ھەنبەلىي مەزھىبى

ئورنى Wikipedia

ئېنىقلىما: ھەنبەلىي مەزھىبى ئىسلام ئالىمىدىكى تۆت چوڭ سۈننىي فىقھىي مەزھەبنىڭ بىرى. ئىمام ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەل (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) نىڭ ئىسمىغا ئاساسەن «ھەنبەلىي مەزھىبى» دەپ ئاتالغان. بۇ مەزھەب ئاساسىي جەھەتتىن قۇرئان ۋە سۈننەتكە تايىنىدىغان بولۇپ، ئەقىدە ۋە ئىبادەتلەردىكى بىدئەتلەرگە قارشى تۇرىدۇ ۋە ئىمكانىنىڭ يېتىشىچە سۈننەتنى ئىجرا قىلىدۇ.

قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسلىق كىشىلىرى[تەھرىرلەش]

ـ ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ ئاساسچىسى ئىمام ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھىلال ئىبنى ئەسەد ئىبنى ئىدرىس ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھەييان ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەنەس ئىبنى ئەۋف ئىبنى قاسىت ئىبنى مازىن ئىبنى شەيبان ... ئىبنى ۋائىل ئەززۇھەلى ئەششەيبانى (164ھـ ـ 241ھـ) بولۇپ، نىزار ئىبنى مۇئىد ئىبنى ئەدنانغا بارغاندا نەسىبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىبى بىلەن ئۈچىرىشىدۇ. ئانىسى ھامىلىدار ھالدا دادىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەرۋىدىن چىقىدۇ ۋە ھىجرىيە 164ـ يىلى، رەبىيئول ئەۋۋەل ئېيىدا باغدادتا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈدۇ . ئۇ ئۈچ ياشقا كىرگەندە دادىسى ۋاپات قىلىپ كېتىپ ، ئانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە قالىدۇ ۋە نامـ شۆھرەتلىك چوڭ دادىسىغا نىسبەت بېرىلىدۇ .

ـ ئۇ، ئىلىم تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە بەسرە، كۇفە، شام، جەزىرە، مەككە، مەدىنە، يەمەن ۋە باشقا جايلارغا ھەمىشە سەپەر قىلىپلا تۇراتتى.

ـ ئۇ، مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئەششافىئىي، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، ۋەكىئ ئىبنى ئەلجەرراھ، يەھيا ئەلقەتتان، يەزىيد ئىبنى ھارۇن، ئىسمائىل ئىبنى ئۇلەييە، ھۇشەيم ئىبنى بەشىر ، ئابدۇرراززاق ئىبنى ھاممام ئەسسەنئانىي ۋە باشقىلاردا فىقھىي ئۆگەنگەن .

ـ سۈننەتنى توپلاش ۋە يادلاشقا كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۇ ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئىمامى، فىقھىشۇناسلارنىڭ ئەپەندىسى، (قۇرئان، ھەدىس) يادلىغۇچىلارنىڭ رەھبىرى ۋە ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرىدىغانلارنىڭ يولباشچىسى ئىدى.

ـ ھافىز ئەززەھەبىي ئۇنىڭ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلغان شەيخلىرىنىڭ ئىككى يۈز سەكسەن نەچچىگە يەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

ـ ئۇنىڭغا ئىماملار مەدھىيە ئوقۇغان. شافىئىي "باغدادتىن چىققىنىمدا ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىن ئالىمراق، ئۇنىڭدىن بەكرەك ھارام قورقىدىغان، ئۇنىڭدىنمۇ تەقۋاراق بىر كىشى يوق ئىدى." دېگەن بولسا، ئەززەھەبى "ئاللاھنىڭ زاتىنى ئۇلۇغلايتتى ." ۋە ئەبۇ جەئفەر ئەننۇفەيلىي "ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل دىننىڭ مەشھۇر كىشىلىرىدىن ئىدى" دەيدۇ.

