نەسىرىدىن ئەپەندى

ئورنى Wikipedia

نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ تارىخىي شەخس ياكى خەلق ئەدەبىياتىدىكى غايىۋى ئوبراز ئىكەنلىكى توغرىسدا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلار ئارىسدا ئوخشاشمىغان قاراشلار بولغان، ھەتتا نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى تارقالغان رايونلاردىكى خەلقلەر ئۇنى ئۆز يۇرتىدا ياشىغان دانىشمەن دەپ قاراپ كەلگەن. XIX ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا تۈركىيىلىك ئالىم مىجىت ھاسان يەرلىك ئارخىپلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ XIII ئەسىردە تۈركىيىدە ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. كونيالىق ئىبراھىم خاككى يازغان ۋە 1945 – يىلى نەشىر قىلىنغان «ئاقشەھەر تارىخى» ناملىق ئەسەردە نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ تارىخىدىن ئېنىق مەلۇمات بېرىلگەن. 1993 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 6 – كۈنىگىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئېچلىغان «يىپەك يولى مىللەتلىرى ئارا خەلق ئەدەبىياتى ئىلمىي كېڭىشى» گە ئېلىمىز ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتناشقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇكېرىم راخمان تۈركىيىدىكى ئىلمىي پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان: «ئىككى قېتىملىق ھاسىلات» ناملىق ماقالىسىدە نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان.

نەسىردىن ئەپەندى تەخمىنەن 1208 – يىلى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاناتولىيە ئۆلكىسى كونيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاقشەھىردىكى سەرۋىھسار قەلئەسىنىڭ خورتۇ يېزىسدا تۇغۇلغان. دادىسى ئابدۇللا ئەپەندى، ئانىسى سەدىكا خانىم شۇ دەۋرنىڭ ئوقۇمۇشلۇق زاتلىرىدىن بولغان. ئۇ دادىسىدىن باشلانغۇچ مەلۇمات ئېلىپ، سەرۋىھسار مەدرىسەسىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەن مەزگىللىرىدە قازا قىلغان دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، بىر مەزگىل خورتۇدا ئىمام بولغان. ئۇ ئىلىم ئېلىش ئارزۇسى بىلەن مەھمۇد ئىسملىك خوجىغا ئىماملىقىنى ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن، ئەينى دەۋردە ئاناتولىيىنىڭ ئىلىم ئوچىقى ھېسابلانغان كونيا شەھىرىگە بېرىپ، مەۋلانا جالالىدىن رۇمى (1207-1274) مەدرىسەسىدە مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى، شائىر ۋە ئالىم سەئىد مەھمۇد ھەيرانىدىن دەرس ئالغان. مەدرىسەنى تاماملاپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، ئاتىكە ئىسملىك قىزغا ئۆيلەنگەن، ئۇنىڭىدىن تۇغۇلغان پاتىمە ئىسىملىك قىزى 1226 – يىلى 8 – ئايدا كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. كېيىن يەنە بىر قىز پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭغىمۇ پاتىمە دەپ ئىسىم قويغان. شۇ مەزگىللەردە كىر شەھىرىنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى، ئالىم ۋە شائىر ھاجى بەگىتاش (1210-1261) نىڭ تەۋسىيىسى بىلەن نەسرىدىن ئەپەندى كونيادىن ئاقشەھىرگە كېلىپ مەدرىسە ئاچقان، سەئىد مەھمۇد ھەيرانى ئۇنى ئاقشەھىر جامەسىنىڭ مۇدەررىسىلىكىگە تەكلىپ قىلغان. 1237 – يىلى باھاردا ئائىلىسى بىلەن ئاقشەھىرگە كۆچۈپ كەلگەن نەسرىدىن ئەپەندى شەھەر ھاكىمى سەئىد ئىبراھىم سۇلتان ھەدىيە قىلغان ئۆيدە ئولتۇراقلاشقان. نەسرىدىن ئەپەندى كېيىنچە يەنە بىر خوتۇنلۇق بولۇپ، ئۇنىڭدىن دۇررى مەلىكە ئىسملىك قىز، چوڭ ئايالىدىن جالالىدىن ئىسىملىك ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن ۋە ئىككى ئايالى بىلەن ئىناق، تۇرمۇشتا خاتىرجەم ئۆتكەن. ئۇ ھەر ئاخشىمى «قۇرئان كەرىم»، تەپسىر، ھەدىس، «دەدە قۇرقۇت مەسەللىرى»، «كەلىلە–دەمىنە»، «باتتالنامە» (ھىندى مەھەللىرى)، ۋەلىد يازغان «مەرىپەتنامە»، نىزامىلۇلمۈلۈك يازغان «سىياسەتنامە»، شەيخ سەئىدى يازغان «بوستان» ۋە «گۈلىستان» قاتارلىق مەشھۇر كىتابلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن. ئۇستازى سەئىدى مەھمۇد ھەيرانىدىن ۋە تۈرك شائىرى ئاشىق پاشانىڭ دىلكىشى بابا ئىلياستىن تەلىم ئالغان. بوش ۋاقىت تاپسىلا، «گۈدەك مۇنارى مەدرىسە»، «فەرۇخ شاھ مەدرىسە»، «ئالتۇن قەلەم مەدرىسە» قاتارلىق ئاقشەھىردىكى ئوتتۇرا ئاناتولىيە بويىچە مەشھۇر مەدرىسەلەرنى زىيارەت قىلغان. ھەتتا ئىلىم ئىزدەپ، كۆپ قېتىم كونيا شەھىرىگە ئېشەك مىنىپ بارغان. شۇنداق قىلىپ، ئەينى دەۋردە تۈرك دۇنياسىغا مەشھۇر مۇتەپەككۇر، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ دىنىي مۇراسىملارنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئېقىمىغا مەنسۇپ كامىل دىنشۇناس ۋە تەڭداشسىز سۆز سەنئەتكارى بولۇپ يېتىلگەن نەسرىدىن ئەپەندى سانسىزلىغان لەتىپە–چاقچاق، شېئىر ۋە باشقا تۈردىكى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان. ئۇ تەخمىنەن 1285 – يىلى ئاقشەھىردە ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئۇستازى سەئىد مەھمۇد ھەيرانى قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. بۇ جاي كېيىنچە، «خوجا نەسرىدىن مازىرى» دەپ ئاتىلىپ، مازار يېنىغا «خوجا نەسرىدىن مەدرىسەسى» تەسىس قىلىنغان.

