Jump to content

بەشمولار

ئورنى Wikipedia

بەشمولار (ياكى بەشمو، بەشمو گروھى، بەشمو پارتىيەسى، ۋۇماۋ، ۋۇماۋلار، بەشمو ئەترىتى، كۆزى ئۇچۇق قارغۇلار) جوڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جوڭگو كومپارتىيەسنىڭ باشقۇرۇشى، رەھبەرلىك قىلىشى ئاستىدا، ھەقلىق ياكى ھەقسىز، مەۋھۇم دۇنيادا (ئېنتېرنىت تورى، ئىجتىمائى تاراتقۇ، پورتاللاردا) ھۆكۈمەتنى، پارتىيەنى، ۋە ئۇلارنىڭ سىياسەت ۋە قىلغان ئىشلىرىنى ھىماي قىلىپ ساختا ئۇچۇر تارقىتىدىغان، تەنقىت قىلغانلارغا قارىتا تور ھۇجۇمى قىلدىغان شەخىس ياكى كوللكىتپنىڭ ئومۇمى نامىدۇر. بەشمو دېگەن بۇ نامى ھۆكۈمەتنىڭ ھەر بىر باھا يازمىسى ئۈچۈن بەرگەن بەش موچەن ئىش ھەققى ئاساسىدا مەسخىرە خاراكتىرىدە بارلىقا كەلگەن. ئۆز ئالدىغا ھەقسىز بەشمولۇق قىلدىغانلار پىدائىي بەشمولار دەپ ئاتىلىدۇ. بەشمولارنىڭ ئاساسلىق قورالى كۇنۇپكا تاختىسى.