Jump to content

تاكو (يېمەكلىك)

ئورنى Wikipedia

تاكو (ئېنگلىزچە: Taco؛ ئىسپانچە: Taco) مېكىسكا ۋە باشقا لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ئەڭ تونۇلغان بىر خىل يېمەكلىك. تاكو ئادەتتە قوناق ئۇنىدىن تەييارلىغان ئورالما ھالەتتىكى تورتېللا (مېكسىكا يۈزى ئوچۇق نېنى) نىڭ ئىچىگە گۆش، كۆكتات، ئېرىمچىك ۋە ياكى باشقا پىشۇرۇلغان ماتېرياللارنى قويۇش ئارقىلىق قول بىلەن تۇتۇپ يېيىلدىغان بىر خىل لاتىن ئامېرىكا تامىقى. تاكونىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە تالاش تارتىشلار مەۋجۇت، لېكىن ئۇنىڭ مېكسىكدا بارلىققا كەلگەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. ھازىر تاكو دۇنيا تەۋەسىدە تونۇلغان لاتىن ئامېرىكنىڭ ئەڭ داڭلىق تامىقى. تاكوغا ئىشلىتىدىغان گۆش ئاساسلىقى چوشقا گۆشىدۇر.

تاكو
تاكو ۋە لېمون
تىپى تۇتۇپ تۇرۇپ يەيدىغان تاماق
ئانا يۇرتى مېكسىكا
ئاساسلىق

ماتېرياللار

تورتېللا؛

گۆش؛ كۆكتات؛

ئادەتتە كۆپ

ئىشلىتىلدىغان ماتېرياللار

كۆكتات؛

ئېرىمچىك؛ سوس (سۇيۇقلۇق تېتىقۇ)

تاكونىڭ تۈرلىرى

[تەھرىرلەش]
  1. پاستور (شاۋارما) تاكو
  2. قاقلانغان تاكو
  3. باش تاكو
  4. راك تاكو
  5. كالا تىلى تاكو
  6. ئالتۇن تاكو
  7. تاتلىق تاكو

تورتىللانىڭ تۈرى بۇيىنچە:

  1. قاتتىق تاكو
  2. يۇمشاق تاكو
  3. ناشتىلىق تاكو
  4. ناۋايو تاكو (ھىنىدىيانلار تاكوسى)
  5. ئېلاستىك تاكو

ئالبۇم

[تەھرىرلەش]

مۇناسىۋتلىك تائاملار

[تەھرىرلەش]
  1. قىزدۇرۇلغان توخۇ
  2. بەرەڭگە قەلەمچىسى
  3. ساندىۋىژ
  4. ھامبۇرۇگ بولكسى
  5. خوتدوگ

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]