ئۇيغۇر تېبابىتى

ئورنى Wikipedia

سېھرى كۈچكە تولغان ئۇيغۇر تىبابىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى بۇلۇش سۆپىتىدە نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سالامەتلىگى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قۇشۇپ كەلمەكتە . ئۇ خەلقىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى كىسەللىك بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا توپلاپ رەتلەنگەن تىبابەت تەجرىبىللىرىنىڭ جەۋھىرى بۇلۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مىراسى ۋە مەدىنى بايلىقى .

ئۇيغۇرتىبابىتى- ئويغۇرلارنىڭ كۆپ ئەسىرلىك ئىشلەپ چىقىرىش ئەمەلىيىتى،تۈرلۈك ئاغرىق-سىلاقلارغا قارتا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى جەريانىدا ھاسىل قىلغان تەجىرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنىدۇر.ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بۇلسا ئادەم بەدىنىنى بىلىش ۋە ئىنسانلار ياشايدىغان مۇھىت ،شارائىتلارنى بىلىش ،ئىنسانلارنىڭ ساقلىق ۋە كېسەللىك ھالەتلىرىنىڭ سەۋەپلىرىنى بايقاش ۋە بىلىش ئارقىلىق ،ئۇلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش،يۈز بەرگەن ھەرخىل كېسەللىك لەرنى تۈرلۈك دورا ۋە باشقاچارىلار ئارقىلىق داۋالاپ ئىنسانلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇلۇپ،ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلىشى ،خىزمەت پائالىيەتلىرى،روھىي،ماددىي خۇسۇسىيەتلىرى ،ئادەم ئورگانىزىمنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ،ساقلىق ۋە كېسەللىك ئەھۋاللىر ھەققىدە سۆزلەيدىغان ئىلىم .شۇنىڭدەك كېسەللىكلەرنى ئەمەلىي داۋالاش ،ئاكتىپ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللىرىنى ۋە شۇھەقتىكى كىلىنىكا تەجىرىبىلىرىنى ئۆگىتىدىغان پەندۇر.

تارىخى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇر تىبابىتى ھەممىدىن بۇرۇن قايسى بىر مەشھۇر ھۆكۈما ياكى تېۋىپ تەلىماتلىرىنىڭ گەۋدىلىنىشى بولماستىن، بەلكى ئەمگەكچان خەلىقنىڭ جۈملىدىن خەلىق ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئەمچى، ئاتاساغۇن ۋە تېۋىپلارنىڭ سان-ساناقسىز بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك، مۇۋاپىقىيەتلىك ياكى مۇۋا پىقىيەتسىز تېبىي تەجىرىبىلىرى ئاساسىدا مەيدانغاكەلگەن ۋە راۋاجلانغان .بۇ جەرياندا مەشھۇر ھۆكۈمالار ۋە تېۋىپلارمۇ مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان .مەسلەن؛غازىباي، جىۋا، كومىراجىۋا، گەنجۇ قاغىن، جان باشلاق، ئەبۇنەسىر فارابى، ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئىمادۇدەدىن قەشقىرى، ئەللامە ئەلائىددىن مۇھەممەت خوتەنى، تارىم، جامالى قەرشى، سادىر مىش، مۇھەممەد زىكرىيارازى، زورىخان، گۈلجەمىلىخان، جامالىدىن ئاقساراي، ............................


گىرمانىيىنىڭ بونىن شەھىرىدىكى مۇزىيدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىبابتىگە ئائىت بىر پارچە كىتاپ گەرچە مۇكەممەل ساقلانمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلاردىن يىراق قەدىمى دەۋىردە ئۇيغۇر تىبابىتى ئىچكى كېسەل، تاشقى كېسەل، نېرۋا كىسەللىكى، سۈيدۈك يۇلى كىسەللىكلىرى، تېرە كىسەللىكى، ئېغىز بوشلۇقى كىسەللىكلىرى قاتارلىق كىسەللىكلەرگە قارىتا سېستىمىلىق، مۇكەممەل داۋالاش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىبابەت ساھەسىدە مۇكەممەل سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۋېلىشقا بولىدۇ .

