ئاقچال يېزىسى

ئورنى Wikipedia
ئاقچال يېزىسى

阿克恰勒乡.Aqchal Town

خوتەننىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
شەھەر خوتەن شەھىرى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 8 دانە
نوپۇس 4.5 مىڭ
تور بېكەت خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

ئاقچال يېزىسى خوتەن شەھىرى نىڭ شەرقىي شىمال يۆنىلىشىگە جايلاشقان، خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەۋە، خوتەن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كىلومېتىر، شەرقنى بويلاپ يۇرۇڭقاش ۋە خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، غەربنى بويلاپ قاراقاش دەرياسى بىلەنقاراقاش ناھىيىسى نىڭ كاۋاك يېزىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، جەنۇبى تەرىپى خوتەن ئىسلاماۋات يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالى تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى نىڭئاۋات ناھىيىسى بىلەن قوشنا.

تەبىئىي بايلىقى[تەھرىرلەش]

ئاقچال يېزىسى تەۋەلىكىدىكى يۇرۇڭقاش دەرياسىنى بويلاپ ئىلگىرلىگەندە 280 مىڭ مو توغراق ئورمىنى ۋە 30 مىڭ مو ئەتراپىدا تەبىئىي ئوتلاق، قىزىل ئاق تاغ، يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىنىڭ كېسىشكەن جايىدىكى گۈزەل مەنزىرە، ھەر خىل ياۋا بېلىق، ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋانلار بار. تەۋەلىكىنىڭ تۇپرىقى قۇمساڭغۇ تۇپراق، شور تەركىبى يۇقىرى، ياۋا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن يۇلغۇن، قومۇش، كۆك يانتاق، چۈچۈكبۇيا، دەريا ئارلىقىغا جايلاشقان نەچچە 100 مىڭ مو يەردىكى توغراق ئورمىنى، موڭغۇل جەرىنى، ياۋا توڭگۇز، تۈلكە، سېرىق ئۆردەك قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

ئاقچال يېزىسىغا قاراشلىق سەككىز مەمۇرىي كەنت بار، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 17.88 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1.8 مىڭ مو، پايدىلىنىلمىغان يەر كۆلىمى 80 مىڭ مو، تەۋەلىكىدىكى ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 896 گە يەتكەن، نوپۇسى 4806 ئادەم، ھەممىسى يېزا ئىگىلىك نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلار. يېزا ئىگىلىكىدە تېرىق، كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق نى ئاساس قىلىدۇ، باغۋەنچىلىك ىدە ئاساسلىقىچىلان، تاۋۇز، قوغۇن ۋە ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىچىلىق تا ئاساسلىقىكالا، قوي، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

2012-يىلى ئاقچال يېزىسى 2179.44 مىڭ يۈەن ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 3686 يۈەنگە يەتكەن، 2002-يىلدىكىدىن 357 يۈەن ئاشقان. دېھقانلارنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش ۋە سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش ئىشلىرىنى، مەركەزلىك بېقىش ۋە تارقاق بىرلەشتۈرۈش، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىنى نۇقتىلىق يېتەكلەپ، دېھقانلارنى بېيىشقا يىتەكلىگەن. نامراتلارنى يۆلەش تۈرى ۋە مەبلەغلەرنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، 530 مىڭ يۈەن مەبلەغنى ھويلا-ئاراملارنى ئۆزگەرتىش تۈرىگە سالغان، دېھقان، چارۋىچىلار بۇنىڭدىن ھەقىقىي تۈردە مەنپەئەتلەنگەن.