توكېن (بەلگە)

ئورنى Wikipedia

توكېن (ئۇيغۇرچە باشقا نامى: بەلگە، سىمۋوللۇق پۇل، سىمپۇل، چەك، ژاتون (جەتون)؛ ئېنگلىزچە: Token) شەكلى تەڭگىگە ئوخشايدىغان، لېكىن تەڭگە پۇلغان ئوخشاش ئېلىم-بېرىم ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىر خىل تەڭگە شەكىللىك بەلگىدۇر. ھازىر توكېننىڭ مەۋھۇم شەكلىمۇ بار، مەسلەن بىت تەڭگىسى، ۋە ئۆز-ئارا ئالماشماس بەلگە دېگەندەك. توكېننىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭغا باغلانغان ماددى ۋە مەنىۋى بۇيۇملارمنىڭ قىممىتى بولغانلىغى ئۈچۈن كىشلەر توكېننى سېتىۋالدۇ ياكى ساتىدۇ. ئۇيغۇر تىلدىكى توكېن دېگەن بۇ سۆز ئاساسلىقى تور دۇنياسىدىكى مەۋھۇم بەلگىلەرنى كۆرسىتىدۇ. رىئال تۇرمۇشتىكى سىمۋوللۇق پۇللارنى ژاتون ياكى سىمپۇل دەپ ئاتايدۇ. ھازىر تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچىرايدىغان شىفىرلىق پۇل ۋە ئالماش بەلگىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەليەتتە بىر خىل توكېندۇر. مەسلەن، ئارتىستلار، مۇزىكانتىلار ئۆزلىرنىڭ ئەسىرنى بۆلەكچە زەنجىر سۇپىسىدا ھازىرلانغان توكېنغان باغلاپ ياكى ئۇلاپ ئۇنى تاماشىبىنلارغا ساتىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئەسەرلىرنىڭ ئەقلى مۈلۈك ھوقوقىنى مەڭگۈلۈك قوغدايدۇ. چۈنكى توكېن ۋە بۇ ئارتىست ياكى مۇزىكانىتنىڭ نامى مەڭگۈلۈك باغلانغان بولۇپ، ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ھەمدە كىم ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلانماقچى بولسا چوقۇم سېتىۋىلىش كېرەك. ھەمدە بۇ پۇل ئۇدۇللار ئارتىسنىڭ چۆنتىكىگە چۈشىدۇ.

رىئال توكېن
شىفىرلىق توكېن
مەۋھۇم شىفىرلىق پۇل توكېنلار