ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك

ئورنى Wikipedia
ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك
تۇغۇلۇشھ. 118 / م. 736
ۋاپاتىھ. 181 / م. 797


ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك (عبد الله بن المبارك): ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ئىبنى ۋازىھ ئەلمەرۋەزىي (ئەبۇ ئابدۇرراھمان). (ھ. 118 – 181 / م. 736 – 797) تەقۋادارلىقى ۋە زاھىدلىقى بىلەن تونۇلغان تەبەئۇتتابىئىن، كاتتا ئالىم. فەقىھ، ھەدىسشۇناس ۋە تىلشۇناس. ئانىسى خارەزملىك، ئاتىسى تۈرك ئىدى. بۈگۈنكى تۈركمەنىستاننىڭ مەرۋ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۆمرىنى ئىلىم تەھسىل قىلىش، تىجارەت ۋە جىھاد بىلەن ئۆتكۈزگەن غازى زات. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام مالىك ۋە ئىمام لەيس ئىبنى سەئد قاتارلىق نۇرغۇن كاتتا ئالىملاردىن ئىلىم ئالغان ۋە «جىھاد»، «زۇھد ۋە رەقائىق (الزهد والرقائق)» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.