ئۇيغۇرچە يىل، ئاي، كۈن ناملىرى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

يىل [yil]— كالىندار ھېسابىدا يەر شارىنىڭ قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىغا كېتىدىغان ۋاقىت. بىر يىل 365 كۈن 5 سائەت 48 مىنۇت 46 سېكۇنت. 1 يىل تۆرت پەسىل، 12 ئاي بولىدۇ.

تۈرلەر[تەھرىرلەش]

  • قەرنە [qərnə]— مىلادىيە ھېسابىدا مەلۇم بىر پەسىلنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلى، ھىجىرىيە ھېسابىدا مەلۇم بىر ئايغا توغرا كېلىپ، ئارىدىن بىرنەچچە 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ھىجىرىيىنىڭ شۇ ئېيى مىلادى يىلىنىڭ شۇ پەسلىنىڭ شۇ مەزگىلىگە ئاساسەن توغرا كەلسە بۇ چاغدا بىر «قەرنە» ۋاقىت ئۆتكەن بولىدۇ. يەنى مىلادىيىنىڭ 33- يىلى ھىجىرىيىنىڭ 34- يىلى بىر قەرنە ھېسابلىنىدۇ.

مۆچەل يىل ھېسابىدا 12 مۆچەلنىڭ ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىشى، يەنى 36 يىل بىر قەرنە بولىدۇ.

دېھقانلار كالېندارى ھېسابىدا دەۋرىيلىك مۆچەلنىڭ بەش قېتىم تەكرارلىنىشىدىن ھاسىل بولغان 60 يىل بىر قەرنە بولىدۇ.

  • قىران [qıran]— ئەسلى مەنىسى جۈپلىشىش، قوشۇلۇش دېگەن سۆز ھازىرقى ئىستېمالدا قىران چۈشەنچىسى ئىككى خىل، بىر خىلى بويىچە قىران 25 يىلغا تەڭ. يەنى بىر ئەسىرنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ. ئادەتتە كىشىلەرنى «قىرانىغا يەتتى» دېگەنلىك 25 ياشقا تولدى، جۈپلىشىش-نىكاھلىنىش مۇددىتىگە يەتتى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بىر خىل چۈشەنچە بويىچە قىران — تەخمىنەن 30 يىلغا تەڭ بولىدۇ، بىر ئەسىرنىڭ ئۈچتىن بىرى نەزەردە تۇتۇلىدۇ.

ئايلار (مىلادىيە، ھىجىرىيە، شەمشىيە بويىچە ئاي ناملىرى)[تەھرىرلەش]

ئاي [ay] - شەمسىيە كالىندارىدا يىلنىڭ ئون ئىككىدىن بىرى. بىر ئاي ئادەتتە پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ 28، 30، 31 كۈن بولىدۇ (كەبىسە يىللىرى 29، 30، 31 كۈن). قەدىمكى ئەجدارلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاينىڭ بەزىدە يۇمىلاق، بەزىدە كەمتۈك كۆرۈنۈشتەك ئۆزگىرىش ئادىتىگە قاراپ ۋاقىت ھېسابلىغان. ئۇزاق مۇددەتلىك كۆزىتىش ئارقىلىق بۇنداق ئەھۋالنىڭ بىر قېتىم دەۋرىيلىشىشى ئۈچۈن 29 ياكى 30 كۈن ئۆتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن «ئاي» ھېسابى مۇقىملىشىپ، ئۇنى ۋاقىت بىرلىكى قىلىپ قوللانغان.

