ئەلئۇم

ئورنى Wikipedia
ھۆججەت:Alomm.jpg

ئەلئۇم (ئانا / الأم)». مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرى بولغان شافىئىي مەزھىبىنىڭ ئىمامى بۈيۈك مۇجتەھىد ئىمام شافىئىي (ھ. 150 / م. 767، غەززە – ھ. 204 / م. 820، مىسىر) كۆپ قىسمىنى ئۆزى يازغان ۋە بىر قىسمىنى شاگىرتلىرىغا سۆزلەپ بېرىپ يازدۇرغان چوڭ ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ، ئىسلام فىقھىدا ئەڭ مۇھىم ئىلمىي مىراسلارنىڭ بىرىدۇر.

كىتابتا ئىمام شافىئىي سېلىشتۇرما فىقھ تەتقىقاتىنى ئۇسۇلى فىقھ بىلەن باغلاپ سۇنىدۇ. 4000 غا يېقىن ھەدىسنى سەنەدى بىلەن كەلتۈرىدۇ.

بۇ كىتابنى ئىمام شافىئىي مىسىردا ئۆتكۈزگەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى تۆت يىلىدا يازغان بولغاچقا، بۇ كىتاب ئۇنىڭ «يېڭى فىقھ قاراشلىرى»غا، پىكرىنىڭ سۈزمىسىگە، ئەڭ ئاخىرقى ئىجتىھادىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بۇ كىتاب يەنە ئىلگىرىكى بولۇپمۇ ئىمام شافىئىي بىلەن دەۋرداش بولغان ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم مەنبە بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭدىكى ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئوقۇرمەنلەردە ئىلمىي ئىقتىدار يېتىلدۈرىدۇ.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]