تەفسىر

ئورنى Wikipedia

تەڧسىر ياكى تەپسىر (ئەرەبچە: علم التفسير)، ئىسلام دىنى ئاتالغۇسىدۇر. "ئەل تەڧسىر": چۈشەندۈرۈش، ئىزاھلاش، شەرھىلەش دېگەن مەنىلەرگە كېلىدۇ. دىنىي مەنادا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرى تۈشەندۈرۈلگەن كىتاب ۋە تۈشەندۈرۈش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم. ئۇنىڭغا تەڭداش مەنىدىكى يەنە بىر كەلىمە بولسا تەئۋىل (تۈشەندۈرۈش) دۇر. تەڧسىر ئىلمى بىلەن مەشغۇل بولغۇچىغا مۇپەسسىر\مۇڧەسسەر دېيىلىدۇ. ئال ئىمران سۇرىسى 7. ئايەتىدە ئورۇن ئالغاندەك قۇرئان ھەم مەنىسى ئوچۇق (چۈشىنىشلىك، مۇستەھكەم)، ھەمدە ئىزاھلاشقا مايىل (مۇتەشابىھ) ئايەتلەردىن تەشكىل تاپقان. ئىسلام تارىخىدا قۇرئان ئايەتلىرىنى چۈشىنىش ياكى چۈشەندۈرۈش ئۈزەرە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلگەن.

تەپسىرچىلەر تەرىپىدىن تۇنجى مۇپەسسىر قەبۇل قىلىنغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، قۇرئاننى يەنە شۇ قۇرئان بىلەن تەڧسىر قىلغاندۇر. ساھابە ۋە تابىئىن دېيىلىدىغان بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد مۇسۇلمانلاردىن رىۋايەتلەر بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن مۇناسىبەتلىك بەئزى تۈشەندۈرۈشلىرى ھەدىس كۇللىياتلىرى ئىچرە قەيت قىلىنغان.

مەقسەد[تەھرىرلەش]

  • مەتننىڭ ئۇسلۇبىنى بىلدۈرۈش؛
  • قۇرئاندا ئېنىق بولمىغان، نامەلۇم (غەرايىبۇل قۇرئان) كەلىمە، ئاتالغۇ، كىچىك جۈملە ۋە باشقىلارنى تۈشىنىشكە تىرىشىش؛
  • ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى تېخىمۇ ئوچۇق ھالغا كەلتۈرۈش؛
  • ئايەتلەردىن قانۇن ۋە قائىدىلەر چىقىرىش (ڧىقىھ ۋە شەرىئەت)؛
  • مەجازىي ۋە تەمسىلىي دىئالوگلارنىڭ تېگىدىكى مەنىلەرنى ئېنىقلاش؛
  • قۇرئان قىسسىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى.

مەئال (مەنىلەش)، قۇرئان ئايەتلىرىنى "چۈشەندۈرۈشلۈك تەرجىمىسى"، تەڧسىر بولسا تەپسىلىي شەرھىيلەشتۇر. تەڧسىر ۋە مەئال يازغۇچىلىرى بىرەبىر تەرجىمىدىكى مەتىنگە جۈملىلەردىكى مەنا بوزۇقلىقلىرىنىڭ تۈزىتىلىشى، يېپىق بايان، مەنا كەمچىللىكلىرى، كەلىمىلەرنىڭ دەل مەنىسىنىڭ مەئال ئىشلەنگەن تىلدا بولماسلىقى، بىرەبىر تەرجىمىنىڭ چاتاق دەپ قارىلىشى ۋ.ب سەبەبلەردىن ئايەتلەرنى ئۇدۇل تەرجىمە قىلىشتىن ساقلىنىلىدۇ.