ئاساسلىق مەزمۇنلار[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي تىبابەتچىلىك دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

ئۇ ئۆزىگە خاس مۇكەممەل، سېستىمىلىق نەزەرىيىۋى ئاساسقا ئىگە .يەنى، تۆت ماددا تەلىماتى، مىزاج تەلىماتى، تۆت خىلىت تەلىماتى، ئەزا تەلىماتى، قۇۋۋەت تەلىماتى، روھ تەلىماتى، شۇنىڭدەك ساقلىق ۋە كېسەللىك، كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەپلىرى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتى، كېسەللىكلەرگە دىئاگىنوز قويۇش ئۇسۇللىرى، داۋالاش قائىدە-پىرىنسپلىرى ۋە ئۇسۇللىرى، يېمەك-ئىچمەك، كۈتۈش ۋە پەرۋىش قىلىش، دورىگەرلىك ۋە دورا ياسالمىلىرى، ھەققىدە بىر يۈرۈش نەزەر يىلىرى بار.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئادەم بەدىنى ۋە بارلىق جانلىق ھاياتنى كەڭ تەبىئەتنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە چۈشىنىدۇ.ئومۇمىي بەدەننىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.ئۇ ھاياتلىقنى تاشقى مۇھىت شارائىتى بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ.

مەسلەن؛تۆت چوڭ ماددا(تۆت تادۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ئوخشىمىغان تۆت خىل خۇسۇسسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوت - قۇرۇق ئسسىق، ھاۋا - ھۆل ئىسسىق، سۇ - ھۆل سوغۇق، تۇپراق - قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ.ئۇلار جىسىم، كەيپىيات، خۇسۇسسىيەت جەھەتتىن بىر-بىرىگە قارمۇ قارشى زىت بولشىمۇ ئەمما بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ.ئۇلار كائىناتتا ئىسسىقلىق، سوغۇقلۇق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت تۆت خىل كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، تۆت كەيپىياتنىڭ قارمۇ قارشى نەتىجىسىدە مىزاج ھاسىل بۇلىدۇ.مىزاجلار چوڭ جەھەتتىن قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، قۇرۇق سوغۇق دەپ تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ.

بۇ قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ تەبىئەتنى تونۇش كۆزقارشىدىن ئىبارەت بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىشى ئەمىلىيەتتىن باشلانغان، ئەجداتلىرىمىز توت ئامىلدىن تولۇق بەھىرىمەن بۇلغان.

ئويغۇر تىبابىتى تۆت خىلىت تەلىماتىنى تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بەدەندىكى تەقلىدىي زاھىرى دەپ بىلىدۇ.

تۆت خىلىت بولسا سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدا بولۇپ، بۇلار بەدەننى تەشكىل قىلغان، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان مۇھىم سۇيۇقلۇقلار بۇلۇپ، سەپرا خىلىتنىڭ تەبىئىتى-قۇرۇق ئىسسىق، قاننىڭ تەبىئىتى-ھۆل ئىسسىق، بەلغەمنىڭ تەبىئىتى-ھۆل سوغۇق، سەۋدانىڭ تەبىئىتى -قۇرۇق سوغۇق، ئۇلار ئورگانىزىمنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدا سەرىپ قىلىنىپ، يېڭىدىن ئشلىنىپ تولۇقلىنىپ، ئۆز ئارا تەڭپۇڭلىقنى ساقلاپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ ساغلاملىق شەرىتلىرىنى ھازىر لايدۇ.

ئويغۇر تىبابىتى ئىنسان بەدىنى ئىچكى ئامىل ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ بىرلىكى ۋە زىدىيىتى ئاساسىدا تەرەقىي قىلىدۇ ۋە ھاياتلىق جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.