ـ پەقەت ئاللاھدىن ساۋاب ئۈمىد قىلىدىغان ئاز بىر قىسىم سەۋرلىك كىشىلەرلا تاقەت قىلالايدىغان دەرىجىدە ھەقىقىي زاھىد بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئورنى ئۇنىڭ نەزىردە كىچىكلەپ كىرەتتى . ئىبنى نۇھاس ئۇنىڭ توغرىسىدا "دۇنيا ئۇنىڭغا تەڭلەنگەندە ئۇنى قوبۇل قىلمىغان ۋە بىدئەتلەرنى ئىنكار قىلغان." ئىبنى قەييۇم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : "مانا بۇ تەقۋا ئىماملارنىڭ ئەھۋالىدۇر." سالىھ ئىبنى ئەھمەد مۇنداق دېگەن: "بەزىدە دادامنىڭ پارچە ناننى ئالغىنىنى ۋە ئۇنىڭدىكى تۇزانلارنى پۈۋلىۋەتكەندىن كېيىن، قاچىغا سالغىنىنى، ئاندىن ئۇنىڭغا سۇ قۇيۇپ، ئارقىدىن تۈز بىلەن يېگىنىنى كۆرگەن چاغلىرىم بولاتتى، بىراق، ئۇنىڭ ئانار، ئامۇت ياكى باشقا مېۋىلەرنى سېتىۋالغانلىقىنى كۆرمىدىم..." مەرۇزىي "ئۆلۈم زىكىر قىلىنسا ئىمام ئەھمەدنى ئىبرەتلەر بوغىۋالاتتى." دېگەن بولسا، مەيمۇنىي "ئەبۇ ئابدۇللاھنىڭ ئۆيى كىچىك، تار بولۇپ، قارا تاشنىڭ ئۈستىدىلا ئۇخلايتتى." دەيدۇ.

ـ ئىمام ئەھمەد سۇلتانلارنىڭ ئىشىكلىرىگە يېقىنلىشىشنى ياخشى كۆرمەيتتى، ھەرقانچە قىممەتلىك بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بەرگەن نەرسىلىرىنى قوبۇل قىلمايتتى. بالىلىرى باشلىقلارنىڭ ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇلارغا ئاچچىقلىناتتى. ئىسھاق ئىبنى راھىۋەيھ مۇنداق دېگەن: "ئەھمەد يەمەندە ئىدى، ... توقۇيتتى... ساتاتتى ۋە ئۇنىڭ خىراجەت قىلاتتى". ئۇ قىرىق ياشقا كىرگۈچە پەتىۋا بىرىش ئۈچۈن ئولتۇرمىغان.

ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئېغىر كۈنلىرى[تەھرىرلەش]

ئىمام ئەھمەد ياشىغان دەۋرنىڭ ئەھۋاللىرى، ۋالىيلارنىڭ يارىدىمى بىلەن پەلسەپە كىتابلارنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ باشلىنىشى، كىشىلەرنىڭ ئەقىدە ۋە ئىبادەتلىرىدە بىدئەتنىڭ تىز سۈرئەتتە يامىرىشى، رافىزىي ۋە مۇئتەزىلەلەرنىڭ تارقىلىشى، بولۇپمۇ باشلىقلارنىڭ مۇئتەزىلە مەزھىبىگە ياردەم بېرىشى ۋە قۇرئاننىڭ مەخلۇق ئىكەنلىكىگە ئوخشاش ئىشلاردىن ئىبارەت بولۇپ، مۇسۇلمانلار بىر بالا ـ قازا ۋە مۇسىبەتنىڭ ئىچىدە قالغان ئىدى. مەئمۇن كىشىلەرنى قۇرئاننى مەخلۇق دېگۈزۈشكە ئورۇندى. ئىمام ئەھمەد بۇنى قوبۇل قىلماي، ھەقىقەتتە ئىزچىل تۈردى، شۇنىڭ بىلەن مەئمۇن ئۇنى ئورۇش ۋە تۈرمىگە تاشلاشقا بۇيرىدى. بۇ ئەھۋالنى مەئمۇندىن كېيىن مۇئتەسىممۇ داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ تۈرمە ھاياتى يىگىرمە سەككىز ئايغىچە داۋاملاشتى. پۇتىدا ئىشكەل بار ھالەتتە ناماز ئوقۇيتتى، ئوخلايتتى. كېيىن ئۇ قاماقتىن بوشىتىلىپ، جاراھەتلىرى ساقايغاندىن كېيىن مەسجىدتە دەرس بىرىشنى داۋاملاشتۇردى. ۋاسىقنىڭ ھۆكۈمدارلىقى دەۋرىگە كەلگەندە ئىمام ئەھمەد (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) نىڭ مەسجىدكە چىقىپ دەرس بىرىش چەكلەندى. بۇ ئەھۋال ۋاسىقنىڭ ئۆلۈمىگىچە بەش يىل داۋاملاشتى. مۇتەۋەككىل (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) نىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتنى ئۆز ئورنىغا قايتۇرۇپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن سۈننەت ئىھيا قىلىنىپ، ئۇنىڭغا قىلىنغان ھۇجۇملار تۈگىدى.

