مالىكىي مەزھىبى

ئورنى Wikipedia

مالىكىي مەزھىبى

ئېنىقلىما:

مالىكى مەزھىبى ئىسلام ئالىمىدىكى تۆت چوڭ سۈننى فىقھىي مەزھەبنىڭ بىرى. ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) نىڭ ئىسمىغا ئاساسەن "مالىكىي مەزھىبى" دەپ ئاتالغان.

قورۇلۇشى ۋە ئاساسلىق كىشىلىرى:

ـ مەزھەپنىڭ قۇرغۇچىسى: تولۇق ئسىمى، مالىك ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك ئىبنى ئەبى ئامىر ئەلئەسبەھىي ئەلمەدەنىي بولۇپ، تابىئىنلاردىن كېيىنكى دارۇلھىجرە (مەدىنە مۇنەۋۋەرە) نىڭ ئىمامى ئىدى. ئۇ ھىجرىيەنىڭ 93 ـ يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە تۇغۇلۇپ، 179 ـ يىلى مەدىنىدە ۋاپات بولغان. ئۇ، ئۇمەۋىيلار دۆلىتى گۈللىنىپ، يۇلتۇزلىرى پارلىغان مەزگىللەردە ياشىدى ۋە ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ تازا كۈچلەنگەن چاغلىرىغا زامانداش بولدى. چوڭ دادىسىنىڭ دادىسى ئەبۇ ئامىر ھۆرمەتكە سازاۋەر ساھابىلەرنىڭ بىر بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بەدرىدىن باشقا بارلىق ئورۇشلارغا قاتناشقان. چوڭ دادىسى مالىك تابىئىنلارنىڭ چوڭلىرى ۋە ئالىملىرىدىن سانىلاتتى. ئۇ قۇرئان كەرىمنى يادلىغان، ئۆلىمالارنىڭ ئولتۇرۇشلىرى بار يەرلەرگە داۋاملىق بېرىپ تۇرغان كىشى بولۇپ، ناھايىتى باي ئىلمىي، فىقھىي مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ مەۋلاسى نافىئ، ئىبنى شىھاب ئەززۆھري، ئىبنى ھەرمەز ۋە رەبىيئە ئىبنى ئابدۇرراھمان قاتارلىقلاردىن ئىلىم ئىگەللىگەن. ئىمام سادىقنىڭ سورۇنلىرىغا كېلەتتى. ئۇ ساھابىلەرنىڭ ۋە تابىئىنلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ پەتىۋالىرىغا كۆڭۈل بۆلەتتى. كىچىكىدىلا دىنى مەلۇماتى مۇكەممەللەشكەن ئىدى. ئۇ ئۆلىمالارنى چوڭ بىلەتتى، ھۆرمەتلەيتتى ۋە ئۇلارنى ھوقۇقدار ۋە ئىناۋەت ئىگىلىرىدىن ئۈستۈن كۆرەتتى. شافىئىي ئۇنىڭ ھەققىدە مۇنداق دېگەن: "مالىك ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھۆججىتىدۇر". "خالىمىغان كىشىگە قەسەم كەلمەيدۇ" دېگەندىن ئىبارەت ھەق سۆزى ئۈچۈن مالىك ئۇرۇلدى، ئاللاھ يولىدا ئەزىيەتكە ئۇچرىدى. مەنسۇرغا بەيئەت قىلىدىغان چاغدا ئۇ زورلۇق بىلەن بەيئەت قىلدۇرۇلغان ۋە مەدىنىنىڭ ۋالىيسى مەنسۇرنىڭ نامىدىن ئۇنىڭ ھەققىدە گەپ ـ سۆز قىلىش ۋە مەنسۇر ھەققىدە سوئال سورىغانلارنى يىراققا ئىتتىۋېتىشتنى تەلەپ قىلغان. بىراق، ئۇ بۇ مەسىلىنى خەلق ئارىسىدا سۆزلەپ بەرگەن. مالىكنىڭ سۈننەت ۋە رىۋايەتلەرگە قىلغان ئەڭ چوڭ خىزمىتى، ئۇنىڭ مەشھۇر ۋە قىممەتلىك كىتابى "الموطأ" دور. ئۇ بۇ كىتابنى يېزىش ۋە تۈزىتىش ئۈچۈن قىرىق ۋاقتىنى سەرپ قىلغان. مالىك رىۋايەت ئىلمىنى موقىملاشتۇرغان تۇنجى كىشىدۇر. ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قىلغان رىۋايەتلىرى "ئالتۇن زەنجىر" رىۋايەتلىرى قاتارىغا كىرىدۇ.