ئويغۇر تىبابىتى ئادەمنىڭ ئومۇمىي بەدىنىنى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قاراپ ئەزالارنىڭ تۈزىلىشىنى يەككە ئەزا ۋە مۇرەككەپ ئەزا، خىز مەت رولىغا قاراپ رەئىس ئەزا، خادىمىي ئەزا ۋە غەيرى خادىمى ئەزادەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىپ كونكىرىت تەرىپلەيدۇ.مەسلەن؛مېڭە، يۈرەك، جىگەر رەئىس ئەزالار. ئۆپكە، ئاشقازان، تال، ئۈچەي، بۆرەك......قاتارلىق ئەزالارنى خادىمىي ئەزالار قاتارىغا كىر گۈزىدۇ ھەم يۇقىرىقى ئەزالارنىڭ كونكىرىت خىز مەت رولىغا قاراپ بەزىلىرىنى ھەم باشقۇرغۇچى ئەزا، ھەم باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار قاتارىغا تىرناق، چاچ قاتارلىقلارنى غەيرى خادىمىي ئەزا قاتارىغا كىر گۈزىدۇ.

ئويغۇر تىبابىتى كېسەللىكلەر سەۋەپلىرىنى ئىچكى سەۋەپ ۋە تاشقى سەۋەپ دەپ ئىككىگە بۆلۈپ كونكىرىت تونۇشتىرىدۇ.ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تەپسىلىي ئېنىق كۆرسىتىدۇ.كېسەللىكلەرنى چوڭ جەھەتتە يالغۇز كېسەللىكلەر ۋە مۇرەككەپ كېسەللىكلەر دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ.يالغۇز كېسەللىكلەرنى مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىكلەر، شەكىل بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىكلەر، پۈتۇنلۈك خارەكتىرلىك كېسەللىكلەر دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈپ، بىر مۇبىر كېسەللىكنىڭ سەۋەبى، ئالامىتى، داۋالاش ئۇسۇللىرىغىچە تەپسىلىي توختىلىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمەلىي تەجىرىبىلىرىدىن يەكۈنلەنگەن، ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش، تونۇپ ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى بۇلۇپ، كېسەللىكنى توغرا تونۇپ دىئاگىنوز قويۇش، توغرا داۋالاپ بىمارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.

ئويغۇر تىبابىتى -تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى، مىزاج تەلىماتى، خىلىت تەلىماتى، قۇۋۋەت تەلىماتى، روھ تەلىماتى، ئەزاتەلىماتى ئاساسىدا، مۇھىمى ئادەم بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلىكى ۋە ئۇنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن بولغان بىرلىكى، زىددىيىتى ئاساسىدىكى تونىشلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئىچكى - تاشقى سەۋەپ ۋەباشقا ئامىللار ھەمدە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ۋاستىلىك ۋە ۋاستىسىز ھەرخىل تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىپ دىئاگىنوز قۇيىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابىتىدە كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى-قاراپ تەكشۈرۈش، سوراپ تەكشۈرۈش، پۇراپ تەكشۈرۈش، تۇتۇپ تەكشۈرۈش، تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش، چوڭ-كىچىك تەرەتلەرنى تەكشۈرۈش، قۇسۇق ۋە خەپرۈكلەرنى تەكشۈرۈش قاتار لىقلار نى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى كېسەللىكلەرنى نۇقۇل دورا ئارقىلىق داۋالاش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.ئۇ بىمارنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئېغىر كېسەللەرنى ياتقۇزۇپ داۋالاش، روھى داۋالاش، ھاۋا يۆتكەپ داۋالاش، بىمارنىڭ قۇۋۋىتىنى ساقلاپ داۋالاش، يىمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش، دورا بىلەن داۋالاش، ئارشاڭ ۋە قۇياش نۇرى بىلەن داۋالاش، قۇم بىلەن داۋالاش، لوڭقا قۇيۇپ داۋالاش، تېرىگە ئېلىش، يەرلىك ئورۇنغا ئىسسىق ۋە سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش، داغلاپ داۋالاش، ئۇۋلاپ ئىسلاپ داۋالاش، نەشتەر ئۇرۇش، قان ئېلىش، ئوپراتسىيە قىلىپ داۋالاش، سۇنۇق -چېقىقلارنى تېڭىپ داۋالاش، پەرھىز بۇيرۇش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، داۋالاش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابىتى دوراگەرلىك ئىلمى -دورا ماتىرىياللىرىنى تونۇش، ئۆستۈرۈش، يىغىش، ساقلاش، ئىش قوشۇپ پىششىقلاش قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغاندىن سىرىت، دورىلارنىڭ خۇسۇسيىتى، ئورۇنباسارى، شىپالىق رولى، ئەكىس تەسىرى تۈزەتكۈچى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تۇنوشتۇرىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابىتى كېلىنىكا جەھەتتە كېسەللىكلەرنى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى، تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى، تېرە كېسەللىكلەر ئىلمى، بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمى، ئاياللار كېسەللىكلىرى ئىلمى، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ئىلمى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ئىلمى قاتارلىقلارغا ئايرىيدۇ.