ــــ ئىمام ئەھمەدتىن نۇرغۇن ئۆلىمالاردىن دەرس ئاڭلىغان بولۇپ، ئۇلار: ئىككى ئوغلى ئابدۇللاھ ۋە سالىھ، تاغىسى ھەنبەل ئىبنى ئىسھاقنىڭ ئوغلى، ئەبۇ زەرئە، بۇخارىي، مۇسلىم، "سۈنەن"نىڭ ساھىبى ئەبۇ داۋۇد، ئەسرەم، ئەبۇ يەئلا ئەلمۇسىلىي، ئەلمەيمۇنىي، ئىبنى ھانىئ ۋە باشقىلاردۇر.

ـــ سالىھ ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (266 ھ) ئىمامنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، دادىسىنىڭ فىقھىي ۋە باشقا مەسىلىلىرىنى تارقىتىشقا كۆڭۈل بۆلگەن.

ـــ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (290ھـ) دادىسىدىن ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان.

ــــ ئىسھاق تەمىيمىي (ئەبۇ يەئقۇب ئەلكۇسەج ئەلمەرۇزىي بولۇپ، 251ھـ ۋاپات بولغان): بۇ كىشى مەرۋىدە توغۇلغان ۋە ئىراق، شام، ھىجازنىڭ فىقھىي ئالىملىرىدىن ئىلىم ئىگەللىگەن، كېيىن باغدادقا بېرىپ ئىمام ئەھمەدنىڭ قولىدا فىقھىي ئۆگەنگەن.

ــ ئەلبەغدادىي (273ھـ ۋاپات بولغان): ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ بەكىر ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى خانى ئەلخۇراسانى ئەلباغدادىي بولۇپ، ئىمام ئەھمەدنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىدى. ئىمام ئەھمەدتىن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى رىۋايەت قىلغان ۋە بىر قانچە كىتاب يازغان؛ ئۇنىڭ ئېلەل، تارىخ ۋە ناسىخـ مەنسۇخقا ئائىت كىتابلىرى بار. ئۇنىڭ يەنە ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبى بويىچە فىقھىغا ئائىت يازغان "السنن" ناملىق بىر كىتابىمۇ بار.

ـ ئەلخەرقىي (334ھـ ۋاپات بولغان)؛ تولۇق ئىسمى: ئەبۇلقاسىم ئۆمەر ئىبنى ئەلھۇسەيندۇر. ئۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ ئىككى ئوغلى سالىھ ۋە ئابدۇللاھلاردا ئوقۇغان. ئۇ 2300 مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان "المختصر" ناملىق كىتابى بىلەن شۆھرەت قازانغان. بۇ كىتابنى ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدەسي ئۆزىنىڭ "المغني" ناملىق مەشھۇر كىتابى ئارقىلىق ئىزاھلاپ ئۆتكەن. رەھمەتلىك دەمەشىقتا ۋاپات بولغان.

