دىئابېت كېسىلى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى دىيابىت كىسىلى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە)
دىئابېت كېسىلى
Diabetes mellitus

خەلقئارالىق دىئابېت كېسەللىكى ئىشارىتى[1]

دىئابېت كېسىلى (ئىنگ:Diabetes mellitus، خەنچە:糖尿病/تاڭنىياۋبىڭ) ياكى قەنت سىيىش كېسىلى، شېكەر كېسىلى دىگىنىمىز بەدەندىكى ئىنسۇلىن (Insulin ياكى 胰岛素 / يىداۋسۇ) دەپ ئاتالغان ئاشقازان ئاستا بېزى (Pancreas ياكى 胰腺) دە ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بىر خىل ھورمۇننىڭ كەملىكى ياكى يېتەرلىك خىزمەت ئۆتىيەلمەسلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكتۇر.

تۈرلىرى[تەھرىرلەش]

دىئابېت كېسىلى ئادەتتە ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ:

  • بىرىنجى تۈرى، ئىنسۇلىنغا تايىنىدىغان دىئابېت كېسىلى ياكى 1 - تۈردىكى دىئابېت كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى دىئابېت كېسىلى بالىلاردا ياكى ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ئىنسۇلىن كەم بولىدۇ، يەنى بۇ خىلدىكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقارمايدۇ ياكى يېتەرلىك ئىشلەپ چىقارمايدۇ. ئۇلار پۈتۈنلەي دورا قىلىپ بېرىلگەن ئىنسۇلىنغا تايىنىپ ياشايدۇ.
  • ئىككىنجى تۈرى چوڭلار دىئابېت كېسىلى ياكى 2 - تۈردىكى دىئابېت كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى دىئابېت كېسىلى چوڭلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ خىلدىكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ بەدىنىدە ئىشلەپچىقارغان ئىنسۇلىننىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولمايدۇ ياكى ئىنسۇلىننىڭ ئىشلىتىلىشى ئۈنۈملۈك بولمايدۇ.

چوڭلاردا بولىدىغان دىئابىت كېسىلىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 2 - تۈردىكى دىئابېت كېسىلى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن دىئابېت كېسىلىنىڭ 90% نى ئىگەللەيدۇ.[2] كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىپ بېرىشى، بالىلار ۋە ياشلار ئارىسىدىكى سېمىزلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ 2 - تۈردىكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ يېشىمۇ كۈنسايىن ياشلاشماقتا.

دۇنيادىكى ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2014 – يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 422 مىليۇن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىكەن. دىئابېت كېسىلى ئەڭ تېز كۆپىيىۋاتقان دۆلەتلەر پاكىستان، مېكسىكا، مىسىر ۋە ھىندىستان ئىكەن. پۈتۈن دۇنيادىكى 18 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ 8.8% تىدە دىئابېت كېسىلى بار ئىكەن.[2] ئافرىقىدىكى بېنىن دىئابېت كېسىلى ئەڭ ئاز دۆلەت بولۇپ، ھەر 1000 نوپۇس ئىچىدە ئاران 8 كىشى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن. دىئابېت كېسىلى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت تىچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان ناۋرۇ بولۇپ، ھەر 1000 نوپۇس ئىچىدە 241 كىشى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن.

ئىنسۇلىن (Insulin) نىڭ خىزمىتى نىمە؟[تەھرىرلەش]

ئادەتتە بىز ئىستىمال قىلغان يېمەكلىك ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ھەزىم بولۇپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق جىگەرگە بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە پارچىلىنىپ شېكەرگە ياكى گلىكوزىغا ئايلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن شېكەر ياكى گلىكوزا يەنە قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى گىلىكوزىنىڭ مىقدارى ئاشىدۇ. قاندىكى گلىكوزا مىقدارىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى بېتا ھۈجەيرىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە ھۈجەيرىلەر يېتەرلىك مىقداردا ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشقا باشلايدۇ. ئىنسۇلىن گىلىكوزىنى بەدەندىكى مۇسكۇل ھۇجەيرىلىرى قوبۇل قىلالىغىدەك دەرىجىدە پارچىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى گلىكوزا مۇسكۇل ھۇجەيرىسىگە كىرىپ، شۇ يەردە ساقلىنىدۇ ۋە مۇسكۇلنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا ئىھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئەگەر بەدىنىمىز ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقارمىغاندا، ياكى ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىن يېتەرلىك بولمىغاندا ۋە ياكى بەدىنىمىزدە ئىشلەپچىقىلغان ئىنسۇلىن ئۈنۈملۈك خىزمەت ئۆتىيەلمىگەندە، گلىكوزا مۇسكۇلغا كىرەلمەيدۇ، يەنى بەدىنىمىز قاندىكى شېكەر ياكى گلىكوزىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى شېكەر ماددسىنىڭ ياكى گلىكوزىنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىپ ، سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. شۇڭا بۇ كېسەل شېكەر سىيىش ياكى قەنت سىيىش كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ.

دىئابېت كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟[تەھرىرلەش]

چوڭلاردا بولىدىغان دىئابېت كېسىلى ناھايىتى ئاستا تەرەققى قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزۇن يىللارغىچە ئۆزىدە دىئابېت كېسىلى بارلىقىنى بىلمەي يۈرىدۇ. دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قىسىم كىشىلەردە دەسلەپتە پەقەتلا بىر ئاز ھارغىنلىق ھېس قىلىشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ. كېيىنچە كېسەل تەرەققى قىلىپ تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.

ئالامەتلەر[تەھرىرلەش]

  1. كۆپ سىيىش، يەنى سۈيدۈكى بۇرۇنقىدىن كۆپىيىش. بۇ ئاساسلىقى قاندىكى ئېشىپ كەتكەن شېكەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدۇ.
  2. ئۇسساش، يەنى سۇغا بولغان تەشنالىق بۇرۇنقىدىن ئېشىپ بارىدۇ. بىمار سۇنى بۇرۇنقىدىن كۆپ ئىستىمال قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئاغزى يەنىلا قۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئاساسلىقى كۆپ سىيگەنلىكتىن بولغان.
  3. ياندۇرغۇسى كېلىش ياكى كۆڭلى ئېلىشىش.
  4. كۆزى غۇۋالىشىش يەنى كۆزىنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىش.
  5. تاماقنى شۇنداق كۆپ يىسىمۇ يەنىلا ئورۇقلاپ كېتىش.
  6. قايتا - قايتا ياكى ئاسان ياللۇغلىنىپ قېلىش.
  7. تېرە زەخمە بولغاندا ياكى تېرىدە يارا بولغاندا ئۇزۇنغىچە ئاسان ئەسلىگە كەلمەسلىك.

شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەردە يۇقارقى ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى كۆپ قىسمى بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەردە پەقەت بىر قىسم ئالامەتلەر  بولۇشى مۇمكىن. بەزىلەردە يۇقارقى ئالامەتلەر ئىلگىرى كېيىن بولۇپ كۆرۈلۈشى مۇمكىن، يەنە بەزى بىمارلاردا ئۇزۇن مۇددەتكىچە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلەر بولماسلىقى مۇمكىن.

ئەگەر دىئابېت كېسىلى ۋاقتىدا داۋالىتىلمىسا ياكى قاندىكى شېكەر ماددىسى ياخشى كونترول قىلىنمىسا تۆۋەندىكى ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

ئاقىۋەتلەر:[تەھرىرلەش]

  1. كۆزى قارغۇ بولۇپ قېلىش.
  2. يۈرەك قان تومۇر زەخمىلىنىش ياكى يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇش.
  3. نېرۋا زەخمىلىنىش، بولۇپمۇ پۇت - قولىنىڭ نېرىپلىرى زەخمىلىنىپ، پۇت - قولى قىچىشىش، يارا بولۇش ۋە قاتتىق ئاغرىش.
  4. مىڭە قان تومۇر كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇش ياكى مىڭە قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى ھەسسىلەپ يۇقۇرلاش.
  5. بۆرەك زەخمە بولۇش، بۆرەك زەئىپلىشىش.
  6. ئېغىر ئاياق ئاياللارنىڭ بالىسى مېيىپ تۇغۇلۇپ قىلىش.
  7. ھاياتى خەۋەپكە ئۇچراش ۋە ئۆلۈپ كېتىش.

قانداق كىشىلەر دىئابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟[تەھرىرلەش]

2- تۈردىكى دىئابېت كېسىلى ئاساسەن چوڭلاردا بولىدىغان بولۇپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ بۇ خىلدىكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى بار. بىراق بەزى ئامىللار كىشىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ.

كىشىلەرنىڭ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتا بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۋېتىدىغان بۇ ئامىللار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار:[تەھرىرلەش]

  1. بەدەن ئېغىرلىقى ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق بولۇش.
  2. قورساق ۋە بەل قىسمى بەك سېمىز كىشىلەر، يەنى قورساق ۋە بەل قىسمىدا كۆپ مىقداردا ماي بار كىشىلەر.
  3. 45 ياشتىن ئارشقان كىشىلەر.
  4. ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن، مۇۋاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇشقا قاتناشمايدىغان كىشىلەر.
  5. ئۆيدىكى ئۇرۇق - تۇققانلاردا دىئابېت كېسىلى بار كىشىلەر.
  6. ئېغىر ئاياق ۋاقتىدا قاندىكى گلىكوزىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن ياكى 4 كىلودىن ئارتۇق ئېغىرلىقتكى بالا تۇغقان ئاياللار.
  7. قاندىكى پايدىلىق خولېسترول يەنى HDL نورمالدىن توۋەن بولغان كىشىلەر.
  8. قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر.

بۇرۇن 2 - تىپتىكى دىئابېت كېسىلى گەرچە ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر بالىلار ۋە ياشلار ئارىسىدىكى سېمىزلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كۈندىن كۈنگە ياشلاشماقتا.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، دىئابېت كېسىلى ھەرگىزمۇ شېكەر مىقدارى كۆپ بولغان تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقتىن بولغان ئەمەس، بىراق ئادەم ماي ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئاسان سەمىرىپ كېتىدىغان بولۇپ، يۇقىرىدا تەكىتلەپ ئۆتكەندەك سېمىزلىك كىشىلەرنىڭ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى.

دىئابېت كېسىلىگە قانداق دىئاگنوز قويىلىدۇ؟[تەھرىرلەش]

دىئابېت كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇش ئانچە قىيىن ئەمەس بولۇپ، ئادەتتە ئاچ قورساق قان، تاماقتىن كېيىنكى 2 سائەت ئىچىدىكى قان ۋە سۈيدۈكتىكى شېكەر ماددىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. بۇ خىل تەكشۈرۈشلەرنى ئادەتتىكى دوختۇرخانىلاردىمۇ ئېلىپ بارالايدۇ. قاندىكى شېكەر مىقدارى ئۆزگۈرۈپ تۇردىغان بولۇپ، ئەگەر بىر قېتىملىق قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز ئىنىق بولمىسا،  “شېكەرگە چىداملىق تەكشۈرۈشى” يەنە (Glocose tolerance test) دەپ ئاتالغان بىر خىل تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، دىئابېت كېسىلىنىڭ بار يوقلىقىغا دىئاگنوز قويۇش مۇمكىن.

دىئابېت كېسىلىنى داۋالاش[تەھرىرلەش]

دىئابېت كېسىلى داۋالاپ ساقايىتقىلى بولمايدىغان كېسەل بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ كېسەلنى تولۇق داۋالاپ ساقايتالايدىغان ئۈنۈملۈك دورا يوق. بىراق دىئابېت كېسىلىنى مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىش ۋە داۋالاش ئارقىلىق پۈتۈنلەي كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە قانچىلىك ئىنسۇلىننىڭ بارلىقىغا، ۋە بەدەننىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىننى قانچىلىك دەرىجىدە ئىشلىتەلەيدىغانلىغىغا ئاساسەن، ئېلىپ بېرىلىدىغان داۋالاشمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

2- تۈردىكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بەزى كىشىلەر بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش، دىئابېت كېسىلىگە ماس كېلىدىغان تاماقلارنى ئىستىمال قىلىش يەنى تەركىبىدە شېكەر كۆپ بولغان ۋە تاكى تاتلىق يېمەكلىكلەردىن ناھايىتى ياخشى پەرھىز تۇتۇش، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئامال بار قاتتىق كونترول قىلىش، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق دىئابېت كېسىلىنى كونترول قىلىپ كېتەلەيدۇ. بەزى بىمارلار بولسا ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ياكى بەدەندىكى ئىنسۇلىننى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىگە ياردەم بىرىدىغان بەزى دورىلارنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق دىئابېت كېسىلىنى كونترول قىلالايدۇ. بىراق دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كۆپلىگەن كىشىلەر يەنىلا ئىنسۇلىن ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ دىئابېت كېسىلىنى كونترول قىلالايدۇ.

ئەلۋەتتە 1 - تۈردىكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن داۋالشتىكى بىردىن بىر ئامال ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش بولۇپ، ئۇلار بىر ئۆمۈر ئىنسۇلىندىن ئايرىلالمايدۇ.

دىئابېت كېسىلىنى داۋالاشتا ئەڭ مۇھىم بولغان مەسىلە يېمەكلىككە بولغان پەرھىزنى ۋە داۋالاشنى بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇش بولۇپ، كېسىلىم ساقايدى دەپ داۋالاشنى ئۈزۈپ قويۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى قاندىكى شېكەر ماددىسىنى نورمال سەۋىيەدە كونترول قىلىش، قاندىكى شېكەر ياكى گلىكوزا مىقدارىنىڭ ئىگىز پەس بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بولمىسا كېيىنكى يامان ئاقىۋەتنى ھەرقانچە داۋالاپمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.

دىئابېت كېسىلىنى داۋالاش باشقا كېسەللەرنى داۋالاشقا نىسبەتەن ئالاھىدىرەك بولۇپ، داۋالاشتا بىمارنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئوينايدىغان رولى دوختۇر بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ دىئابېت كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش، تەرەققى قىلىش ۋە داۋالاش جەريانىنى تولۇق چۈشىنىشى، داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دىئابېت كېسىلىنى ياخشى كونترول قىلىشتا بەكلا مۇھىم.

دىئابېت كېسىلىنى داۋالاشتا قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللار[تەھرىرلەش]

مۇھىم ئۇسۇللار:[تەھرىرلەش]

  1. تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش، يەنى شېكەر تەركىبى كۆپ بولغان تاتلىق يېمەك - ئىچمەكلەردىن يىراق تۇرۇش؛[3]
  2. يېمەك - ئىچمەكنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ياخشى كونترول قىلىش بىلەن بىرگە ئاكتىپ بەدەن چېنىقتۇرۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى ياخشى كونترول قىلىش؛ ئالاھىدە سېمىز بولسا، چوقۇم ئورۇقلارش؛[3]
  3. دىئابېت كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان دورلاردىن بىر ياكى ئىككى خىل دورىنى تاللاپ، قان ۋە سۈيدۈكتىكى شېكەر مىقدارغا ئاساسەن مۇۋاپىق مىقداردا ئۈزۈلدۈرمەي ئىستىمال قىلىش كېرەك؛ ئەگەر دورىنىڭ ئۈنىمى ياخشى بولمىسا ۋە ياكى قان ۋە سۈيدۈكتىكى شېكەر مىقدارى ياخشى كونترول بولمىسا، ۋاقتىدا دورا مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش ياكى باشقا ئۈنۈملۈك دورىغا ئالماشتۇرش كېرەك. دىئابېت كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ تۈرى بەك كۆپ بولۇپ، ھەربىر بىمار ئۆز ئەھۋالىغا ۋە شارائىتىغا ئاساسەن، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان دورىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى دورىنىڭ باھاسى ئۇنىڭ ئۈنىمىگە قاراپ بېكىتىلمەيدۇ، يەنى قىممەت دورا چوقۇم ئۈنۈملۈك دورا بولۇشى ناتايىن. دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئارىسىدا پەرق كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بەزىلەرگە ياخشى ئۈنۈم بەرگەن دورانىڭ ھەممە ئادەمگە ياخشى ئۈنۈم بېرىشى ناتايىن، ئەڭ مۇھىمى ھەربىر بىمارنىڭ ئۆزىگە ياخشى پايدا قىلغان يەنى قان ۋە سۈيدۈكتىكى شېكەر مىقدارىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغان دورا ئاندىن ئۈنۈملۈك دورا ھېساپلىنىدۇ.[3]
  4. ئەگەر دىئابېت كېسىلى دورىلىرنىڭ ئۈنىمى ياخشى بولمىسا، ۋە ياكى قان ۋە سۈيدۈكتىكى شېكەر مىقدارى بەك يۇقىرى بولسا، ۋاقتىدا ئىنسۇلىن ئىشلىتىش كېرەك. ئىنسۇلىن ئىشلەتكەندە ئىنسۇلىن مىقدارنى قان ۋە سۈيدۈكتىكى شېكەر مىقدارىغا ئاساسەن تەڭشەپ تۇرۇش كېرەك.[3]

ئۇندىن باشقا دىئابېت كېسىلىنى داۋالاشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.[3]

دىققەت:[تەھرىرلەش]

