Jump to content

ھەۋۋا

ئورنى Wikipedia

ھەزرىتى ھەۋۋا ياكى ھاۋا ئانا، (ئەرەبچە: حواء، ئىبرانىيچە: חַוָּה‎) ئوخشىمىغان ئىتىقادلارغا ۋە ئىبراھىمىي دىنلەرغە كۆرە تۇنجى ئىنسان بولمىش ھەزرىتى ئادەمنىڭ جۈپتىدۇر. بۇ دىنلارغا كۆرە پۈتۈن ئىنسانلار ئادەم ۋە ھەۋۋانىڭ ئەۋلادىدۇر. بەئزى غەرب تىللىرىدا كۆھنە ئەھدتىكى شەكلى بىلەن Eva دېيىلىدۇ. تۈركىي خەلقلەر ئەڧسانىلىرىدە ئەجە دېيىلىدۇ.

ئىسلامدا ھاۋۋا

[تەھرىرلەش]

ھاۋا ئانا قۇرئاندا ئىسمەن زىكىر قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئۇ ئادەم ئاتىنىڭ ھايات يولداشى سۈپىتىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ۋە ئىسلامىي ئادەت بويىچە حواء (Hawwāʾ) دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەم ئاتىنىڭ جۈپتى ھەققىدە سۇرە بەقەرەنىڭ 30-39، سۇرە ئەئراڧنىڭ 11-25، سۇرە ھىجىرنىڭ 26-42، سۇرە ئىسرانىڭ 61-65، سۇرە كەھڧنىڭ 110-124 ۋە سۇرە قەسەسنىڭ 71-85 ئايەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان.

قاراڭ

[تەھرىرلەش]