ئافۇگاتا (قەھۋە)

ئورنى Wikipedia

ئافۇگاتا (باشقا نامى: ئافۇگاتا قەھۋەسى، ئافۇگاتو قەھۋەسى؛ ئېنگلىزچە: Affogato) بىر خىل قەھۋە تۈردىكى ناشتىدۇر. ئىتالىيەچە " affogato al caffe" دېگەنلىك قەھۋەگە چۆكتۈرۈش دېگەنلىكتۇر. ئافۇگاتا قەھۋەسى ئادەتتە بىر ئىستاكان قىزىق ئەسپرەسسو قەھۋەسىنىڭ ئۈستىگە بىر قوشۇق تەبئىي سۈت ياكى ۋەنىل تەملىك مۇز قايماقنى قوشۇش ئارقىلىق تەييار قىلىندۇ.

ئافۇگاتا Affogato
ئافۇگاتا قەھۋەسى (ئۈستىدىكىسى "چۆتۈرۈلگەن مۇزقايماق").
تىپى ئىچىملىك
ئاسالىق

ماتىرياللار

مۇزقايماق،

ئەسپرەسسو قەھۋەسى

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئىتالىيەد، بەزى ئاشخانا ۋە رېستورانلار ئافۇگاتانى ناشتىلىق يىمەكلىك قاتارىدا سانىغان بىلەن، باشقا ئاشخانىلار ئۇنى بىر خىل ئىچىملىك قاتارىدا سانايدۇ. ئافۇگاتا قەھۋەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئېنىق ئەمەس، بۇ ھەقتە نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت.

ئالبۇم[تەھرىرلەش]