ـ ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەلقاسىم ئەلمىسرى (128ھـ ــ 191ھـ): بۇ كىشى ئىمامنىڭ مالىكنىڭ شاگىرتلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يىگىرمە يىل ۋاقتىنى بىرگە ئۆتكۈزگەن ۋە مالىكىينىڭ فىقھىسىنى توپلاپ چىققان. ئۇ تەقۋالىقى، زاھىدلىقى، ھارامدىن قورقىدىغانلىقى، سەۋرچانلىقى، مەنسەپدارلاردىن يىراق تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى بىلەن ئەل ئارىسىدا تونۇلغان. ئۇنىڭ ھەققىدە تارىخچىلار مۇنداق دىگەن: ئىبنى ئەلقاسىم ، گەرچە ئۇ، چۈشىنىش ئىقتىدارى بار، ئىلىملىك، ھارامدىن قورقىدىغان ۋە مالىك ھەققىدە كۆپ بىر نەرسە دېيىشلەردىن خالىي بىرسى بولسىمۇ ئۇنى خاتىرلەپ مېڭىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مالىكنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇزۇن ۋاقت ئۆتكۈزگەنلىكى بىلەن مەشھۇر. "المدونة" (مالىكىيلارنىڭ تۇنجى كىتابى) گە قاراپ چىقىپ، ئۇنى تۈزەتكەن ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن سەھنۇن رىۋايەت قىلغان ۋە رەتلەپ چىققان.

ــ ئىمام مالىكنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھىب ئىبنى مۇسلىم (125ھـ ـ 197ھـ): ئىمام مالىكنىڭ ۋاپاتىغا قەدەر يىگىرمە يىل ھەمسەپەر بولغان ۋە "الموطأ الكبير و الموطأ الصغير" ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: "ئالىم، سالىھ ۋە فىقھىشۇناس، ئىلمىي كۆپ، سەھىھ ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلىدىغان، راستچىللارنىڭ ئارىسىدىكى ئىشەنچىلىك كىشى بولۇپ... ھەدىسلىرى تولىمۇ ساغلام ئىدى." ھەدىسشۇناس، فىقھىشۇناس ئىدى، قازىلىق ئىشلىرىدىن يىراق تۇراتتى، پەتىۋا بېرىشتىن قورقاتتى. ئۇ، ئىمام مالىكنىڭ فىقھىسىنى مىسىرغا تارقاتقان.

ــ ئەشھەب ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەلقىيسىي ئەلئامىرىي (140ھـ ـ 204ھـ) مۇ ئىمام مالىكنىڭ شاگىرتلىرىدىن بولۇپ، مىسىرنىڭ فىقھىي ئالىمى ئىدى. شافىئىي ئۇنى مىسىردا كۆرگەندىن كېيىن، "مىسىردىن فىقھىغا ئەشھەبتىن ئالىمراق بىر كىشى چىقىمىغان" دېگەن.