ئۇيغۇر تىبابىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەقىيات ۋە كىلىنىك ئەمىلىيەتلىرى جەريانىدا تەدىرىجىي شەكىللەنگەن بۇلۇپ، ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىش ئارقىلىق ئۆز مەزمۇنىنى بېيىتقان ۋە ھەرقايسى كېلىنىك بۆلۈملەرگە خاس بولغان نەزەرىيە ۋە كېلىنىك داۋالاش ئىلمى بولۇپ سېستىمىلاشقان.

تۇرپاندىن تېپىلغان............. ئارخولۇگىيېلىك تارىخىي ھۆججەتلەرگە قارىغاندا بۇنىڭدىن 1000-1400 يىل ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تىۋىپلىرى كېسەللىكلەرنى تېرە كېسەللىكلىرى، كۆز كېسەللىكلىرى، قۇلاق، بۇرۇن ۋە بوغۇز كېسەللىكلىرى، چىش كېسەللىكلىرى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، نەپەس ئېلىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسەللىكلىرى، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرى، سۈيدۈك يولى ۋە جېنسىي ئەزا كېسەللىكلىرى، جاراسىملىق كېسەللىكلەر، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى نەسىھەتلەر قاتارلىق 12 چوڭ تۈرگە ئايرىغان.يەنە بىر يۈرۈش مۇقۇم دورا ئۆلچەملىرى بولغان.

بۇ ئۇيغۇر تىباتچىلىكىنىڭ بۇنىڭدىن 10 نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا يۇقىرى دەرىجىدە تەرەقىي قىلغانلىقى ۋە مۇكەممەل سېستىما بۇلۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابىتى يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ئۇزۇن تارىخقا، مۇكەممەل سېستىمىلىق نەزەرىيە ئاساسى ۋە مول تەجىرىبە، پۈتمەس-تۈگىمەس دورا مەنبەسىگە ئىگە بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش جەھەتتە مۇھىم رول ئويناپ كەلدى ۋە كەلمەكتە!!!


تەرەققىياتى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇر تېبابىتى تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا خەنزۇ، ھىندى، پارىس، ئەرەپ، قەدىمى يۇنان تىبابىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئاساسى داۋالاش ئۇسۇلىغا سىڭدۈرگەن . شۇ ئارقىلىق غەرىپ ۋە جوڭگو تىبابىتىدىن پەرىقلىنىدىغان ئۆزىگە خاس تىبابەت نەزەريىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن .

يادروسى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇر تېبابىتى نەزىريىسىنىڭ يادروسى ئەركان تەلىماتى، مىزاج تەلىماتى، خېلىت تەلىماتى، تەبىئەت تەلىماتى، ئەزا تەلىماتى قاتارلىق نەچچە خىل نەزىريىدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، ئىنساننىڭ سالامەتلىگى بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلىقى تەرىپىدىن بەلگىلنىدۇ دەپ قارايدۇ . (بۇ ئۇقۇملارنى ئادەتتىكى تىلدىكى ئۇقۇملار بىلەن ئوخشاش مەنىدە ئاددىلا چۈشۈنىشكە بولمايدۇ، ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىريىسىنىڭ مۇرەككەپلىگى مۇشۇ يەردە ) ئۇيغۇر تىبابىتى مۇشۇ نەزىريىۋى ئاساسلار ئارقىلىق ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشۈندۈرۈپ، كېسەللىكنى ئالەم، تەبىئەت، مۇھىت قاتارلىق بىلەن باغلايدۇ . ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ دىئاگنۇز ئۇسۇلى " تۇمۇر تۇتۇپ دىئاگنۇز قۇيۇش "، " كۆزۈتۈپ دىئاگنۇز قۇيۇش "، " سۇراپ دىئاگنۇز قۇيۇش " قاتارلىق ئۈچ خىلغا بۈلىنىدىغان بۇلۇپ تۇمۇر تۇتۇشلا ئون تۈر 35 خىلغا بۆلىنىدۇ .

يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر[تەھرىرلەش]

يېقىنقى زامانغا كەلگەندە غەرىپ تىبابىتىنىڭ سېڭىپ كىرىشى ۋە ئۇمۇملىشىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تىبابىتى چەتكە قېقىلىش، ئىتبار بىرەلمەسلىك قاتارلىق تەقدىرگە دۇچكەلدى . 90 - يىللاردىن كىيىن پارتىيىنىڭ مىللى سىياسىتىنىڭ قوللىشى، ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىغان ئۇلۇغ پېشۋا مەرھۇم ئابدۇلھەمىد ھاجىم، ئۇيغۇر تىبابىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلۋاتقان دوكتور خالمۇرات غۇپۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تېخنىكومىدىكى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت تەتقىقات ئورنىدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ، نامسىز قەھرىمانلارنىڭ تىرىشچانلىغى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۆز تىبابىىتىگە كۆڭۈل بۈلۈۋاتقان ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئۇيغۇر تىبابىتى يېڭىۋاشتىن گۈللەپ ياشناشقا باشلىدى . ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ 202 خىل دۇرىسى مەملىكەتلىك دۇرا قامۇسىغا كىرگۈزىلدى، ئىمساك، ئىپار تالقىنى قاتارلىق دۇرىلار ئامرىكا، ياپۇنيە، سىنگاپور، ئەرەپ دۆلەتلىرى بازىرىغا بۆسۈپ كىردى ." خابو غار - غار سۇيۇقلىقى " قاتارلىق يېڭى دورىلار تەتقىق قىلىپ ياسالدى . ئۇيغۇر تىبابىتىنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن روسيە، گىرمانىيە، ياپۇنيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئاسپىرانىتلار شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت تەتقىقات ئورنىغا ئۇقۇشقا كىردى .

مۇتەخەسىسلەر[تەھرىرلەش]

دوكتۇر خالمۇرات غۇپۇرنىڭ بۇشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشى ئارقىسىدا رۇسيە، گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم تەتقىقات ئۇرۇنلىرى ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىريىسىنى سېستىمىلىق تەتقىق قىلىشقا باشلىدى .

ئىشنىمىزكى تۇلۇپ - تاشقان مىللى ئىپتىخارلىق روھى بىلەن ئۇيغۇر تىبابىتى قۇشۇنىغا قېتىلغان ياش ئەۋلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن قالدۇرۇلغان بۇ بايلىق ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىگى ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆز تۆھپىسىنى قۇشىدۇ .