  1. ئاي - ئوچاق [oçaq] (مىلادىيە: يانۋار؛ ھىجىرىيە: مۇھەررەم؛ شەمشىيە: ھەمەل)؛
  2. ئاي - ئۇي [uy] (مىلادىيە: فېۋرال؛ ھىجىرىيە: سەپەر؛ شەمشىيە: سەۋر)؛
  3. ئاي - ئوغلاق [oğlaq] (مىلادىيە: مارت، ھىجىرىيە: رەبىيەلئەۋۋەل، شەمشىيە: جەۋزا)؛
  4. ئاي - ئۇمۇت [umut] (مىلادىيە: ئاپرېل، ھىجىرىيە: رەبىيەلئاخىر، شەمشىيە: سەرەتان)؛
  5. ئاي - بارس [bars] (مىلادىيە: ماي، ھىجىرىيە: جامادىيەلئەۋۋەل، شەمشىيە: ئەسەد)؛
  6. ئاي - باشاق [başaq] (مىلادىيە: ئىيۇن، ھىجىرىيە: جامادىيەلئاخىر، شەمشىيە: سۇنبۇلە)؛
  7. ئاي - ئەرەن [ərən] (مىلادىيە: ئىيۇل، ھىجىرىيە: رەجەپ، شەمشىيە: مىزان)؛
  8. ئاي - چايان [çayan] (مىلادىيە: ئاۋغۇست، ھىجىرىيە: شەبان، شەمشىيە: ئەقرەب)؛
  9. ئاي - ياچاق [yaçaq] (مىلادىيە: سېنتەبىر، ھىجىرىيە: رامىزان، شەمشىيە: قەۋس)؛
  10. ئاي - ئوغۇز [oğuz] (مىلادىيە: ئۆكتەبىر، ھىجىرىيە: شەۋۋال، شەمشىيە: جەدىي)؛
  11. ئاي - كۆنەك [könək] (مىلادىيە: نويابىر، ھىجىرىيە: زۇلقەدە، شەمشىيە: دەلۋە)؛
  12. ئاي - ئارائاي [ara'ay] (مىلادىيە: دېكابىر، ھىجىرىيە: زۇلھەججە، شەمشىيە: ھوت)؛
  • چىللە [çillə] (چىللە پارسچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، چىللە ئاتالغۇسى خەنزۇچىدىكى جۇ بىلەن باراۋەر) — «يازغى چىللە» ۋە «قىشلىق چىللە» دەپ ئايرىلىدۇ. خەنزۇلاردىكى «جۇ» قىشلىق چىللىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ ئىككى خىل ئاتىلىشى تەڭ قوللىنىلىدۇ. بىر چىللە 9 كۈن بولۇپ، دېھقانلار كالىندارى ھېسابىدا قىشلىق كۈن-تۈن تەڭلەشكەن كۈن (22- دېكابىر) دىن باشلاپ ئەتىيازلىق كۈن تۈن تەڭلەشكەن كۈن (3- ئاينىڭ 21- كۈنى) گىچە بولغان 81 كۈن 9 چىللىگە بۆلىنىدۇ.
  • كەنجئاي [kənc'ay] (ھەپتە) — كالىندار ھېسابىدا دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە، شەنبە، يەكشەنبىدىن ئىبارەت يەتتە كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تەكرارلىنىدىغان ۋاقىت بىرلىكىنىڭ نامى، بىر ھەپتە يەتتە كۈن بولىدۇ.

ھەپتە[تەھرىرلەش]

ئەجدادلىرىمىز يەتتە كۈننى بىر ھەپتە قىلىپ، ھەر بىر كۈنگە بىردىن يۇلتۇزنىڭ نامىنى قويۇپ ۋاقىت خاتىرىلىگەن. مەسىلەن:

  1. ساقان [saqan]
  2. ئوڭاي [oñay]
  3. قۇرت [qurt]
  4. قۇياش [quyaş]
  5. سەۋىت [səvit]
  6. ئاتارۇت [atarut]
  7. يالچىق [yalçıq]

ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بىر ھەپتىنى يەتتە كۈنگە بۆلۈپ، ئۇلارنى:

  1. باش كۈن [baş kün] (دۈشەنبە)،
  2. بوش كۈن [boş kün] (سەيشەنبە)،
  3. سوڭ كۈن [soñ kün] (چارشەنبە)،
  4. كىچاتنا كۈن [kiçatna kün] (پەيشەنبە)،
  5. ئاتنا كۈن [atna kün] (ئازنا-جۈمە)،
  6. ئاتناراس [atnaras] (شەنبە)،
  7. پازار كۈن [pazar kün] (يەكشەنبە) دەپ ئاتىغان.

كۈن[تەھرىرلەش]

كۈن [kün] — كالىندار ھېسابىدا تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ، قۇياش ئولتۇرغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت بىر كۈنf بولىدۇ. بىر كېچە كۈندۈزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىت بىرلىكى بولۇپ، بىر كۈن 24 سائەت بولىدۇ، كېچە سائەت 1 دىن 12 گىچە چۈشتىن بۇرۇن (چ ب) ھېسابلىنىدۇ. چۈش ۋاقىت سائەت 12 دىن كەچ سائەت 0 گىچە چۈشتىن كېيىن (چ ك) دەپ ھېسابلىنىدۇ.

