Jump to content

ئىنتېرنېت ياللانما قوشۇنى

ئورنى Wikipedia

ئىنتېرنېت ياللانما قوشۇنى (ياكى ئىنتېرنېت ياللانما لەشكەرلىرى، ئىنتېرنېت سۇ ئارمىيەسى، ئىنتېرنىت سۇ لەشكەرلىرى، پارالىق تور قوشۇنى، پارالىق ئىجرا قوشۇنى; ئېنگلىزچە: Internet water army) جوڭگودا ئېنتېرنىت تورى ئارقىلىق، پۇل ئۈچۈن خوجاينىڭ بەرگەن ۋەزىپىسنى بىجا كەلتۈردىغان ياللانما پارالىق شەخىسلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئومۇمى نامىدۇر. بەزى شەخسىلەر، تەشكىلاتلار، شىركەتلەر ۋە كارخانىلار مەلۇم مەقسەتتە توردا ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان كىشلەرنى پۇل ئارقىلىق سېتىۋالدۇ ۋە ئۆز نىشانى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردۇ، بۇ مۇددىئلار ئاساسلىقى ئوبرازىنى ياخشىلاش، تەنقىد بەرگەنلەرگە توپلىشىپ ھۇجۇم قىلىش، توردا ئالقىشقا ئېرىشىش دىگەندەك. ئىنتېرنېت ياللانما قوشۇنى كونۇپكا تاختىسى جەڭچىسنىڭ بىر قسىمى بولۇپ، بەشمولار ۋە كىچىك توخۇڭلاردىن پەرىقىلىقتۇر.