ئاققاش يېزىسى

ئورنى Wikipedia
ئاققاش يېزىسى

阿克喀什乡.Aqqash town

قەشقەر شەھىرى (قىزىل) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
شەھەر قەشقەر شەھىرى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 6 دانە
نوپۇس 11.3 مىڭ
يەر مەيدانى 266 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
شەھەر باشلىقى يالقۇن ماخمۇت
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q
تور بېكەت قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

ئاققاش يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىقەشقەر شەھىرى چېگرا ئىچىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. قىزىل دەرياسى ۋە پەيزىۋات ناھىيەسى بىلەن قوشنا، غەرب تەرىپى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى، بەشكېرەم يېزىسى، شىمالىي ئاتۇش شەھىرى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شەرقتىن غەربكە بولغان ئارىلىقى 25 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ كەڭلىكى 16 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 266 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

ئاققاش يېزىسىغا قاراشلىق ئالتە كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يەنى :

  • كۆل كەنتى،
  • قۇمۇل كەنتى،
  • ئاققاش كەنتى،
  • دۆڭئېرىق كەنتى،
  • ئاقئېرىق كەنتى،
  • شېكەر باغ كەنتى قاتارلىقلار، 44 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

90% يەر كۆلىمى بوز يەر، كەلكۈن چۆكۈندىسى ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىرىشى ناھايىتى ناچار بولغان سېغىز تۇپراق قاتلىمى، يەر ئاستى سۈيى راۋان. ھۋا كىلماتى ئىنتايىن قۇرغاق ئىسسىق كىلىمات شارائىتىدا، سىرتقى قەۋىتى خلورىد تۇز قېپى شۇ جايدىكى ئامما ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. 1998-يىلى پۈتۈن يېزا ئومۇمىي كىرىمىنى 20 مىليون 26 مىڭ يۈەن بولۇپ، 2011-يىلىدىكىدىن %9.5 ئاشقان. يېزا ئىگىلىك تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 17 مىڭ مو. ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 6 مىليون 138 مىڭ 400 كىلوگرام، 2002-يىلدىكىدىن %3.5 ئاشقان. چارۋىنىڭ ئومۇمىي تۇياق سانى 34555 تۇياق بۇلۇپ ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2.5 ئاشۇرۇلغان.

قاتنىشى[تەھرىرلەش]

ئاققاش يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان 15 ئاپتوموبىل، چوڭ-كىچىك تىپتىكى تراكتورلاردىن 105، چوڭ-كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل سۆرەش قوراللىرىدىن 66، پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىسى 20 گە يەتكەن. يېزىدا پوچتا-تېلېگراف پونكىتى، كەنت ئاددىي تاشيولى، قاتناش، پوچتا-تېلېگراف راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.

مائارىپى[تەھرىرلەش]

بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، 5 باشلانغۇچ مەكتەپ بار بۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 120 نەپەر، ئوقۇغۇچىلاردىن 2037 نەپەر. يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتى رادىئو ئۇزېلىدا رادىئو پروگراممىسى، كىنو قويۇش ئەترىتى، دوختۇرخانا، كەنت كۇتۇپخانىسى، تەنتەربىيە مەيدانى (تەنھەرىكەت مەيدانى)، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى، تېلېۋىزور ئۆيى ۋە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى قاتارلىقلار بار.