ـ ئەلخىلال (211ھـ ۋاپات بولغان)؛ تولۇق ئىسمى: ئەبۇ بەكر ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھارۇندۇر. ئەھمەدنىڭ سەپداشلىرىدىن فىقھىي ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ "الجامى لعلوم أحمد بن حنبل"، ناملىق كىتابىدىن باشقا، "العلل والسنة"، "طبقات أصحاب ابن حنبل"، "العلم"، "تفسير الغريب"، "الأدب" ۋە "أخلاق أحمد" قاتارلىق كىتابلىرىمۇ بار.

ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ ئۇسۇلى (ئاساسلىرى)[تەھرىرلەش]

ـــ ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئۆزىنىڭ فىقھىي مەزھىبىنى بەش ئۇسۇل ئاساسىغا قۇرغان بولۇپ، ئۇلارنى ئىبنى قەييۇم ئەلجەۋزىي ئىزاھلاپ ئۆتكەن. ئۇلار:

ـــ نەسلەر: قۇرئان ئايەتلىرىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن سەھىھ ھەدىسلەرنى ئالاتتى. ئۇنىڭغا نە كۆز قاراش، نە قىياس ۋە ساھابىنىڭ سۆزىنى تەڭ قىلمايتتى.

ــــ ساھابىلەر بەرگەن پەتىۋا: ئەگەر بەزى ساھابىلەرنىڭ بەرگەن پەتىۋالىرىنى ئۇچىراتسا ۋە ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشى چىقمىغان بولسا، ئۇنى قوبۇل قىلاتتى، باشقىسنى ئىزدەپ يۈرمەيتتى.

ـــ ئەگەر ساھابىلەر بىرلىككە كىلەلمىگەن مەسىلە بولسا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئارىسىدىن قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەڭ يېقىن بولغانلىرىنى تاللىۋالاتتى، ساھابىلەرنىڭ سۆزىدىن چىقمايتتى. ئەگەر ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ بىرى ئۇنىڭغا ئايدىڭ بولمىسا، ئۇ چاغدا تالاشـ تارتىشنى سۆزلەپ بىرەتتى ۋە كەسكىن يەكۈن چىقارمايتتى.

ـــ مۇناسىۋەتلىك بابتا ئۇنىڭغا توسالغۇلۇق قىلىدىغان بىرەر ئامىل بولمىغىدا مۇرسەل ھەدىس ۋە ئاجىز ھەدىسنى قوبۇل قىلاتتى ھەم بۇنى قىياستىن ياخشى دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ قارىشىدىكى ئاجىز ھەدىس باتىل، رەت قىلىنغان ياكى رىۋايىتىدە بىرەر مۇتىھەم بار ھەدىس ئەمەس، بەلكى سەھىھنىڭ جۇرىسى، ھەسەن ھەدىسنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇ ھەدىسلەرنى سەھىھ، ھەسەن ۋە ئاجىز دەپ ئايرىماستىن، ئۇ سەھىھ ياكى ئاجىز دەپلا ئايرىيتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاجىز ھەدىس بىر قانچە دەرىجىگە ئايرىلاتتى. ئىبنى ئەلقەييۇمنىڭ بايان قىلغىنىغا قارىغاندا، ئەگەر مۇناسىۋەتلىك بابتا ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان رىۋايەت، ساھابىنىڭ سۆزى، ياكى ئۇنىڭغا قارشى بىر ئىجمائ بولمىغىنىدا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش قىياسقا ئەمەل قىلغاندىن ئەۋزەل ئىدى.

ـــ قىياس: ئۇ قىياسنى يۇقىرىدا كەچكەن ئامىللار ئۇچىرىمىغىنىدا ئىشلىتەتتى. بىر رىۋايەتكە كۆرە ئىمام ئىستىھساننى ئىنكار قىلغان، ئەمما ئىبنى قۇدامە ئۇنىڭ قىياستىن كېيىن ئىستىھساننى قويىدىغانلىقىنى، ئىستىھساننىڭ ئۇنىڭ مەزھىبى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئىستىھسان، ياخشىراق بىرەر مەنپەئەت ئۈچۈن بىر ھۆكۈمنى ئۇنىڭدىن ئەۋزەلرەك يەنە بىر ھۆكۈمنى قوبۇل قىلىش، دېمەكتۇر.

ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ تارقىلىشى[تەھرىرلەش]

ھەنبەلىي مەزھىبى باشقا ئۈچ مەزھەب (ھەنەفىي، شافىئىي، مالىكىي)كە ئوخشاش كەڭ تارقىلالمىغان. ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۈۋەندىكىلەرگە يېغىنچاقلاش مۇمكىن:

  • ـــ رىۋايەت ۋە ئايەت، ھەدىسلەرگە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇشى
  • ـــ زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا ئىجتىھادنىڭ دائىرىسىنى تارلاشتۇرۇشى
  • ــ يېقىنقى زاماندىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ھۆكۈمەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچقانداق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەزھەبكە ئەگەشمىگەنلىكى
  • ـــ باشقا مەزھەبلەرگە قارىغاندا كىچىكىپ مەيدانغا كەلگەنلىكى
  • ـــ ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ ھازىرقى دەۋردە ئەرەب يېرىم ئارىلى، دەمەشىق ئەتراپلىرى، مىسىر ئىگىزلىكلىرى ۋە چەكلىك مىقداردا باشقا ئىسلام ئەللىرىدىمۇ ۋۇجۇدى بار. ئەمما ئۇ مىسىردا، ئەزھەرنىڭ بارلىق ئىنىستوتلىرى ۋە ئەزھەر ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇتىلىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن شۇ نەرسە ئايدىڭلىشىدۇكى، ھەنبەلىي مەزھىبى تۆت چوڭ سۈننى ئىسلام فىقھىي مەزھەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسچىسى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن)دۇر. بۇ مەزھەبنىڭ ئۇسۇلى قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىستە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ، بۇنىڭغا ئەمەل، كۆز قاراش، قىياس ھەتتا ساھابىنىڭ سۆزىنىمۇ تەڭ قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ساھابىلەرنىڭ پەتىۋاسى تۇرىدۇ، تالاشـ تالاش قىلىشىپ قالغان بولسا، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەڭ ئويغۇن بولغىنىنى تاللىۋالىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ كېيىن، مۇناسىۋەتلىك بابتا ئۇنى چەكلەپ قويىدىغان بىرەر ئامىل بولمىغىنىدا ئاجىز ھەدىسنى قويىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، زۇرۇرىيەت توغۇلدا، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئامىللارنىڭ بىرەرىمۇ تېپىلمىسا قىياسنى قوبۇل قىلىدۇ. ھەممىدىن كېيىن ئىستىھسان كىلىدۇ. ئىبنى قۇدامە ئىمامنىڭ ئىستىھساننى قوبۇل قىلىشنى كۈچلۈك رىۋايەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ مەزھەب ھازىر ئەرەب يېرىم ئارىلى، دەمەش ئەتراپىدىكى رايۇنلار ۋە بىر قىسىم باشقا ئەرەب ئەللىرىگە تارقالغان. "مختصر الخرقي"، "كشاف القناع وشرح منتھى الإرادات"، "المحرر" ۋە "المقنع" قاتارلىقلار بۇ مەزھەبنىڭ مەشھۇر كىتابلىرىدىندۇر.

ئەتراپلىق مەلۇمات ئۈچۈن پايدىلنىش مەنبەلىرى[تەھرىرلەش]

(ئا) ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ مەشھۇر كىتابلىرىدىن:

ـ خىرقىي: المختصر (بۇنى ئەللامە مۇۋەپپەقۇددين ئىبنى قۇدامە "المغني" ناملىق كىتابىدا ئىزاھلىغان)

ـ ئەلبەھۇتىي: كشاف القناع وشرح منتھى الإرادات

ـ ئابدۇسسالام ئىبنى تەيمىييە: المحرر في الفقه\

ـ مەرداۋىي: الإنصاف

ـ ئىبنى مۇفلىھ : الفروى

ـ ئىبنى قۇدامە: المقنع

ـ ئەلھەجاۋىي: الروض المربى

(ب) ھەنبەلىي فىقھىسىنىڭ مەنبەلىرى:

ـ ئەبۇلقاسىم ئۆمەر ئىبنى ئەلھۇسەين ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئەلخىرقىي (334ھـ ۋاپات قىلغان: مختصر الخرقي

ـ ئەبۇ ئەلخەتتاب مەھفۇز ئىبنى ئەھمەد ئەلكلوزانىي (516ھـ ۋاپات بولغان): الھداية

ـ مۇۋەپپەقۇددين ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى قۇدامە(620ھـ ۋاپات بولغان): المقنع

ـ ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەلئىمام ئەبى ئۆمەر مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدەسىي (682ھـ ۋاپات بولغان): الشافي ـ الشرح الكبير (بۇ "المقنع" ناملىق كىتابنىڭ شەرھىدۇر.)

(ج) قىسقارتىلغان كىتابلار:

ـ شەمسۇددين ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى مۇفلىھ ئەلھەنبەلىي (763ھـ ۋاپات بولغان): الفروع

(د) مەزھەبنىڭ ئاساسلىق كىشىلىرىنىڭ تەرجىمىھاللىرى:

ـ ئەلقازىي ئەبۇلھۇسەين مۇھەممەد ئىبنى ئەلقازىي ئەبى يەئلا ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلھۇسەين ئەلفەرائ (527ھـ ۋاپات بولغان: طبقات الحنبلە ـ سۈننەتى مۇھەممەدىييە نەشرىياتى باسمىسى

ـ ئەبۇ ئەليەمەن مۇجىيرۇددين ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلئەلىيمىي (928ھـ ۋاپات بولغان): المنھج الأحمد في تراجم أصحاب أحمد ـ تحقيق محي الدين عبد الحميدـ مىسىر، مەدەنىي باسمىخانىسى

ئۇنۋېرسال كىتابلار:

ـ د.مۇھەممەد فەۋزي فەيزۇللاھ : المۇاھب الفقھية، شۇئائ نەشرىياتىـ كۇۋەيت، 1985م

ـ ئەھمەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى سۇلەيمان ئەسسەۋيان: الإمام أحمد بن حنبل الشيباني ومسنده ـ "مجلة البحوث الإسلامية" ژۇرنىلى، 26 سان، 221 ۋە 302ـ بەتلەر ئارىسى.

ـ شەيخ مۇھەممەد خۇزەرىي: تاريخ التشريع الإسلامي _ بۈيۈك تىجارەت كۇتۇپخانىسى ـ قاھىرە

ـ ئېيسەۋىي ئەھمەد ئېيسەۋىي: المدخل لدراسة الفقه الإسلامي، تەئلىيف نەشرىياتىـ قاھىرە، 1376ھـ

ـ مۇھەممەد سالام مەدكۇر: المدخل للفقه الإسلامي، ئەرەب گۈللىنىش نەشرىياتى ـ قاھىرە، 1383ھـ

ـ ئىبنى بەدران ئەلھەنبەلىي: المدخل إلى مۇھب الإمام أحمد بن حنبل، مۇنىيرىييە باسمىخانىسىـ قاھىرە

ـ ئىبنى قەييۇم ئەلجەۋزىييە: إعلام الموقعين، سائادەت نەشرىياتى ـ مىسىر

ـ ئىبنى ھاجىب: مختصر المنتھى

ـ د.سالىم ئەلىي ئەسسەقەفىي: مفاتيح الفقه الحنبلي

ـ مۇھەممەد ئەبۇ زۆھرە : الإمام أحمد بن حنبل، ئەرەب پىكىر نەشرىياتىـ قاھىرە

ـ د.مۇھەممەد شەتا ئەبۇ سەئد: متبعون لامبتدعون، سالام نەشرىياتىـ 1403ھـ، رىياد

ـ د.ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلمۇھسىن ئەتتۇركىي: أصول مۇھب أحمد بن حنبل

قاراڭ[تەھرىرلەش]

ھەنەفىي مەزھىبى

شافىئىي مەزھىبى

مالىكىي مەزھىبى