لولى

ئورنى Wikipedia

لولى، [1] بىز ئۇيغۇرلاردا ھىيلىگەر كىشىلەرنى "لولىلار" دەپ ئاتايدىغان ئادەت مەۋجۇت. تارىخىي مەنبەلەر ۋە خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەر نوقتىسىدىن ئىزدىنىپ كۆرگەندە، بۇ سۆزنىڭ مەئلۇم تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. "سوڭ تارىخى"نىڭ 491-جىلد "تاڭغۇتلار تەزكىرىسى"دە: "تاڭغۇتلارنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى (تارىم ۋادىسى) دا لولى ئېلى دولۇ (都罗罗勒族) نىڭمۇ بولغانلىقى" خاتىرلەنگەن[2]. "بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى تارىخى، غەربىي يۇرت تەزكىرىسى"دە:"تۆمۈر قوۋۇقتىن چىقىپ، دوخولو (都货罗) دۆلىتىگە بارغىلى بولىدۇ" دېيىلگەن[3]. كېيىنچە بۇ ئەلنىڭ نامى تۇخولو (吐火罗)، دولى(都勒)، دۇچۆلو(都炔罗)، دۇنخۇاڭ(敦荒) دەپ ھەر خىل يېزىلغان. ۋاڭ زوڭۋېي ئەپەندى بۇ ناملارنى تەتقىق قىلىپ، دۇنخۇاڭدىن باشلاپ، لوپنۇر رايۇنى، تارىم دەريا ئېقىنى، ھەتتا يەركەند دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغىچە بولغان بىر پۈتۈن لىنىيىدە مىلادىدىن ئىلگىرىلا خىلى كۈچلىك بىر ئەلنىڭ بولغانلىقى، دېلى، تېلى، دولى، دولولو، تۇخولو قاتارلىق ناملارنىڭ ئەنە شۇ مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى [4].

موللا مىرسالىھ قەشقىرىنىڭ "چىڭگىزنامە"ناملىق كىتابىدا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىككىنچى پادىشاھى ئابدۇرەشىدخاننىڭ دولانلىق بىر لولىنى (شائىرە، مۇقامشۇناس ئاماننىساخاننى) ئەمرىگە ئالغانلىقى يېزىلىپ، ئابدۇرەشىدخاننىڭ چۈچۈك خانىشقا ئېيتقان مۇنداق بىر شېئىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن[5]:

جان ئوتراسىدا ئانىڭكى يولى بولسا،

نى ئەيىب ئانىڭ ئەسلى لولى بولسا؟

زامانلاردا "دولىلار" (ئۆشنىسىدە ئەقلى بارلار) دەپ ئاتالغان. ئەمما كۆپ كۆچۈپ، تىرە-پىرەڭلىكتە ياشىغانلىقى ئۈچۈن، شەھەرلەشكەنلەر تەرىپىدىن ھامان ھاقارەتلىنىپ تۇرغان. بۇنى موللا مۇسا سايرامى يازغان "تارىخىي ھەمىدى" دە تىلغا ئېلىنغان: "لوپنۇر، لۈكچۈن ئەتراپىدىكى دولانلارنىڭ سەككىز مىڭ كىشىلىك غوجىلار قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇلغانلىقى، راشىدىن غوجىنىڭ "بۇ دولانلارنىڭ قانچىلىك ئەتىۋارى بولسۇن؟" دېگەنلىكىدەك مەلۇماتلار(مەنبەئە كۆرسىتىڭ) ھەم بۇ كىتاپنى نەشىرگە تەييارلىغۇچىلارنىڭ "دولان سۆزى قۇل، دېدەك دېگەن مەنىلەرگە ئىگە" دەپ يېزىشى ئىسپاتلايدۇ(مەنبەئە كۆرسىتىڭ).

