ئەخمەتجان ئوسمان
| شەخسىي ئۇچۇرلىرى | |
| تۇغۇلغان | 1964-يىلى (54ياش) |
| مىللىتى | ئۇيغۇر |
| دۆلەت تەۋەلىكى | كانادا |
| تۇرار جايى | كانادا |
ئەخمەتجان ئوسمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Ahmatjan Osman )بولسا 1964-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋېيخۇلياڭ كان رايونىدا بىر ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1981-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قۇبۇل قىلىنغان ۋە 1982-يىلى 10-ايدا دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن سۈرىيە دەمەشق داشۆسى تىل-ئەدەبىيات شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن.
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
[تەھرىر]شائىرنىڭ ئىجادىيىتى دەسلەپتە بالىلار شېئىرلىرى بىلەن باشلاندى. بۇ ھال ئۇنىڭ ھازىرقى شېئىرلىرىدىكى بالىلارچە قىزغىنلىق ۋە جۇلا بىلەن بېزەلگەن رەڭدار شېئىرىي نەپىسلىكتىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئۇ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان كېيىنكى مەزگىلدە سۈرىيىدە ئەرەپ تىلىدا يازغان «ئىككىنچى يىقىلىش»، «تويلار تىلسىمى» قاتارلىق توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. ئەرەپ ئوبزورچىلىرى ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا: «ئۇلىمپىس مەدەنىيىتى ۋە بۇددا مەدەنىيىتى بىلەن تۇيۇنغان، يىراق شەرق چوڭقۇرلۇقىدىن كەلگەن بۇ روھ، بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە يىتتۈرۈپ قويغان سېھرىمىزنى قايتۇرۇپ بەردى» دەپ باھا بېرىشكەن. نۇرغۇن شېئىرلىرى خەنزۇ ۋە چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
باشقىلار
[تەھرىر]ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «ئۇيغۇر قىزى لىرىكىسى»، «روھ پەسلى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.
ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىدىن:
يوللارنىڭ ھەممىسى ئەينى يەرگە ئاپىرىدۇ