ئەدەن باغى

ئورنى Wikipedia

ئەدەن باغى (ئىبرانىيچە: גַּן עֵדֶן, Gan ʿEdhen، ئەرەبچە: جنات عدن Jannat ʿAdn ، ئىنگ: Garden of Eden) ئىنجىلدە ئادەم ئىلە ھەۋۋا ياشىغان جەننەت باغى ئېرۇر.

ئەدەننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە بىر يەردە ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. ئەدەندە ئاققان تۆرت دەريانىڭ بىرىسىنىڭ ئاتى دەجىلە، يەنە بىرىنىڭ ئاتى ئىسە ئىڧرات دەرياسى ئېرۇر.

ئەدەن باغى ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە ئوىشىمان يەرلەردە "ئەدن جەننەتلەرى" شەكلىدە تەكرارلانغاندۇر.

  • وَعَدَ اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَمَسَاكِنَ طَيِّبَةً فِي جَنَّاتِ عَدْنٍ ۚ وَرِضْوَانٌ مِّنَ اللَّهِ أَكْبَرُ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ

ئاللاھ مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىنە ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ھەمىشە تۇرىدىغان (ئەدەن) جەننەتلەردە گۈزەل جايلارنى ۋەدە قىلدى. (ئۇلار ئېرىشىدىغان) ئاللاھ نىڭ رازىلىقى (جەننەت نېمەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىن) كاتتىدۇر، بۇ چوڭ بەختتۇر. (سۇرە تەۋبە: 72)[1]

  • يَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَيُدْخِلْكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ وَمَسَاكِنَ طَيِّبَةً فِي جَنَّاتِ عَدْنٍ ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ

(شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىكى گۈزەل سارايلاردا (تۇرغۇزىدۇ)، بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر (سۇرە ساڧ: 12)[2]

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. قۇرئان كەرىم، سۇرە تەۋبە
  2. قۇرئان كەرىم، سۇرە ساڧ