ئەجدىرھا مىۋىسى

ئورنى Wikipedia
ئەجدىرھا مىۋىسىنىڭ قىيما ھالىتى
ھەرخىل رەڭدىكى ئەجدىرھا مىۋىسى (پىتايا)

ئەجدىرھا مىۋىسى( ئۇيغۇرچە باشقىچە ئاتىلىشى: پاتايا ياكى پىتايا؛ ئېنگلىزچە: Pitaya ياكى dragon fruit؛ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 火龙果، خولۇڭگو) ئامېرىكا قىتئەسىگە يەرلىك بىر خىل مىۋە. بۇ مېۋىنىڭ تاشقى رەڭگى ۋە شەكلى ئەجدىرھاغا ئوخشىغانلىغى ئۈچۈن، ئۇيغۇرچىدا ئادەتتە ئەجدىرھا مىۋىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مىۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆسمەيدىغان بولۇپ ئاساسلىقى جەنۇبى جوڭگودىن كىرگۈزۈلدۇ. ھازىر ئىلىنىڭ قىسمەن جايلرىدا بۇ خىل مېۋىنى پارنىكتا ئۆستۈرۈپ ئۇتۇق قازانغان.