قايناپ، جەسۇرانە مەيداندا ئويناپ، ھەر مىنۇتتا غالىب كېلىپ، ئەزىز تۇپراقنى قوغداپ. ھەرمىنۇتتا غالىب كېلىپ، بولىمىز راست ئازادچىل قەھرىمان.

                                   1938-يىل ئاۋغۇست، غۇلجا

جۇڭگو پارتىزانلىرى

جەڭ قايناملىرى دېڭىزدەك قايناپ تۇرىدۇ، ئاچ كۆز ياپونلار بىزگە قارشى سويلاپ تۇرىدۇ. ياغدۇرۇپ بومبا، چېچىشىپ زەھەرلىك گازلار، يىرتقۇچ ھايۋاندەك قان ئىچىپ، بويلاپ يۈرىدۇ. شۇ پۇرۇقلىغان چوڭ كۈرەش، مەيدان ئىچىدە، كۆكرەكلەر كېرىپ بارماقتا بىزنىڭ پارتىزانلار. سوققىلار بېرىپ ھەر قەدەمدە فاشىستلارغا، قانلار كېچىشىپ، ئىنتىقام ئالماقتا ئارسلانلار. تۈن كېچىلىرى ياتمايدۇ دۈشمەننى كۆزلەپ، قايتىدۇ جەڭدىن ياۋنى يۇملىتىپ يۈزلەپ. ئالىي بولغاچقا تىلىكى، قىلماي ھېچ نالە، كېتىپ بارىدۇ ياپوننىڭ ئاكوپىنى تۈزلەپ. ئېغىرلىقلارغا چىدايدۇ، ئىزدىن تايمايدۇ، قىزغىن جەڭلەردە ھەرگىز ئارقىغا يانمايدۇ. ۋەتەننى ئازادلىق-ھۆرلۈككە يەتكۈزمەي تۇرۇپ، كۈرەش كەۋسىرىن ئىچىپ يۈرىكى قانمايدۇ. ئەنە قولىدا جۇڭگو ئەلىمى يەلپۈنىدۇ، «ۋەتىنىم!» دەپ ئالغا قاراپ تەلپۈنىدۇ. باسقۇنچىلارنىڭ يىلتىزىن قۇمۇرۇپ تاشلاشقا ھەر چامدامدا ئالغا قاراپ تەمشىلىدۇ. ئىشقا ئاشمايدۇ ياۋنىڭ مەخپىي پىلانلىرى، چۆچۈتەلمەيدۇ بومبىلاپ ئايروپىلانلىرى. كۆتۈرەلىسە گەر دۈشمەن كۆككە خۇددى قۇشتەك، چۈشۈرىدۇ تىك، مەرد جۇڭگو پارتىزانلىرى.

                                1938-يىل سېنتەبىر، غۇلجا

كۈرەش

كۈرشنى قىزىتتۇق بىز، ئاخىرقى يېڭىش بىزنىڭدۇر، كۈرەشكەنسرى چېڭىش، زەپەرلىك سۈرئەت بىزنىڭدۇر.

كۈرەشكەن ھەر فرونتتا، ھەر دائىما بىزلەر يەڭدۇق، يېڭىشتە ئالغا مېڭىش، كۈچ-قۇۋۋەت بىزنىڭدۇر.

ئەسىر بويى مەزلۇملار زۇلۇم-زۇقۇملار تارتىپ كەلدى، جاھانگىر-جاللاتلارنى يوق قىلىش نۆۋەت بىزنىڭدۇر.

شۇڭلاشقا بۇ كۈرەشنىڭ قايناملىرىغا چۈشتۇق بىز، ئازادلىقنىڭ يولىدا چىن غالىبىيەت بىزنىڭدۇر.

بۇ كۈرەش ئىقبالىدىن قايناق تىلەك تاغدەكتۇر، ئەڭ ئاداققى زور يېڭىش، يېڭى ھايات بىزنىڭدۇر.

                                   1938-يىل سېنتەبىر، غۇلجا

جانان ئەيلەر

بۇ كۈرەش مەزلۇملارنىڭ بەختى-تەلىيىن گۈلىستان ئەيلەر، ئەزگۈچى، قانخور جاھانگىرلارنىڭ باغرىن كېسەر، قان ئەيلەر.

مەزلۇملارنىڭ قۇدرەتلىك بىرلىك كۈچىن يېڭەلمەيدۇ دۈشمەن، دۇنيادا ۋەھشىيلەر تەختىن قويماستىن چاقار، ۋەيران ئەيلەر.

يورۇقتۇر مەزلۇملار ئىقبالى كۈرەشكەندە ئالغا چامداپ، گاڭ بىلەكلەر تاۋلانغان، دۇنيانى چاپسان كەڭ مەيدان ئەيلەر.

«قوزغال،ئەمدى قۇللۇقنى خالىمىغان ئىنسان ئەۋلادى»، كۈرەش، ئالغا چامدا، بۇ كۈرەش بەختىڭنى ئاچار، جانان ئەيلەر.

[تەھرىر] لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدىكى ئىدىلوگىيە

[تەھرىر] نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرى

[تەھرىر] لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ سىياسى پائالىيەتلىرى ۋە كۈرەشلىرى

[تەھرىر] ئوتتۇرا ئاسىيادا لۇتپۇللا مۇتەللىپ

[تەھرىر] لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئەسەرلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش

تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە يازغان كىتابلىرى:

  • لۇتۇن
  • تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز
  • لۇتپۇللا مۇتەللىپ

[تەھرىر] پايدىلانغان مەنبەلەر

Lutoplla22.jpg

شەخسىي قوراللار

ۋارىيانتلار
ئات بوشلۇقى
مەشغۇلات
يولباشچى
قورال ستونى
باشقا تىلاردا