ــ ئىمام مالىكنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلھەكىم (155ھـ ــ 214ھـ): فىقھىغا ئالىم، سالىھ، سەمىمىي ۋە مۇلايىم كىشى ئىدى. ئەشھەبتىن كېيىن مەسئۇللۇق ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن. ئۇ شافىئىينىڭ دوستى ئىدى. ئۇنىڭ "علم الموطأ والأھوال والقضاء في البنيان" غا قىسقارتىلغان "المختپر الكبير والأوسط والصغير" ئۇنىڭدىن باشقا، "فضائل عمر بن عبد العزيز" ۋە "المناسك" ناملىق كىتابلىرى بار.

ــ پارىسلارنىڭ فىقھىي ئالىمى ئەسەد ئىبنى ئەلفۇرات (ھـ 213 ـ يىلى ۋاپات بولغان): ئەسلى نىساپۇرلۇق بولۇپ، تۇنىستا ئۆسۈپ يېتىلگەن. كېيىن مەككىگە ئىمام مالىكنىڭ قېشىغا كىلىپ، ئۇنىڭدىن "الموطأ" نى تەلىم ئالغان، ئارقىدىن ئىراققا بېرىپ، ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ ئىككى سەپدىشىدا ئوقۇغان. بۇنىڭدىن كېيىن مىسىرغا قايتىپ كېلىپ، ھەنەفىي فىقھىسىغا ئائىت ئىگەللىگەن بىلىملىرىنى ئەلىي ئىبنى ئەلقاسىمنىڭ دىققىتىگە سۇنغان. ئۇ ئۇنىڭغا مالىكىي مەزھىبىي بويىچە پەتىۋا بەرگەن. ئۇ مەسىلىلەر كېيىنكى دەۋرلەردە قەيراۋاندا نەشىر قىلىنغان "المدونة" نىڭ ئاساسىي بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ، سەقەلىييە غازاتىغا ئاتلانغان قوشۇننىڭ قوماندانلىقىنى قىلغان ۋە سەرقۇسەنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋاتقان مەزگىلدە ۋاپات بولغان.

ــ ئەسبەغ ئىبنى ئەلفەرەج ئىبنى سەئىيد (150ھـ ـ 225ھـ): بۇ مىسىرلىق فىقھىشۇناس ئىدى. ئۇ مەدىنىگە مالىكنىڭ يېنىغا ئىلىم ئىگەللەش ئۈچۈن بارغان، مالىك ۋاپات بولغان چاغدا ئۇنىڭ قېشىغا كىرگەن. مالىكنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىبنى ئەلقاسىم، ئىبنى ۋەھب ۋە ئەشھەبلەردە ئوقۇغان. ئۇنىڭ "آداب القضاء"، "تفسير غريب الموطأ"، "آداب الصيام"، ۋە "الرد على أھل الأھواء" قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ــ ئېيسا ئىبنى دىينار (212ھـ ۋاپات بولغان): قۇرتۇبىي ـ ئەندەلۇسى (ئىسپانىيە) لىق. ئىبنى ئەلقاسىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭدا ئوقۇغان ۋە ئۆز دەۋرىدىكى ئىسپانىيەنىڭ فىقھىي ئالىمىغا ئايلانغان. تارىخچىلار ئۇنىڭ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: "ئېيسا يېتىشكەن فىقھىشۇناس ئىدى... ئاللاھدىن قورقىدىغان، ئەمەل قىلىدىغان، ئىلىم ئەھلىلىرى ئارىسىدىكى ئىزچىل ئىبادەت قىلىدىغان كىشى ئىدى، چاقىرىققا ئاۋاز قوشاتتى. قىرىق يىلغىچە تۈندە ئالغان تاھارىتى بىلەن بامدات نامىزىنى ئوقۇغان، دېگەن گەپلەرمۇ بار." ئۇ تۇلەيتەلەدە ۋاپات قىلغان (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن)