خەلق ئارىسىدا مۇنداق رىۋايەتلەرمۇ ساقلانغان: قەدىمكى زامانلاردا دولانلارنىڭ بىر چوڭ ئانىسى بولۇپ، پېرخۇنلۇق - داخانلىقتا كامالەتكە يەتكەن ئىكەن. ئۇ ياۋا توڭگۇزنىڭ تارغاق سۆڭەكلىرىگە ئويۇۋالغان ئەڧسۇن - ئايەتلىرى ئارقىلىق كېسەل داۋالايدىكەن ياكى يەر يۈزىدە بولغان - بولىدىغان ئىشلارغا پەتىۋا چىقىرىدىكەن. مۇشۇ دانىشمەن ئومايغا ئىگە ئەلگە بىر ۋاقىتلاردا بالايى ئاپەت يېغىپ، ياۋ لەشكەرلىرى قىستاپ كېلىپ قاپتۇ. دولان لەشكەرلىرى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ياۋ قوشۇنىنى پەم - پاراسەت بىلەن يېڭىش كېرەككەن. داخان موماي بىر نەرسىلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ياۋ لەشكەر گاھىغا ئەلچىلىككە بېرىپتۇ ھەم دولانلارنىڭ ئەل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇنى مەنسىتمىگەن ياۋ سەردارى بىر تەڭنىگە قارا ئۈجمە، يەنە بىر تەڭنىگە قارا قوڭغۇز ئېلىپ كېلىپ: "ئۈجمىنى يېسەڭ ئەل بولغېنىڭ يالغان،قوڭغۇزلارنى يېسەڭ ئەل بولغېنىڭ راست"دەپتۇ. دولانلىق موماي: "ئۈجمە دېگەن جىم تۇرىدىغان نەرسە، قاچان يېسە بولىۋېرىدۇ، قوڭغۇزلار قېچىپ كېتەلەيدۇ. شۇڭا ئۇنى ئاۋال يەي" دەپ قىزىقچىلىق قىلىپتۇ-دە، ئۆمىلەۋاتقان قوڭغۇزلارنى تېرىپ ئېلىپ يەۋىتىپتۇ. ياۋ قوشۇنى دولانلارنىڭ ئەل بولغانلىقىغا ئىشىنىپ، بىخارامان شەھەرگە كىرىپتۇ. لېكىن شەھەرگە كىرە-كىرمەيلا، بۆكتۈرمە لەشكەرلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھالاك بولۇشۇپتۇ. پەقەت بىر نەچچسىلا قېچىپ كەتكەنىكەن، بارغانلا يېرىدە: "دولانلارغا چېقىلماڭلار، ئۇلار لولى (رەڭباز، ھىيلىگەر، تەدبىرچى) ئىكەن!" دېيىشىپتۇ. شۇندىن كىيىن "لولى،قوڭغۇزچى دولان" دېگەنلەر دولان خەلقىگە لەقەم بولۇپ قالغانىكەن. يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق ئېيتىلغان: ئاتام زاماندا دولانلىقلار بىر نەچچە خىل ئۇرۇقتىن بولغانىكەن. بىر كۈنى خان ئۇرۇق ئاقساقاللىرىنى ئوردىغا مەجلىسكە چاقىرىپتىكەن، ھەرقايسى ئايماقلاردىن كەلگەنلەر بەس-بەس بىلەن خانغا سوۋغات تەقدىم قىلىپتۇ. تېرىملىق دولانلار ئەڭ ئاۋال سوۋغا تەقدىم قىلغانىكەن، خان ئۇلارنى "قارادولان (مەركىزىي دولان)" دەپ ئاتاپتۇ؛ ياغاچ ئۆيلۈك دولانلار جىم ئولتۇرۇپ قاپتىكەن،خان ئۇلارنى"لولى(تەدان) دولان" دەپتۇ، لولىلىق دولانلارغا شۇنىڭدىن قالغانىكەن ...

يۇقارىقى يازما مەنبەلەر بىلەن رىۋايەت-ئەپسانىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ قارىساق، "لولى" سۆزىنىڭ ھەقىقەتەن مەئلۇم تارىخى ئاساسىي بارلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. دولانلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تارىختىن بۇيان تارىم دەريا ۋادىسىدا ياشاپ كېلىۋاتقانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان مەسىلە. ئۇلاردا نۇرغۇنلىغان يەرلىك خۇسۇسىىيەتلەر ساقلانغان بولۇپ، مۇئەييەن تەتقىقاات قىممىتىگە ئىگە.

مەنبئەلەر[تەھرىرلەش]

  1. مۇختار قادىر ھونزادە: "لولى"دېگەن سۆزنىڭ تارىخىي مەنبەسى، "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى"نىڭ 1989-يىل 5-دىكابىر سانىدىن.
  2. گۇجىچىن:"ۋاڭ يەندىنىڭ قۇجۇغا ئەلچىلىككە بېرىش خاتىرىسى"،"شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى" ژورنىلى، ئۇيغۇرچە، 1985-يىللىق 4-سان، 128-بەت.
  3. ۋاڭ زوڭۋېي: "دۇنخۇاڭ دىگەن ئىسىمنىڭ يەشمىسى"، يۇقارىقى ژورنال، 1987-يىللىق 4-سان.
  4. ۋاڭ زوڭۋېي: "دۇنخۇئاڭ دىگەن ئىسىمنىڭ يەشمىسى"، يۇقۇرىقى ژورنال، 1987-يىللىق 4-سان.
  5. موللا مىرسالىھ كاشغەرى،"چىڭگىزنامە"، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 109- بەت.