تەڧسىر تۈرلىرى[تەھرىرلەش]

تەڧسر؛ تۈشەندۈرگەن، يېپىقلىقنى ئاچقان، خەۋەر بەرگەن، پىچىرلىغان دېگەن مەنىلەرگە كېلىدۇ. قۇرئان ئايەتلىرى قەيت قىلىنغان دەۋرگە ئائىت ئەرەبچە گرامماتىكا (بەلاغەت، بەدئىي، بايان)، بار بولسا مۇناسىۋەتلىك ھەدىس رىۋايەتلىرى ۋە كونتېكست (تېما، باغلام، ئىسلام ئەدەبىياتىدا ئەسبابى نۇزۇل) خاسلىقلىرىنى قوللىنىپ تۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان ئىلىمدۇر. ئەنئەنىۋىي تەڧسىرچىلەردە بەك كۆرۈلمىگەن مىتولوگىيىلىك، بىلىم تارىخى ۋە ئانتروپولوگىيە دېگەندەك ساھەلەردە ئۇچۇرمۇ بەزى ئىپادىلەرنىڭ چۈشىنىلىشى ئۈچۈن مۇھىم بولىشى مۇمكىن.

تەڧسىر ئىلمىدە ئۈچ ئاساسلىق تۈرگە ئايرىلغان ئەنئەنە بولغان:

  • رىۋايەت تەپسىرى؛ قۇرئاننىڭ پەيغەمبەر، ساھابە ۋە تابىئىندىن نەقىل قىلىنغان ۋە ھەدىس كۇللىياتلىرىدا قەيت قىلىنغان تۈشەندۈرۈشلەر بىلەن يازىلغان تەڧسىرلەرگە رىۋايەت تەڧسىرى دېيىلىدۇ. بۇ تەڧسىرلەردە پات پات ئىسلاميەتتىن بۇرۇنقى دەۋىر شىئېرلىرى ۋە ئىسرائىلىيات رىۋايەتلىرىگە ھەم يەر بېرىلىدۇ.
  • دىرايەت (ئەقىل) تەڧسىرى؛ مۇڧەسسىرنىڭ تىل، كونتېكست (تېما، باغلام، ئىسلام ئەدەبىياتىدا ئەسبابى نۇزۇل)، مەقسەد، ئىجتىمائىي مەدەنىي مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردىكى بىلىمى ۋە زىھنىي پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان تەڧسىر خىزمەتلىرى.
  • ئىشارىي تەپسىر، قۇرئاننىڭ باتىنى، تەسەۋۋۇڧى ئىزاھلارغا كۆرە قىلىنغان تەڧسىرلەرگە دارتىملىق، ئىشارىي، باتىنىي تەڧسىر دېيىلىدۇ. قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ كۆرۈنگەن مەنىلىرى سىرتىدا، تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ھەقىيقى مەنىلىرى بولغانلىقىغا ئىشىنىلىدىغان تەڧسىر ئۇسۇلىدۇر. باتىنىي تەڧسىرلەر شۇنداقلا ھۇرۇڧى، جىڧر (شىڧىرلىق) ۋە ئەبجەد دېگەندەك ئۇسۇللارمۇ قوللىنىلىدۇ.
  • تەڧسىرلەرنىڭ ھەممىسىدە تەڧسىر قىلغان كىشىنىڭ ئىلمى، ئالدىنقى تاللاشلىرى، مايىللىقلىرى، زېھنىي قابىلىيەتلىرىنىڭ تەڧسىرىگە ئەكس ئەتتۈرلىشى تەبىئي بىر نەتىجىدۇر. مەسىلەن، قۇرئان ئايەتلىرىدە ئۆتكەن "راھمان ئەرشكە ئولتۇردى"، "ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدەدۇر"، "ئاللاھنىڭ يۈزى" دېگەندەك ئىپادىلەر ئەقائىد ۋە كەلام تەرەپتىن تۈشەندۈرىلىدۇ.

تەڧسىر ئەكوللىرى[تەھرىرلەش]

تەڧسىردە نۇرغۇن قاراشلار بار:

  • سۈننىي تەڧسىر
  • شىئە تەڧسىر

باشقىلار;

  • مۇتەزىلى تەڧسىرى,
  • ئەھمەدىيە تەڧسىرى
  • سۇڧىي تەڧسىرلەر (باتىنى ۋە خۇرۇڧى يېقىنلىشىش)
  • ئىلمىي يېقىنلىشىش (قۇرئان ۋە بىلىم)
  • پەلسەپەلىك يېقىنلىشىش,
  • ڧىقھى تەڧسرلەر
  • قۇرئانچىلىق
  • زاھىرىيە