ئۇيغۇر تېبابىتى تەتقىقات دائىرىسى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئىلمىدە بىر تەرەپتىن ئادەملەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان يېمەك-ئىچمەك ۋە غىزالارنىڭ تۈرلىرى، ئۇلارنىڭ تەركىبى، تەبىئىتى، خۇسۇسىيىتى، زىيانلىق تەسىرى، تۈزەتكۈچىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ خىلىتلارنىڭ ئىشلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجى، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ نورمال تەمىنلىنىش مىقدارى، تەمىنلەش مىقدارىنىڭ نورمالسىز بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى، كېسەللىك ھالىتىدە ئوزۇقلۇقنى تەڭشەش ئارقىلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە كونكېرىت تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقلۇق ئىلمىنىڭ مىزاج، خىلىت، قۇۋۋەت، روھ قاتارلىق تەلىماتلار ۋە تېببىي ئاساسىي پەنلەردىن فىزىئولوگىيە، كېسەللىنىش ئىلمى، بىئوخىمىيە، بىئولوگىيە، دورىگەرلىك قاتارلىق پەنلەر بىلەن ھەمدە كلىنىك پەنلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئىلمى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك خادىملىرىنى تەربىيىلەش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش جەھەتلەردە زۆرۈر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئىلمىي ئوزۇقلىنىشنىڭ قائىدە- قانۇنىيەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشتە، كۈچلۈك ئەمەلىياتچانلىققا ۋە ئىلمىي يېتەكچىلىككە ئىگە مۇھىم بىر پەن ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى قانداق پەن[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقلۇق ئىلمى ئادەم بەدىنىنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالى، يېمەك - ئىچمەك ۋە غىزالار تەركىبىدىكى ئوخشىمىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بېرىدىغان مەنپەئەتى، پايدىسىز تەسىرلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، غىزالارنىڭ تەبىئىتى، خۇسۇسىيىتىنى ئاساس قىلىپ، ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىكنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مەنبە قىلىپ، داۋائىي غىزائى، غىزائىي داۋائى ۋە پەزھىز بۇرۇش قاتارلىق جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ۋە ئۆزىنى تېخىمۇ بېيىتىشنى ئاساسى ۋەزىپە قىلىدىغان پەندىن ئىبارەت.

ئۇيغۇر تېبابىتى ھەققىدە شېئىر[تەھرىرلەش]

تۇرغۇن يىلتىز

پۈتۈن ئالەمدە شۆھرەتلىك، چېۋەر ئۇيغۇر تېبابەتتە،

مەئىشەت، ئۇلى سەنئەتلىك، ئىجاد يۈكسەك پاراسەتتە،

داۋالاش كۈچى قۇدرەتلىك، سىرى رېتسېپ، كارامەتتە،

ئەجىر- تۆھپىدە نۇسرەتلىك، ھامان كاتتا ئىناۋەتتە،

ئىگە تارىخقا ھۆججەتلىك، تازا، ئىلمىي لاياقەتتە.

قاچانكى، تەندە ئەجدادلار كېسەللىك ھەم يارا تاپتى،

شۇنىڭدىن سوڭرە، ئىزدەشنى ئامال، چىن مۇددىئا تاپتى،

ھاياتلىق جىسمىنى بايقاپ سۇ، ئوت، تۇپراق، ھاۋا تاپتى،

سوغۇق، ئىسسىق، قۇرۇق، ھۆل ئىلكىدە ھەر كىم شىپا تاپتى،

خالاسكار يۇلتۇزى چاقناپ كۆكى تۈرلۈك تەبىئەتتە.

خىلىتلار تەلىماتى: قانۇ سەپرا، سەۋدا، بەلغەمدۇر،

يەنە مەزمۇنى روھ، قۇۋۋەت، مىزاج، ئەزامۇ ھەمدەمدۇر،

تولا توم-توم دىۋانلاردا داۋا چەشمىسى زەمزەمدۇر،

ساۋاق - تەجرىبە ئوكيانى، رىسالە مىسلى ئەزەمدۇر،

بىشى ئۈچ مىڭغا ئۇلاشقان ئىلىمدۇر بۇ مۇشەققەتتە.

تېۋىپ، ئەمچى، باھادىر ئاتا ساغۇنلارغا تىپ غازباي،

چىۋا، كومراجىۋا، گەنجۇ قاغىن، باشلاقنى كۆر، ئايھاي!

ئەبۇنەسىر فارابى ھەم ئىبىنسىنا، تارىم... نۇر - ئاي،

خوتەنىي، قەشقەرىي، ھاجىپ، مۇرات... يوللىرى ھاڭغىرقاي،

خەزىنە بولدى تەۋەررۈك مىراسلاردىن بالاغەتتە.

«كاتالوگلار»، «مۇجەررەپ نۇسخىلار» قالدى سادىر مىشتىن،

ھەدىيە «دەستۇرۇلئىلاج»، شۇ سۇلتان ئەلى دانىشتىن،

ياراتتى «تەجرىباتى تېببىيە» ئوسمان ئىجاد - ئىشتىن،

تەجەللىي پۈتتى «رېتسېپلار» دېبان توپلام كەچۈرمىشتىن،

مۇھەممەد ئىختىرا ئەتتى «... قۇلۇپ»لارنى جاسارەتتە ...

