جۈمە

ئورنى Wikipedia

جۈمە، پەيشەنبە بىلەن شەنبە ئوتتۇرسىدىكى، ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنىدۇر.

جۈمە، قۇرئان يولى بىلەن ئەرەبچىگە، ئەرەبچىدىن تىلىمىزغا كىرگەن بولۇپ، قەدىم ئۇيغۇرچەدە ئاتنا كۈنى دېيىلەتتى. جۈمە كۈنى بۇگۈنكى تۈركىيە تۈركچەسىدە "Cuma"، ئەرەبچە ««الجمعة»»، ڧارسچە «جمعە»، ئىنگىلىزچە «Friday» ۋە خەنزۇچە «周五\星期五» غا توغرا كېلىدۇ. بۇ كۈن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي كۈنى بولۇپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بۇ كۈن مەسجىدكە بېرىپ «جۈمە نامىزى» نى ئادا قىلىدۇ. سەئۇدىي ئەرەبىستان باشتا ئوتتۇرا شەرق ۋە بەئزى ئىسلام ئەللىرىدە جۈمە كۈنى رەسمىي تەتىل ئېلان قىلىنغان.

  • جۈمە ئۇيغۇرلاردا ۋە باشقا مۇسۇلمانلاردا ئەر كىشى ئىسمىدۇر.
  • ئىسلامدا جۇمە كۈنى ئىبادەت كۈندۇر. سۇرە جۇمئە: 1.
  • مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇبارەك ۋو قۇتلۇق كۈندۇر.
  • خرىستىيانلاردا پاسخا بايرىمىدىن بۇرۇنقى جۈمئە كۈنى ھەزرىتى ئىسانىڭ چاھارمىخقا كېرىلگەن كۈن دەپ قاراپ ماتەم تۇتىلىدۇ.
  • ئاينىڭ 13. كۈنى جۇمەگە توغرا كەلگەن كۈنلەر بەئزى ئىتىقادلارغا كۆرە نەس كۈن دەپ قارىلىدۇ.