ــ ئابدۇسسالام ئىبنى سەئىيد ئەتتەننۇخىي (160ھـ ــ 240ھ): ئۇنى سەھنۇن دەپ ئاتاشقان. قەيرەۋاندا فىقھىي ئۆگەنگەن. كېيىن مىسىرغا، ئارقىدىن مەدىنىگە بېرىپ ئىبنى ئەلقاسىم، ئىبنى ۋەھب ۋە ئەشھەبلەردىن دەرس ئاڭلىغان، ئەمما مالىكنىڭ دەرسىگە قاتناشمىغان. ئۇ ھەمىشە "ئاللاھ پەقىرلىكنى قۇرىتىۋەتسۇن! ئەگەر ئۇ بولمىغان مەن مالىك بىلەن ئۇچىرىشالايتتىم" دەيتتى. ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكى ۋە ئىلىمنى يادلىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بىرىلگەن كىشى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەتراپلىق فىقھىي ئىلمىي، سەمىمىي تەقۋالىق، ھەقىقەتتە كەسكىن تۇرۇش، دۇنيادىكى زاھىدلىق، يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەكتىكى ئاددى- ساددىلىق، كەڭ قۇرساقلىقلارنىڭ ھەممىشى مۇجەسسەملەشكەن. ئۇ سۇلتانلاردىن بىر نەرسە قوبۇل قىلمايتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ماراكەشتە بەك ئەھمىيەت بىرىدۇ. "المدونة" نى يازغان بولۇپ، قەيرەۋانلىقلار ئۇنىڭغا تايىنىدۇ، بەلكى ئۇ، تارىخ بويلاپ مالىكىي مەزھىبىدىكىلەرنىڭ ئاساسلىق كىتابى بولۇپ كەلگەن.

ئىمام مالىكنىڭ مەزھىبىنىڭ ئۇسۇلى (ئاساسلىرى):

ــ قۇرئان كەرىم

ــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى

ــ ساھابىلەر بىرلىككە كەلگەن مەسىلىلەر

بۇ ئۈچ ئۇسۇلدا تۆت چوڭ فىقھىي مەزھەپ بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، مالىك ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىلەرنى قوشۇمچە قىلغان:

ــ قىياس

ــ مەسالىھ ئەلمۇرسەلە (جان، دىن، ئەقىل ۋە مالنى قوغداش يولىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر خىل يەكۈن بولۇپ، بىر مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى بىر زىيانلىق ئەھۋالنى يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ ـ ت): بۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن ئېتىبار بىرىش ياكى ئېتىباردىن يىراقلاشتۇرۇشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدا نەس كەلمىگەن مەسىلىلەر.


ــ مەدىنىلىكلەرنىڭ پائالىيەتلىرى: بۇ ئاساستا ئىمام مالىك باشقا فىقھىي ئالىملاردىن پەرقلىنىدۇ... مالىك ئارىسىدا ئۆزى ياشاپ تۇرىۋاتقان مەدىنىلىكلەرنىڭ ئەمەللىرى خەبەر ۋاھىد ھەدىستىن كۈچلۈك دەپ قارايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ھەدىسنى رىۋايەت قىلىشنىڭ ئورنىنى باسىدۇ. جامائەتنىڭ رىۋايىتى يەككە بىر ئادەمنىڭ رىۋايىتىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن مالىك خەبەر ۋاھىد ھەدىسكە ئەمەل قىلىشتا ئۇنىڭ مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەللىرىگە قارشى كەلمەسلىكىنى شەرت قىلىدۇ. مالىكنىڭ نەزىردە مەدىنەلىكلەرنىڭ ئەمەللىرى مۇتلەق دەلىل بولالايدۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىش ۋاجىبتۇر.

ــ ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىنى قوبۇل قىلىش: مالىك "الموطأ" دە رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنىڭ قاتارىدا ئۇنىڭ كىتاۋبى ئەمرۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ (ئاللاھ ئۇ ئىككىسىدىن رازى بولسۇن) لارنىڭ ۋە مەدىنەدىكى ساھابىلەردىن پەتىۋالارنى خاتىرلىگەن يەتتە فىقھىشۇناسنىڭ پەتىۋالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مالىك شاتىبىي ئېيتقاندەك، ئۆز دەۋرىنىڭ سۈننەت ئىمامىي سانىلاتتى.