يېقىن تارىختا ئەجمالخان، يۈسۈپ، تۇردى... ياشاپ ئۆتتى،

باياخۇن، ئەمەت ھاجى، ھەزرىتىم ... ناملىق جاناب ئۆتتى،

ئەزەمخان، ئەمچى سامساقباي... كېسەللەرگە قىماپ ئۆتتى،

مۇتىللا، ئاخۇنۇم، ئىنايىتۇللا... دىن ساۋاب ئۆتتى،

يۈسۈف ئابدۇلھىمىد نادىر ئەسەر يازدى پاساھەتتە...

سىناق- تەجرىبىلەر ئازمۇ زامانى تەيپۇنەملەردىن؟!

نەمۇنە ئۈلگىلەر كەممۇ كلاسسىك، پېشقەدەملەردىن؟!

قۇت ئاتتى كۈنسېرى ئۇشبۇ كەسىپ سانسىز تۆلەملەردىن...

دەرىخ! قانچىسى ئۆتكەندۇ باھادىر مۆھتەرەملەردىن،

بېغىشلاپ ئۆمرىنى ئەل بەختىگە چەكسىز ھېدايەتتە؟!

سوراپ قالساڭ: ئىلىم ئۇيغۇر تېبابەتتە بۆلەك، دەيدۇ،

مۇرەككەپ، يەككە ئەزاغا بۆلۈش تەننى كېرەك، دەيدۇ،

تەئەللۇق يەككىگە مۇسكۇل، تومۇر، پەي، چاچ، سۆڭەك... دەيدۇ،

مۇرەككەپكە مېڭە، ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك، يۈرەك... دەيدۇ،

رەئىس ھەم خادىمىي ئەزا تۇتار جاننى نازارەتتە...

تېۋىپلار كۆپ كېسەللىكنى چىرايلاردىن قاراپ بىلگەي،

تومۇر تۇتماق ئاجايىپ سىر، ئاسارەتنى پۇراپ بىلگەي،

بەدەنلەرنى تۇتۇپ- سىيلاپ، يەنە ئەھۋال سوراپ بىلگەي،

ئېدىتلاپ چىقىرىندى ماددىنى، توغرا، روياپ بىلگەي،

ئىلىم ئەھلىگە ئىنساننىڭ جىمىي تۇرقى بىشارەتتە...

داۋالاش ئۆزگىچە: روھىي ئالامەتلەر مىزانغا باش،

ھاۋا يۆتكەش، قۇۋۋەت ساقلاش، قۇياشنىڭ نۇرىغا قاقلاش،

قىلىش ھوقنە، چۈشۈش ئارشاڭۇ قۇمغا، ئۇۋۇلاش، داغلاش،

تېڭىش، دەستكار، ئۇرۇش نەشتەر، قويۇش لوڭقا، بېرىش ئوتياش...

مۇدام بىسيار ئۇسۇل ئۈزرە سالامەتلىك كاپالەتتە.

ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، مەدەن تۈمەن خىل دورىغا ئەشيا،

قىيام، شەربەت، ئەرەق، كاشكاپ، سۇاۇپ، سىركەنجىۋىل ئۇختا،

جاۋارىش، ئىترىفىل، مەجۈن، لوئوف، ھەب، قۇرسى... جان گويا،

زىماد، مەتبۇخ، خېمىر، مەلھەم، ئايارەج ھەم مۇھىم تۇتقا،

شىپادۇر ھەممىسى، ئەكس تەسىرى يوقتۇر ئىجابەتتە.

ھاياتلىق بولسا كەڭ ئاسمان، تېبابەت ئۇندىكى چولپان،

نە چولپانكى، جىمىي روھ-جان ياشارغان گۈل، چىمەن، بوستان،

يارالغان مۆجىزە چەندان، يېشىللىققا جاھان ھەيران،

بۈيۈك مەسئۇلىيەت، ۋىجدان يىلىك مەركىزىدە ئىنسان،

ئۇنىڭ يىلتىزى ئۆزلۈك - قان، سۈرە دەۋان كامالەتتە.