جوڭگو - ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى

ئورنى Wikipedia
دونالد ترامپ (2017)
لىيۇخې بىلەن ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كۈرۈشمەكتە (2019-يىلى ئاپىرىل)

جوڭگو -ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ۋە ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمتى ئوتتۇرۇستىكى، ئامىرىكا ئەلبېشى دونالد ترامپ تەرىپىدىن "تەڭسىز، مەنپەتسىز، بىر تەرەپككىلا پايدىلىق، بىلىم مال مۈلۈك ھوقوقىنى قوغىدىماسلىق، جوڭگو ھاكىميىتى ئېلىپ بارغان ئامىرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋە شەخسى شىركەتلىىرىگە، تەشكلاتلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان سىڭىپ كىرىش، جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرگە قارشى" بىر قېىتملىق تاموژنا بېجىنى، ۋە باشقا جوڭگو شىركەتلىرنى ، تەشكىلاتلىرىنى نىشان قىلغان ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرۇسدىكى سودا ماجىراسى.

ئۇزاققا سۇزۇلغان تالاش تارتشىتىن كېيىن، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى جوڭگو ھۈكۈمىتىنىڭ ئورۇن باسار باش باقانى لىيۇخې ئامىرىكغا كېلىپ ئامېرىكا ئەلبېشى دونالد تىرامپ بىلەن "1-باسقۇچلۇق كېلىشىم" ئىمزالىدى. ھەمدە ئىككىنچى باسقۇچلۇق كىلىشىم توغرىسىدا سۆھبەتنى باشلىندىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىسمى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە: جوڭگو -ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى، جوڭگو -ئامېرىكا سودا ماجىراسى

خەنچە: 中美贸易战

ئەنئەنىۋى خەنچە: 中美貿易戰

ئېنگلىزچە: China–United States trade war

قىسقا ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

باشلانغان ۋاقتى: 2018-يىلنىڭ بېشىدا

ئىككى تەرەپ: جوڭگو ھۆكۈمىتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى.

باشلىغۇچى تەرەپ: ئامېرىكا

ئاساسلىق باشلىغۇچى شەخىس: ئامېرىكا ئەلبېشى دونالد ترامپ

بىرنىچى باسقۇچلۇق كېلىشىم: 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 15 كۈنى، ئامېرىكا ئاستانىسى ۋاشىڭتوندا دونالد ترامپ ۋە لىيۇخى تەرىپىدىن ئىمزالانغان.

جوڭگو تەرەپ سۈل ۋەكىلى: ئورۇن باسار باش باقان(زوڭلى) لىيۇخې

دونالد ترامپ جوڭگو ئۇرۇن باسار باش باقانى، جوڭگو سودا ۋەكىلى لىيۇخې بىلەن ئاقسارايدا قول ئېلىشىپ كۈرۈشمەكتە. (2018-يىلى)

ئامىرىكا تەرەپ سۈل ۋەكىلى: روبېرىت لايتسىزېر ( ئا ق ش سودا ۋەكلى)