ئانا تىل بايرىمى

ئورنى Wikipedia

1999.يىلى نويابىر، ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي چوڭ يىغىنىدا : «2000.يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 21.فېۋرال كۈنى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى(International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتىلىدۇ. » دەپ ئېلان قىلىندى. تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.

خاتىرىلەش كۈنىنىڭ كېلىپ چىقىشى[تەھرىرلەش]

21.فېۋرالنى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىش ئەينى يىلى بېنگال مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1952.يىلى، بېنگال يەنىلا پاكىستانغا تەۋە چاغدا، بېنگال خەلقى بېنگال تىلىنى ھۆكۈمەت تەرىپدىن قوللىنىش ئېتراپ قىلىنغان تىللارنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزگەن. شۇ يىلى 21. يانۋار كۈنى ساقچىلار نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق ئۈزۈپ، بەش نەپەر نامايىشچى قازا قىلغان. بېنگال مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ «تىل شەھىدلىرى(Language Martyrs)» گە خاتىرە مۇنارىرى تىكلىگەن.

ب د ت ۋە ئانا تىل كۈنى[تەھرىرلەش]

ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1999.يىلى قارار ماقۇللاش ئارقىلىق ھەر يىلى 21. فېۋرال كۈنىنى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، ئانا تىلنى قوللىنىش ئارقىلىق تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 8 يىلدىن بېرى مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىق خىتابنامىسى»، «مەدەنىيەتنى ئىپادىلەشنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئەھدىنامىسى» شۇنداقلا «تور بوشلۇقىدا كۆپ خىل تىلنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەۋسىيەسى» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تىل مەسلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك چارە– تەدبىرلەتنى قوللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تىل ۋە تەھدىت[تەھرىرلەش]

خەلقئارادىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ دۇنياۋىلىشىشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى سىتاستىكىلىغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۇنيادا 7000دىن ئارتۇق تىل بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 97 پىرسەنىت نوپۇسىدىكى ئادەملەر پەقەت 4 خىللا تىلنى قوللىنىدۇ، پەقەت تۆتتىن بىر قىسىم تىللارلا مەكتەپ ۋە ئېنتېرىنىتتا قوللىنىلىدۇ. نەچچە مىڭلىغان تىللار ئاساسەن دىگۈدەك مائارىپ سېستىمىسى، خەۋەر– ئاخبارات، نەشىرىيات ئورۇنلىرى ۋە ئاممىۋىي سورۇنلارغا كىرەلمەيدۇ. ئەگەر جىددىي چارە قوللىنىلمىغاندا، 7000دىن ئارتۇق تىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ يوقىلىپ كېتىشى مۇقەررەر.

دۆلىتىمىزدىكى ئانا تىل بايرىمى[تەھرىرلەش]

دۆلىتىمىزدە 2006.يىلىدىن تارتىپ ئۇدا ئۈچ يىل خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى خاتىرلەنگەن بولۇپ، ھەر قايسى يىللىق خاتىرە پائالىيتىنىڭ تېمىسى ئايرىم– ئايرىم ھالدا «ئانا تىل مائارىپىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرايلى!(“推广母语教育,弘扬多元文化”)»، «كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئورتاق ئىناق دۇنيا قۇرايلى! (弘扬多元文化,共建和谐世界”)»، «كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىرلىكتە قارشى ئالايلى! (“弘扬多元文化,共迎北京奥运”)» بولغان. 2008.يىلى 4. ئاپرىل ب د ت نىڭ «2008.يىللىق دۇنيا تىلى يىلى توققۇزىنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئانا تىلى كۈنى پائالىيتى» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئاناتىل توغرىسىدىكى ئەسەرلەر[تەھرىرلەش]

ئانا تىل ___ قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي[تەھرىرلەش]

ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كىلۇر،

ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.


شۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامرىكىيۇ ئافرىقىدا،

سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.


ئەي ئانا تىل بىزگە سەن قالغان ئۇلۇغلاردىن نىشان،

سەن بىلەن روھى زىمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر.



ئانا تىلىم – دانا تىلىم ___ خىزمەت ئابدۇللىن[تەھرىرلەش]

ئۇلۇغ ئانىنىڭ يۈرەك سۆزىنى،

ئاڭلىدىم دەسلەپ ئانا تىلىمدىن.

كۆردۈم ئەس كىرىپ ھايات كۆزىنى،

مېنى چوڭ قىلغان دانا تىلىمدىن.


ئوقۇدۇم مەنمۇ «ئا»، «ب»دىن باشلاپ،

ئىلىم تەمىنى تېتىپ بىلىمدىن.

ئۆمۈر يۈكىنى ئالدىم ھاپاشلاپ.

رەھمەت ئانا تىل، رەھمەت دىلىمدىن !


