تاشقورغان پامىر ئايرودۇرۇمى

ئورنى Wikipedia

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، تاشقورغان پامىر ئايرودۇرۇمى (ئېنگىلىزچە: Tashkorghan Pamir Airport; ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 帕米尔机场)قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. تاشقورغان پامىر ئايرودۇرۇمى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئايرودۇرۇم تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىن 13 كىلومېتىر يىراقلىققا سېلىنىدىكەن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3252 مېتىر كېلىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە 2022-يىل 5-ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

ئايرودۇرۇم ھەققىدە[تەھرىرلەش]

تاشقورغان پامىر ئايرودۇرۇمى دۆلەت، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىدىكى نۇقتىلىق ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، ئومۇمىي مەبلەغ سېلىنمىسى 1 مىليارد 630 مىليون يۈەن، تۈر قۇرۇلۇشى ۋاقتى 3 يىل، يېڭىدىن ياسىلىدىغان ئايروپىلان ئۇچۇش-قونۇش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3800 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر، ئۇچۇش رايونىنىڭ دەرىجىسى4c، ئايرودۇرۇم بىناسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ بۇ ئايرودۇرۇم يىلىغا 160 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى، 400 توننا يۈكنى ئەكىرىش-چىقىرىش، يىلىغا 1900 ئايروپىلان قېتىم ئۇچۇش-قونۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. تاشقورغان پامىر ئايرودۇرۇمى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى جەھەتتە 14-ئۇرۇندا تۇرىدىكەن.

تاشقورغان ھەققىدە[تەھرىرلەش]

شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان تاشقورغان ناھىيەسى بىر قەدەر چەتتىرەك بولۇپ، قەشقەر شەھىرىگە 300 كىلومېتىر كېلىدۇ، ماشىنا بىلەن تەخمىنەن بەش سائەتتە بارغىلى بولىدۇ. 50 نەچچە ئىلگىرى جۇڭگو كىنوچىلىقىدا غايەت زور زىلزىلە قوزغىغان «مۇزتاغدىن كەلگەن مېھمان» ناملىق فىلىمدە بايان قىلىنغان ۋەقەلىك مۇشۇ يەردە يۈز بەرگەن بولۇپ، فىلىمدىكى «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل»، «سەپدىشىمنى ئەسلەيمەن» ناملىق ناخشىلار كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان. تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇ يەرنىڭ قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش، ساياھەتچىلىكىنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ئىشلىرىدا پائال رول ئوينايدۇ.

ھاۋا يوللىرى[تەھرىرلەش]

ئىگىلىنىشىچە، تاشقورغان پامىر ئايرودۇرۇمى پۈتكەندىن كېيىن، تاشقورغاندىن قەشقەر، يەكەن، ئۈرۈمچى، غۇلجا، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا قاتناش، ئۇزاق مەزگىللىك پىلاندا تاشقورغاندىن شىئەن، بېيجىڭ، شېنجېن قاتارلىق جايلارغا قاتناش كۆزلەنگەن.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. تور دۇنياسى