مالىكىي مەزھىبىنىڭ تارقىلىشى:


ــ بۇ مەزھەپ ھىجازغا، ئۇ يەردىن ئافرىقا قىتئەسىگە، بولۇپمۇ ماراكەشكە تارقالغان. ماراكەشتىن ئىسپانىيەگە تارقالغان. ھەتتا ئىسپانىيەدىكى مەھكىمە شەرئىييەدە مەنسەپ تۇتۇشنىڭ شەرتى قۇرئان كەرىمنى ۋە ئىمام مالىك "الموطأ" ناملىق كىتابىنى يادلاشتىن ئىبارەت ئىدى.


ـ ھەكەم ئىبنى ھىشام دەۋرىدە بۇ مەزھەپ ئىسپانىيىدە يۈكسەك پەللىگە چىقتى. مالىكىي مەزھىبىنىڭ مەشھۇر فىقھىشۇناسى يەھيا ئىبنى يەھيا ھەكەمنىڭ يېنىغا مۇستەھكەم ئورۇنلاشتى ۋە ئەبۇ يۇسۇف ھەنەفىي مەزھىبىنى ئىراققا تارقاتقىنىغا ئوخشاش، ئۇمۇ مالىكىي مەزھىبىنى ئىسپانىيە ۋە ماراكەشلەرگە تارقاتتى.


ــ مالىكنىڭ ھىمايىچىلىرى بۇ مەزھەپنى مىسىرغا ئېلىپ كەلدى، مىسىر ھىجازدىن كېيىنكى مالىكى مەزھىبى تارقالغان بىرىنچى دۆلەت بولۇپ قالدى.


ــ مالىكىي مەزھىبى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە مىسىر ئېگىزلىكلىرى، سۇدان ۋە ھىجازنىڭ قارشىسىغا توغرا كىلىدىغان ئافرىقا قىتئەسىنىڭ باشقا جايلىرىدا ھېلىھەم ئۈستىنلىكنى ئىگەللەيدۇ.

ــ بۇ مەزھەپتىكى قاراشلارنىڭ كۆپلىكىگە ئاساسەن، مالىكىي فىقھىسىدا ئىزدەنگەن كىشى تۈرلۈك پىكىر مىۋىلىرى ۋە تەتبىقلاشقا بولىدىغان ئوخشىمىغان مۇھىت ۋە ئوخشاش بولمىغان رايونلارغا ئويغۇن كېلىدىغان ھەرخىل تۈستىكى فىقھىي تالاش ـ تارتىشلارنى ئۇچىرىتىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن شۇ نەرسە ئايدىڭلىشىدۇكى، مالىكىي مەزھىبى تۆت چوڭ سۈننى ئىسلام فىقھىي مەزھەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسچىسى ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) دۇر. مەزھەپنىڭ ئاساسىي قۇرئان، سۈننەت، ساھابىلەرنىڭ ئىجمائلىرىدىن باشقا، قىياس، مەسالىھ ئەلمۇرسەلە، مەدىنىلىكلەرنىڭ ئەمەللىرى ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىنىمۇ ھۆججەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشنى چۆرىدەيدۇ. بۇ مەزھەپنىڭ مۇھىم كىتابلىرى "الموطأ"، "المدونة"، "الموازية"، "بداية المجتھد" ۋە "الأخيرە" لەردىن ئىبارەتتۇر. مالىكىي مەزھىبى ھىجازغا، ئۇ يەردىن ماراكەش، ئىسپانىيە ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىگە تارقالغان. ئۇ مىسىر ئېگىزلىكلىرى، سۇدان، بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە باشقا يەرلەرگە تارقالغان.

