ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن www.azizisa.org

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن (Aziz Isa Elkun) - تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا بويلىرىغا جايلاشقان قەدىمىي بوستانلىق يۇرت شايار ناھىيىسىدە 1970- يىلى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇنلىغان شېئىر، نەسىر ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرى ئاقسۇ، ئۇرۇمچى, ئالمۇتا، بىشكېك ۋە لوندوندىكى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا يورۇق كۆرگەن. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەدەبىي ئەمگىكىنىڭ بىرى ”دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغىچە“ ناملىق كىتابى 2011- يىلى ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈزكۆرۇشتى. ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى شېئىر، ئەدەبىي، تەرجىمە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تور سەھىپىسى www.azizisa.org» دە، ھەم ئەنگلىيىدە ئېنگلىز تىلىدا، دۇنيانىڭ باشقا دولەتلىرىدىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا، تور بەتلەردە ئۇيغۇر تىلىدا داۋاملىق نەشىر قىلىنىپ كەلمەكتە. ئۇ ئەنگلىيىدە 2005-يىلىدىن بۇيان ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان لوندوندىكى ئۇيغۇر سەنئەت گۇرۇپىسى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى (London Uyghur Ensemble). ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 2017-يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ باش شىتابى لوندوندىكى "خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى" ئىجىرائىيە كوممېتىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.