  • كۈندۈز [kündüz] — كالىندار ھېسابىدا قۇياش كۆتۈرۈلۈپ تاڭ ئېتىپ قوياش ئولتۇرغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت. بىر كۈندۈز 12 سائەت بولىدۇ. ئەنئەنىۋى ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلىدا بىر كۈندۈز تاڭ (سەھەر ۋاقتى سائەت 5 تىن 8 گىچە بولغان ۋاقىت)، چۈشتىن بۇرۇن (سائەت 8 دىن 11 گىچە بولغان ۋاقىت)، چۈش (سائەت 11 دىن 1 گىچە بولغان ۋاقىت)، چۈشتىن كېيىن (سائەت 1 دىن 5 كىچە بولغان ۋاقىت).
  • كېچە [keçə] — كالىندار ھېسابىدا قۇياش ئولتۇرغاندىن باشلاپ تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆتۈرۈلگەنگە قەدەر بولغان ۋاقىت. بىر كېچە 12 سائەت بولىدۇ. ئەنئەنىۋى ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلىدا بىر كېچە زاۋال (چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن 9 غىچە بولغان ۋاقىت)، ئەلياتقۇ (كېچە سائەت 9 دىن 11 گىچە بولغان ۋاقىت)، تۈن نىسبى (كېچە سائەت 11 دىن 1 گىچە بولغان ۋاقىت)، باش توخۇ (سائەت 1 دىن 3 كىچە بولغان ۋاقىت)، سۈبھى (كېچىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى بولۇپ، سائەت 3 تىن 5 كىچە بولغان ۋاقىت) دەپ بەش بۆلەككە بۆلۈنىدۇ.
  • كۈزەد [küzəd] — بۇرۇنقى زامانلاردا بىر كېچىنى بەشكە بۆلۈپ بەش قېتىم جاڭ ئۇرۇدىكەن. ھەر بىر جاڭ ئۇرۇشنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن ئىككى سائەت بولىدىكەن.
  • سوتكا [sotka] — بىر كېچە-كۈندۈز ۋاقىتنى بىلدۈرىدىغان ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكى، 1 سوتكا 24 سائەت بولىدۇ.
  • پاس [pas] — قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا قوللىنىلغان ۋاقىت بىرلىكى. بىر پاس ئادەتتە بىر كېچە-كۈندۈرنىڭ 1/8 ىگە توغرا كېلىدۇ.
  • چارەك [çarək] — كالىندار ھېسابىدا بىر پۈتۈن ۋاقىت بىرلىكىنىڭ تۆتتىن بىرى. چارەك ئەسىر — 25 يىلنى؛ چارەك سوتكا — 6 سائەتنى؛ چارەك سائەت — 15 مىنۇتنى بىلدۈرىدۇ.
  • سائەت [saət] — سوتكىنىڭ 12/1 ىگە تەڭ بولغان ۋاقىت بىرلىكى، 1 سائەت 60 مىنۇت، 3600 سېكۇنتقا تەڭ. قەدىمكى بابىللىقلار بىر كېچە-كۈندۈزنى 24 ۋاقىتقا بۆلۈپ ۋاقىت ھېسابلىغان. ئۇنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە قوللىنىلىشچانلىقى ياخشى بولغاچقا، باشقا ئەللەرگىمۇ تارقىلىپ كەڭ قوللىنىلغان.
  • بىر ئاش پىشىم [bir aş pişim] — بىر ۋاق ئاش (تاماق) نىڭ پىشىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت؛ بىر ئاش پىشقۇچىلىك ۋاقىت.
  • مىنۇت [minut] — ۋاقىت ھېسابىدا بىر سائەتنىڭ 60 تىن 1 بۆلىكى، 1 مىنۇت 60 سېكۇنتقا تەڭ.
  • سېكۇنت [sekunt] — ھازىرقى ئەڭ كىچىك ۋاقىت بىرلىكىنىڭ نامى، 60 سېكۇنت 1 مىنۇتقا تەڭ، 1 سېكۇنت 60 دەقىقىگە تەڭ.
  • دەقىقە [dəqiqə] — ۋاقىت ھېسابىدا سېكۇنتنىڭ 60 تىن 1 بۆلىكىگە تەڭ بولغان ئەڭ كىچىك ۋاقىت بىرلىكى. قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيادا سائەتتىن كىچىك ۋاقىت بىرلىكى دەقىقە بولغان. بىر كېچە-كۈندۈز 1440 دەقىقىگە بۆلۈنگەن. دەقىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى توغرىسىدا «بابۇرنامە» دە «سۈرە فاتىھەنى بىسمىللا بىلەن قوشۇپ ئالتە قېتىم ئوقۇغانچە بولىدۇ» دېيىلگەن.


مەنبئەلەر[تەھرىرلەش]

تۈركىي تىللار دىۋانى،

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى،

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى،

ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئىزاھلىق لۇغىتى