ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە تىزىملىكى
ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە تىزىملىكى بىز ھازىر ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۇرلىرىنىڭ كۆپلۈكى ، شەكلىنىڭ خىلمۇ خىللىقى ، ئېتىلىش ھۈنەر سەنئىتىنىڭ ئىنچىكلىگى ، سۈپىتى ۋە قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز . بىزلا ئەمەس ئۇيغۇر تائاملىرى تېتىپ كۆرگەن ھەر قانداق ساياھەتچى ۋە مىللەت بۇ نۇقتىنى ھېس قىلالايدۇ .بۇنداق مول تۇرى كۆپ تائام مەدەنىيىتى دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەردە ئاز كۆرۈنىدۇ .
ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ياشاش ئېھتىياجىنى تەمىن ئېتىپ ، ھەر قايسى تارىخ ۋە ئېكولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگە ماشلىشىش يۈزىسىدىن خىلمۇ خىل ئېتىلىپ ، پەسىل ئۆزگىرىش ، كۈندىلىك ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى ۋە مىجەزنى تەڭشەشكە ئۇيغۇنلاشتۇرغان .
ئۇيغۇر تېبابىتى ھۆكۈمالىرىنىڭ قارىشىچە ، ئىنسانلار مەدەنىيەت دەۋرىگە كېرىشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى بىر مەزگىلگىچە ، كۈندىلىك تائام ھەم ئوزۇقلۇق ھەم دورىلىق رولىنى ئوينىغان .شۇڭا بەدەندە ھەر قانداق ساقسىزلىق كۆرۈنگەندە ، ئالدى بىلەن ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان . ئەجدادلىرىمىز تائاملارنى خۇسۇسىيىتىگە قاراپ ، غىزايى مۇتلەق(ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىك ) ، غىزايى داۋا(ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۈنۈمى دورىلىق رولىنى ئوينايدۇ) ، داۋايى غىزا( كېسەل داۋاش مەقسىتىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان ، كېيىن ئۈنۈمى قوشۇمچە ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىك) دەپ ئاتىغان .
غىزايى مۇتلەق : ئاساسەن ئاشلىق زىرائەتلەردىن تەييارلانغان تائاملار بولۇپ ، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندا بەدەننى تۇتۇپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . غىزايى داۋ ا: ئاساسەن گۆش تۇرىدىكى ھايۋانىي يېمەكلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن (سۈت ، تۇخۇم) تەييارلانغان يېمەكلىكلەر بولۇپ ، بۇلار ئالدى بىلەن ئوزۇق بولۇشنى مەقسەت قىلىمىز ، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسى بەدەننى چىڭ تۇتۇپلا قالماي بەزى ئۇششاق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . داۋايى غىزا دېگىنىمىز : ئاشلىق گۆش ۋە كۆكتاتلارغا ھەرخىل دورا خۇرۇچلارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ،تەييارلىنىدىغان تائاملار بولۇپ بۇنداق يېمەكلىكلەرنى بىز ساقسىزلارغا بېرىمىز داۋالاش مەقسىتىدە بولىدۇ .
ئەجدادلىرىمىز ئادەم مىزاجىنىڭ ھۆل ، سوغۇق ، قۇرۇق ، ئىسسىق ، بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن تائاملارنى قويۇق ، سۇيۇق ، گۆشلۈك ، گۆشسىز، گاھىدا ئۇنلارنى ئاساس قىلىپ ، گاھىدا ئۇن بىلەن مېۋىلەرنى بىرلەشتۈرۈلۈپ ، گاھىدا ئۇن ، مېۋە ، گۆش ، كۆكتاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ تائام تەييارلىغان . ھازىر بىز ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان 1000 خىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تائاملىرى مانا مۇشۇ مىزاج تەڭشەش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ، خىلمۇخىللاشقان ۋە تۈرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ بارغان .
ئومۇمەن ، ئۇيغۇر تائاملىرى كۆرۈنۈشىگە قاراپ سوغۇق يېمەكلىك (ئىشتىھانى ئېچىش ۋە تاماق سىڭدۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان ھەر خىل كۆك بېزەكلەر ، سوغۇق سەيلەر ، پىشۇرۇلغان سوغۇق يېمەكلىكلەر ) ، سۇيۇق تائاملار (سۇيۇقئاش ، چۆچۈرە ، شويلا) ، قويۇق تائاملار(لەڭمەن ، پولۇ ، مانتا، سامسا ) ، نانلار ، كاۋاپلار ، تاتلىق - تۇرۇملار ، ئۇسسۇزلۇقلار (چايلار ، ھۈممەللەر ، شەربەتلەر)، مۇراببا قاتارلىق تۈرلەرگە بولىنىدۇ .
ئېتىلىش ئۇسۇلىغا قاراپ ئاساسلىق تائاملار مۇنداق بولىنىدۇ ، پولۇلار قاسقان تائاملىرى(مانتا باشقا ھوردا پىشۇرۇلىدىغان تائاملار) ، تونۇر تائاملىرى(نان ، گۆش نان ، سامسا) ، مايدا پىشۇرۇلغان تائاملار (ساڭزا ، پوشكال ، قۇيماق ، سامبۇسا) ، سۇيۇقئاشلار ، چۆچۈرىلەر ، لەڭمەنلەر ، ھورنانلار ، دۈملىمىلەر ، ئۆپكە-ھېسىپلار ، شورپىلار ، كاۋاپلار ، ھالۋىلار ، قورمىلار ، سوغۇق يېمەكلىكلەر ، تاتلىق-تۈرۈملەر ، ئۇسسۇزلۇقلار قاتارلىق تۈرلەرگە بولىنىدۇ .
ئۇيغۇر تائاملىرى چوڭ جەھەتتىن 50 خىلدىن ، ئۇششاق بۆلۈنگەندە 1000خىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ بۇ تائاملارنى تۈجۈپىلەپ ئۆ خۇرۇچلىرى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلايدىغان بولساق ئېغىزغا تېتىغۇدەك تائاملارنى ئېتەلەيمىز.
پايدىلانغان ماتېرياللار: ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى (شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى. 2007-يىل 6-ئاي 1-نەشىرى)