خۇانەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى

ئورنى Wikipedia

خۇانەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى (ئېنگلىزچە: Huanan Seafood Wholesale Market؛ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 武汉华南海鲜批发市场؛ باشقىچە ئاتىلىشى: جەنۇبى جوڭگو دېڭىز مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى) يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ (كوۋىد-19، ۋۇخەن ۋىرۇسى) تۇنجى بايقالغان ۋە تارقالغان جايى. گەرچە نۆلىنچى نۇمۇرلۇق بىمارنىڭ كىملىكى ھازىرغىچە مەلۇم بولمىسىمۇ، لېكىن، كوۋىد-19 نىڭ تۇنجى بولۇپ مۇشۇ جايدىن تارقالغانلىقى ئېنىق. ھىيلە-مېكىر نەزەريەچىلىرى گەرچە كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانا ياكى پ 3-دەرىجىلىك تەجرىبىخاندىن قېچىپ چىققان دېگەندەك نەزەريەلەرنى ئوتتۇرغا چىققارغان بولسىمۇ، لېكىن ھىچقايسىنىڭ ئىسپاتلانغېنى يوق. بۇ بازار خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىگە جايلاشقان. بۇ بازاردا ھەرخىل ھەرتۈرلۈك ھايۋانلار سېتىلدۇ. مەسلەن، چاشقان، يىلان، بامبۇك چاشقىنى، تاغتېشەر، ۋە باشقىلار. 2020 يىللىق كوۋىد-19 ئاپىتدىن كېيىن جوڭگو ھۆكۈمىتى بۇ يەرنى پاكىز تازلاپ پىچەتلىدى. ئۇزاق قالماي چېقىپ تاشلىشى مۇمكىنچىلىكى بار دەپ قارالماقتا.

Huanan Seafood Wholesale Market خۇانەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى 武汉华南海鲜批发市场
خۇانەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى
ئورنى جوڭگو، خۇبېي، ۋۇخەن، جياڭخەن رايونى
كوردىناتسىيەسى 30.6196°N 114.2576°ECoordinates: 30.6196°N 114.2576°E
ئېچىلغان كۈنى 2002، 19-ئىيۇن
يېپىلغان كۈنى 2020، 1-يانۋار
يايمىچى سانى 1,000+
جەمئىي دۇكان يەر مەيدانى 50000 كىۋادرات مېتىر
ھۆججەت:Уханський ринок.jpg
سېتىلدىغان ھايۋانلار تىزىملىكى
بازارنىڭ شەھەردىكى ئاددى خەرىتىسى