شىس

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


شىس ئەلەيھىسسالام

ھەزرىتى شىسنىڭ چىركاۋدىكى پورتىرىتى (1630)

توغۇلغان يېرى مەككە
ئاتا-ئاناسى ئادەم ۋە ھەۋۋا
ئەۋلادلىرى ئىدرىس، ئەنوش

ھەزرىتى شىس (ئەرەبچە: شيث، ئىبرانىچە: שֵׁת) تەۋراتقا كۆرە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بەشىنچى بالىسىدۇر. ئادەمدىن سوڭرە دۇنياغا ئىبەرىلگەن ئىككىنچى، دۇنيادا توغۇلغان تۇنجى پەيغەمبەردۇر. قابىل ھابىلنى ئۆلتۈرۈپ 5 يىلدىن كېيىن توغۇلغان ئىمىش. باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ ئەكسىنچە ھەزرىتى شىس قوشكىزەك ئەمەس يالاڭىزەك توغۇلغان. شىس ئىبرانىيچە ئاللاھنىڭ بېشىغلىمىسى دېگەنلىك بولىدۇ.

ئىنجىلدا ھەزرىتى ئادەمنىڭ 130 يېشىدا شىسقا دادا بولغانلىقى، شىسنىڭ ئەنۇش ۋە ھەزرىتى ئىدرىسنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكى بايان قىلىنماقتا.

ئىسلامدا ھەزرىتى شىس[تەھرىرلەش]

قۇرئاندا ھەزرىتى شىسنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ تەۋرات ۋە ئىنجىلدا تىلغا ئېلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا 50 بەتلىك سۇھۇڧ نازىل قىلىنغانلىقىغا ئىشىنلگەنلىكى بائىس ئىسلامدا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرى قەبۇل قىلىنىدۇ. ھەزرىتى شىسقا ئاللاھ تەرىپىدىن 50 بەتلىك سۇھۇڧ (كىتابچە) بېرىلگەن. قېرىندىشى قابىلنىڭ بالىلىرىنىڭ بىر قىسمى شىس ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان سۇھۇڧلارغا قارشى چىققان.

ئىسلام ئىتىقادىچە شىسنىڭ ھاياتى مەككە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۆتكەن. ئىسلامغا كۆرە ھابىلنىڭ ئەۋلادى قالمىغانلىقى ۋە قابىلنىڭ ئەۋلادلىرى توپاندا غەرق بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەمزاتنىڭ شىسنىڭ پۇشتىدىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. ھەمدە شىسنىڭ كەئبىنى قۇرغانلىقى ۋە تۇنجى ساقال چىققان ئادەم ئىكەنلىكى، 912 يىل ياشىغانلىقى ۋە مەككەدە ئەبۇ قۇبەيس تېغىدىكى بىر غاردا ئاتىسى بىلەن بىر يەرگە كۆمۈلگەنلىكى ھەزرىتى شىس ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىندۇر.

قاراڭ[تەھرىرلەش]