ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى

ئورنى Wikipedia
ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى
ئۇچۇرلىرى
يازغۇچى نەبىجان تۇرسۇن
تىلى ئۇيغۇر تىلى
توم سانى 13 توم
خاراكتېرى تارىخى ئەسەر

ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Uyghur Omumiy Tarixi) بولسا ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تاخچى نەبىجان تۇرسۇن تەرىپىدىن يېزىلغان 13 توملۇق تارىخى ئەسەر.

ئەھۋال[تەھرىرلەش]

2020-يىلى نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت دەۋر بۆلگۈچ ئەسەر — 13 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نەشىر قىلىنغان. [1]

ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمگەك مېۋىسى بولغان «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق 13 توملۇق زور ھەجىملىك ئەسەر نەشر قىلىنىشقا باشلىدى.

ئۇيغۇرلار ياۋرو-ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا شانلىق قەدىمىي مەدەنىيەت ۋە دۆلەتچىلىك ئەنئەنىلىرىنى ياراتقان تۈركىي خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن كۆپ ئەسىرلىك سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تارىخىي مۇساپىلىرى ئىككى ئەسىردىن بۇيان دۇنيا ئالىملىرى تەرىپىدىن زور ساندىكى ئەسەرلەر يېزىلغان. ئەمما مەزكۇر ئەسەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن ھازىرغىچە بولغان بارلىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى مۇپەسسەل يورۇتۇپ بېرىدىغان «ئومۇمىي تارىخ» ئەسىرى يوقلۇقتىن ئىبارەت بوشلۇقنى تولدۇرغان.

مەزمۇن[تەھرىرلەش]

«ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»دىن ئىبارەت مەزكۇر زور ھەجىملىك ئىلمىي ئەسەر جەمئىي 13 توم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» بەش تومنى تەشكىل قىلغان. بۇ بەش تومدا 1943-يىلىدىن 1950-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئائىت پۈتۈن جەريانلار يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ئاپتور بۇ ئەسەرنى يېزىش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىلگىرى مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلغان ئارخىپ ھۆججەتلىرى، ئامېرىكا، تەيۋەن ئارخىپلىرى، شۇنىڭدەك ھازىرغىچە دۇنيادا ئېلان قىلىنغان رۇسچە، ئىنگلىزچە، خىتايچە ۋە باشقا تۈركىي تىللاردىكى ھەر خىل ماتېرىياللاردىن پايدىلانغان.

نۆۋەتتە مەزكۇر ئەسەرنىڭ 1944-يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»گە مۇناسىۋەتلىك 7-، 8-توملىرى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرۇلدى.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى