ئۆزتارتىم

ئورنى Wikipedia
ئۆزتارتىمچىلار

ئۆزتارتىم (ئېنگلىزچە: selfie, ئاددى خەنچە: 自拍)دېگىنىمىز كىشىلەر كۆپ ئىقتىدارلىق يانفون ياكى ئاپپاراتلىرى بىلەن ئۆزى ياكى ئۆزىنى قوشۇپ بىر قانچە كىشىنى رەسىمگە تارتىش.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ئۆزتارتىم
ئىنگلىزچە ئاتىلىشى Selfie
خەنزۇچە ئاتىلىشى 自拍
سۆز تۈرى يېڭى ياسالغان سۆز

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئۆزتارتىم

ئۆزتارتىم دېگىنىمىز كىشىلەر كۆپ ئىقتىدارلىق يانفون ياكى ئاپپاراتلىرى بىلەن ئۆزى ياكى ئۆزىنى قوشۇپ بىر قانچە كىشىنى رەسىمگە تارتىشتىن ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردا دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ خانىم-قىزلارنىڭ يانفونلىرى بىلەن ئۆزىنى رەسىمگە تارتىشى مودىغا ئايلانماقتا، شۇنىڭغا ماس قەدەمدە ئەگىشىپ مېڭىش ئۈچۈن ‹‹ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات مۇنبىرى›› دىكى مۇتەخەسىس تىلشۇناس ئالىملىرىمىز بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچە ياساپ چىقتى.

دۇنيادىكى تۇنجى پارچە ئۆزتارتىم رەسىمى[تەھرىرلەش]

1839-يىلى ئامېرىكىلىق فوتوگراف روبېرت كورنىلوس ئۆز ئاپپاراتى بىلەن ئۆزىنى رەسىمگە تارتىپ دۇنيادىكى تۇنجى ئۆزتارتىم قىلغۇچى بولۇپ قالغان.

مەنبە

  1. ئىزدە قامۇسى