ئانا تىلىمنىڭ مۇڭلۇق ئەللىيى،

تەۋرىتىپ مېنى بۆشۈكتە ياتتىم.

ئات ياتسا ئېلىپ غولنىڭ تېلىنى،

كېپىنەك قوغلاپ سەيلىتىپ كەتتىم.


جاھاندا تەڭكەش كېلەر ئۇنىڭغا،

ئارتۇق تىل بارمۇ قەدىردە شۇنچە.

چۈنكى شۇ تىلدا ئانا ۋەتەنگە،

مۇھەببىتىمدىن تىزىمەن ئۈنچە.


ئانا تىلىم ___ رەسول ھەمزەتوف (داغىستان ئاۋار شائىرى)[تەھرىرلەش]

مەيلى ھەركىم زوق ئالسۇن قايسى تىلدا،

مېنىڭ ئۆز تىلىمغا جېنىم مىڭ پىدا.

ئەگەر يوقالسا ئەتە شۇ ئانا تىلىم،

بۈگۈنلا بولايمەن جېنىمدىن جۇدا.


مەيلى قاششاق بولسۇن، مەيلى بى ھەشەم،

ئانا تىلىم مەن ئۈچۈن ئەزىز– سۆيۈملۈك.

جاھان مۇنبىرىدىن ياڭرىمىسا ھەم،

ئانا تىلىم مەن ئۈچۈن مۇقەددەس– بۈيۈك!


ئانا تىلىم ___ بۇغدا ئابدۇللا[تەھرىرلەش]

شۇ خەزىنە تىلسىمغا كىرگەنسىرى،

ئۇقۇم-مەنىلەرنى بىلگەنسىرى،

كىشى ئۇقمىسا كىملىكىمنى

ھېس قىلىمەن ئىنسانلىقىمنى،

قايغۇنى چۈشەنگەنسىرى

غۇرۇرۇمنى، مىللەتلىكىمنى،

«قالاقلىق» قالپىقىنى چۆرۈگەنسىرى.

ئانا تىلىم

ئۇيقۇلار بىزنىڭ بۇزۇلغانسىرى،

يەنە بىر ئەسىر بوسۇغىسىدا

يىراق سادالارنى ئاڭلىغانسىرى،

سۆيۈنىمەن سەن ھاياتتىن

كۆزلىرىم قاماشقانسىرى،

ئىنتىزارمەن

بىز ئارقىدا قالغانسىرى.

1999-يىل 9-ئاي، ئۈرۈمچى.


ئانا تىل ___ ئوسمانجان ساۋۇت[تەھرىرلەش]

تاغلارنىڭ ئاستىدا، دۇرلار ئاستىدا،

بار دېسە مۆچەڭنى باغرىم ئانا تىل.

شۇ زامان قازىمەن كىرپىكىم بىلەن،

پىل بولۇپ ئۇ تاغلار، بولساممۇ مەن قىل.


دېڭىزلار ئاستىدا لەھەڭ قارنىدا،

بار دېسە زەررەڭنى ياتقان كۆمۈلۈپ.

شۇ زامان غەرقمەن قايناملار ئىچرە،

ئۇ مېنىڭ بايلىقىم تۇرغان تۆكۈلۈپ.


ئاسماننىڭ قەھرىدە يۇلتۇز كۆكىدە،

بار دېسە قەترەڭنى جىمىرلاپ تۇرغان.

چوققىلار ئۇزىتار ئۇ يەرگە مېنى،

(مەنزىلگە يېتىدۇ قىمىرلاپ تۇرغان).


تارىشا پۈتۈكلەر، چىغناق-تارغاقتا،

پۈتۈلگەن بولساڭمۇ بەش مىڭ يىل بۇرۇن.

ئەرنىمدە ئېرتىمەن چاڭلىرىڭنى مەن،

تاشلاندۇق دىگەنگە ئەگمەيمەن بويۇن.


ئۆلىمىز بىز لېكىن ئانا تىل ئۆلمەس،

ئۆتسىمۇ ئون مىڭ يىل بار تېنىدە جان.

ئۇ سېنى تونۇسا، تونۇمىساڭ سەن،

قىيامەت تاشلارمۇ چەكمەمدۇ پىغان؟


يەمەنۇ ياسرىپكە چېكىمەن سەپەر،

يېنىڭدىن ئۇيەردە بولسا بىر قېيىق.

قۇدرىتىڭ ئالدىدا چەپلەرمۇ چەپەر،

تۇيغۇلار پەرۋازدا، بىباش، بىتىيىق.


پەخرىمسەن، ئەقلىمسەن باغرىم ئانا تىل،

جىلۋەڭدىن جىلۋە ئېپ يورۇپ تۇرار دىل.

سازىڭسىز پانىيدىن باقىيغا كەتسەم،

شەپەڭدىن دەس تۇرۇپ تىرىلىمەن بىل.