XIV ئەسىردە ئاناتولىيىگە بېسىپ كىرگەن مۇغۇل ھۆكۈمدارى ئەمىر تېمۇر (1336-1405) دەۋردە ئاقشەھىر ئېغىر ۋەيرانچلىققا ئۇچرىغان، نۇرغۇن يادىكارلىقلار كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. شۇ قاتاردا نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ شېئىر دىۋانلىرى ۋە باشقا قوليازما ئەسەرلىرىمۇ يوقالغان.

ئابدۇلھەمىدخان (1876-19090 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) زامانىدا كونيا ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى فايىك بەگ ئاقشەھىرنى ئوراپ تۇرغان سۇلتان تېغىنىڭ باغرىدىكى باغچە ئوتتۇرىسىغا خوجا نەسرىدىن مەقبەرىسىنى ئەسلىى شەكلى بويىچە مەرمەردىن ياساپ، 1905 – يىل 7 – ئاينىڭ 12 – كۈنى پۈتكۈزگەن. مەقبەرە يېنىدىكى «خوجا نەسرىدىن مەدرىسەسى» ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئاقشەھىر مەركىزىگە نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئېشەككە مىنىپ تۇرغان مەرمەر ھەيكلى تىكلەنگەن. ھازىر ئىستانبۇل مۇزېيىدا نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن ساقال–بۇرۇت قويغان، كىچىككىنە ئېشەككە مىنگەن قىياپەتتىكى سۈرىتى؛ ئاقشەھىردىكى «خوجا نەسرىدىن مۇزېيې» دا ئۇنىڭ ھاياتىغا دائىر ماددىي بۇيۇم ۋە خاتىرىلەر بار. ئەنقەرە دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، ئىستانبۇل ئەدرنە تارىخىي مۇزېيى ۋە بەزى چەت ئەل مۇزېيلىرىدا نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە 500 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي كىتاب ساقلانماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوسمانىيە دەۋرىدىكى جەم سۇلتاننىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئەبۇلغازى رۇمى 1480 – يىلى يازغان «سالتۇقنامە» دېگەن ئەسەردە، نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ XIII ئەسىردىكى مەشھۇر تۈرك ئالىمى سارى سالتۇق بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلىقى، ئۇنىڭ نامى ۋە لەتىپلىرى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان.

نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆز ئىسمى خوجا نەسرىدىن بولۇپ، «موللا نەسرىدىن»، «نەسرىدىن ئەپەندى» دېگەن ئىسمىلا كېيىنچە ئۇنى ھۆرمەتلەپ قويۇلغان ۋە سىڭىپ كەتكەن. «ئەپەندى» دېگەن سۆز تۈركچە «مۇئەللىم»، «ئۇستاز» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ۋە نوپۇزلۇق ئەرلەرگە قارىتىلىغان ھۆرمەت نامى.

نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى ئۇنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئەرەبلەر ئارىسىدا تارقىلىپ، ئىسلامىيەتتىن كېيىن تۈركىيىگە ئېقىپ كىرگەن ھاجراد، ئەشاپ، ئەبۇ نەۋۋاس، جۇھا، ھاپىز ئىبراھىم قاتارلىقلارنىڭ قىزىقارلىق گەپ–سۆزلىرى نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ۋە ئۇنىڭ نامىدا ئاتىلىپ، ئاناتولىيە يېرىم ئارىلىدىن ئوتتۇرا–يېقىن شەرق، بالقان يېرىم ئارىلى، ئەرەب ئەللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا تارىم ۋادىسى ئەتراپلىرىغىچە كەڭ تارقالغان. نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپلىرى XVI ئەسىردە تۈركىيە يازغۇچىسى ۋە شائىرى رامىن تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم يىغىلىپ ۋە تەھىرىرلىنىپ توپلام قىلىنغان. XVII ئەسىردە ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان، XVIII ئەسىردە رەسمىي كىتاب بولۇپ شەكىللەنگەن. XIX ئەسىردە «نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى توپلىمى» تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل ۋە مىسىرنىڭ قاھىرە شەھەرلىرىدىكى تاش مەتبەئەدە تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان. تۈركىيە ئالىمى ۋىلتائىز بوداق تۈزۈپ، 1909 – يىلى نەشىر قىلىنغان «ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى» غا 392 پارچە لەتىپە كىرگۈزۈلگەن. XX ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىغا كەلگەندە، «ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى» نىڭ ئالتە خىل نۇسخىسى نەشىر قىلىنىپ، 445 پارچە لەتىپە كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ فىرانسۇزچە نۇسخىسى 1978 – يىلى ئىتسانبۇلدا نەشىر قىلىنغان. ئەنگلىيىدە 1966 – يىلى، 1973 – يىلى ۋە 1978 – يىلى ئۈچ خىل نۇسخىدىكى «ئەپەندى لەتىپىلىرى توپلىمى» نىڭ تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا «نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» 1936 – يىلى تۇنجى قېتىم، 1957 – يىلى، 1959 – يىلى ۋە 1963– يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان. 1959 – يىلى تاشكەنت «شەرق ھەقىقىتى» نەشرىياتى ل.ۋ.سولۇيىۋنىڭ «خوجا نەسرىدىن ھەققىدە قىسسە» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلغان. بۇ كىتاپ كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ياپونىيىدە «نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپلىرى» نىڭ تەرجىمىسى 1965 – يىلى تۇنجى قېتىم، 1977 – يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان. دۆلىتىمىزدە 1958 – يىلىدىن كېيىن، نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپلىرى ھەر مىللەت تىلىدا تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىغان «نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» بىر قەدەر تولۇق. جاۋ شىجيې ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن، دۇنخۇئاڭ ئەدەبىيات–سەنئەت نەشرىياتى 1990 – يىلى لەنجۇدا خەنزۇچە نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر لەتىپە–چاقچاقلىرىدىن تاللانما» ناملىق توپلامغا نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ 217 پارچە لەتىپىسى كىرگۈزۈلگەن. ئۇيغۇر خەلقى يىپەك يولى مەدەنىيتىنىڭ بۈيۈك ئەلچىسى، دۇنياۋى فولكلور قەھرىمانى، ھازىرجاۋاب سۆز سەنەتكارى، ئۆتكۈر پىكىرلىك ۋە ساغلام ئەقىللىق نەسرىدىن ئەپەندىنى ئۆزىنىڭ قىزىقچىسى دەپ بىلىدۇ. خەلقىمىز ئۆز ئەقىل–پاراسىتى، تەپەككۇر جەۋھەرلىرىنى قوشۇپ ۋە ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ھەرخىل زامان–ماكان شارائىتىدا ئۇنىڭ نامىدا تارقىتىپ، ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن لەتىپلەر 2000 پارچىدىن ئاشىدۇ. چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرگە ئىگە نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىنتايىن باي بولۇپ، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىدا مەڭگۈ ئۆلمەس دۇنياۋىي بەدىئىي ئوبراز ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيىدىكى بىر قەبرە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ دەپ بېكىتىلگەن. بۇ قەبرە بىر يانتۇ دۆڭلۈككە سېلىنغان، ئەسلى قائىدە بويىچە قەبرىنىڭ ئاستىغا يىقىلىپ چۈشمەسلىك ئۈچۈن تىرەك قويۇلاتتى . ئەمما بۇ تىرەك ئۈستى تەرەپكە قويۇلغان، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك دەرۋزىغا يوغان ئاتنىڭ كاللىسىدەك قۇلۇپ سىلىنغانۇ ئەمما چۆرىسىدە تام قوپۇرلمىغان ، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ مىللىتى توغىرلىق نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولسىمۇ ئەمما يەنىلا تۈركى خەلقلەرگە ئورتاق شەخس دەپ قارىلىدۇ. نەسىرىدىن ئەپەندى مەقبەرىسى - ئاقشەھەر (تۈركىيە):Nasiedin-mazar.JPG