ئەتراپلىق مەلۇمات ئۈچۈن پايدىلىنىش مەنبەلىرى:

(ئا) مالىكىي مەزھىبىنىڭ مۇھىم كىتابلىرى:

- ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس: الموطأ (ھەدىس، رىۋايەتلەر ۋە ئىمامنىڭ قاراشلىرىنى بىر ئارىدا)

- سەھنۇن ئىبنى سەئىيد ئەتتەننۇخىي: المدونة (ئىمام مالىكنىڭ قاراشلىرى بولۇپ، شاگىرتى سەھنۇن تەرىپىدىن توپلانغان)

- مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئەلئىسكەندەرىي ئىبنى زىياد (ئىبنى ئەلمەۋۋاز نامى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، ھىجرىيە 269 ياكى 281 ـ يىلى ۋاپات بولغان): الموازيە

- ئىبنى رۇشدى (450ھـ - 520ھـ): بداية المجتھد

- ئەلقەررافىي: الۇخيرە

-       ئەلھاتتاب: مواھب الجليل  

(ب) قىسقارتىلغان كىتابلار:


- شەيخ خەلىيل ئىبنى ئىسھاق ئەلمالىكىي (ھـ 767 ـ يىلى ۋاپات بولغان): المختپر في الفقھ المالكي ـ بۇ كىتابنىڭ شەرھىلىرى بولۇپ، تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ بىر قىسمى:


- ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلمالىكىي (ئەلھاتتاب نامى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، ھىجرىيەنىڭ 954 ـ يىلى ۋاپات بولغان): مواھب الجليل لشرچ مختپر الخليل، بىرىنچى نەشرى ـ سائادەت نەشرىياتى، مسىر (چىسلاسىز)


- مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئابدۇلقادىر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەسسىنباۋي (ئەلئەمىير نامى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، ھىجىرىيە 1232- يىلى ۋاپات بولغان): المجموع الفقھي في مۇھب الإمام مالك ـ (وھو متن مختپر)


(د) مەزھەپنىڭ ئاساسلىق كىشىلىرىنىڭ تەرجىمىھاللىرى:


- ئەلقازي ئېياز ئىبنى مۇسا ئەسسەبتي (445ھـ ۋاپات بولغان): ترتيب المدارك وتقريب المسالك لمعرفة أعلام مۇھب مالك


- بۇرھانۇددىين ئىبراھىم ئىبنى ئەلىي ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى فەرھۇن ئەلئۇمەري ئەلمەدەنىي ئەلمالىكىي (ھـ 779 ـ يىلى ۋاپات بولغان): الديباج المۇھب في معرفة و عيان علماء المۇھب


ئۇنۋىرسال كىتابلار:


- د.مۇھەممەد فەۋزي فەيزۇللاھ : المۇاھب الفقھية، شۇئائ نەشرىياتى- كۇۋەيت، 1985م

- د.ھەسەن ئەھمەد مۇرئېي: الاجتھاد في الشريعة الإسلامية، ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتى نەشىر ئىشلىرى ئىدارىسى ـ رىياد، 1401ھــ، ئەرەب گۈللىنىش نەشرىياتى ـ قاھىرە، 1383ھــ.

- ئېيسەۋىي ئەھمەد ئېيسەۋىي: المدخل للفقه الإسلامي، ئەرەب كىتاب نەشرىياتى ـ قاھىرە

- مۇھەممەد ئەبۇ زوھرە: الإمام مالك، ئەرەب پىكىر نەشرىياتى ـ قاھىرە

- ئىبنى فەرھۇن: الديباج المۇھب في معرفة أعيان علماء المۇھب

- ئەھمەد تىيمۇر پاشا: نظرة تاريخية في چدوث المۇاھب الأربعة وانتشارھا مەزھەب ۋە پىكىر ئېقىملىرى سەھىپىسىگە قايتىش