  1. تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش، تاماقنىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش كېرەك. تاماقنىڭ ۋاقتى ۋە مىقدارىدا ئىگىز پەس بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
  2. يالغۇز شېكەر ماددىسى كۆپ بولغان تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كونترول قىلىپلا قالماستىن بەلكى مايلىق يېمەكلىكلەرنىمۇ مۇۋاپىق كونترول قىلىش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئاقسىل ۋە ۋىتامىن تەركىبى كۆپ بولغان، تالالىق تاتلىق بولمىغان كوكتاتلارنى، مايسىز سۈت ۋە ئورۇق گۆشلەرنى ئىستىمال قىلىش كېرەك.
  3. قورساق ئېچىپ كېتىشتىن ياكى قاندىكى شېكەر مىقدارىنىڭ نورمالدىن تۆۋەن بولۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر قاندىكى شېكەر ماددىسى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن بولۇپ، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، بېشى قېيىش، سوغاق تەر چىقىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، دەرھال ئازراق شېكەر ياكى نان يەۋېلىش كېرەك.
  4. مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك. ئادەتتە مۆتىدىل ۋە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلىدىن بىرەر ئىككىسىنى تاللاپ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسا كۇپايە.
  5. بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرگەندە بەك ئالدىراپ كەتمەسلىك، ئاستا ئاستا چۈشۈرۈش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت مۇۋاپىق كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
  6. ئىشلەتكەن دورىنىڭ مىقدارىنى قاندىكى ۋە سۈيدۈكتىكى شېكەر ماددىسىنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن ھەر زامان مۇۋاپىق تەڭشەپ تۇرۇش كېرەك.
  7. تاماكا چىكىدىغانلار تاماكىنى تاشلاش كېرەك.
  8. ھاراق ۋە پېۋانى كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك. كۆپىنچە ھاراق ۋە پىۋىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا شېكەر ماددىسى بولۇپ، ئۇلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش دىئابېت كېسىلىنى كونترول قىلىشقا زىيانلىق.
  9. قان بېسىم، كۆز ۋەبۆرەكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.
  10. ئەڭ مۇھىمى يالغۇز دوختۇرنىڭ قىلىپلاشقان داۋالاش ئۇسۇلىغىلا تايىنىپ قالماستىن، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزى ئەڭ ماس كېلىدىغان خاسلاشقان داۋالاش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋالاشتۇرۇش كېرەك.

قوشۇمچە[تەھرىرلەش]

دىئابېت كېسىلىنى داۋالاشتا كۆپ ئىشلىتىدىغان دورىلار:[3]

  1. acarbose (Precose)
  2. miglitol (Glyset)
  3. metformin-alogliptin (Kazano)
  4. metformin-canagliflozin(Invokamet)
  5. metformin-dapagliflozin (Xigduo XR)
  6. metformin-empagliflozin (Synjardy)
  7. metformin-glipizide
  8. metformin-glyburide (Glucovance)
  9. metformin-linagliptin (Jentadueto)
  10. metformin-pioglitazone(Actoplus)
  11. metformin-repaglinide (PrandiMet)
  12. metformin-rosiglitazone (Avandamet)
  13. metformin-saxagliptin (Kombiglyze XR)
  14. metformin-sitagliptin (Janumet)
  15. alogliptin (Nesina)
  16. alogliptin-metformin (Kazano)
  17. alogliptin-pioglitazone (Oseni)
  18. linagliptin(Tradjenta)
  19. linagliptin-empagliflozin (Glyxambi)
  20. linagliptin-metformin (Jentadueto)
  21. saxagliptin (Onglyza)
  22. saxagliptin-metformin (Kombiglyze XR)
  23. sitagliptin(Januvia)
  24. sitagliptin-metformin (Janumetand Janumet XR)
  25. sitagliptin and simvastatin (Juvisync)
  26. albiglutide (Tanzeum)
  27. dulaglutide (Trulicity)
  28. exenatide (Byetta)
  29. exenatide extended-release (Bydureon)
  30. liraglutide (Victoza)
  31. nateglinide(Starlix)
  32. repaglinide (Prandin)
  33. repaglinide-metformin (Prandimet)
  34. dapagliflozin (Farxiga)
  35. dapagliflozin-metformin (Xigduo XR)
  36. canagliflozin (Invokana)
  37. canagliflozin-metformin(Invokamet)
  38. empagliflozin (Jardiance)
  39. empagliflozin-linagliptin (Glyxambi)
  40. empagliflozin-metformin (Synjardy)
  41. glimepiride (Amaryl)
  42. glimepiride-pioglitazone (Duetact)
  43. glimeperide-rosiglitazone (Avandaryl)
  44. gliclazide
  45. glipizide(Glucotrol)
  46. glipizide-metformin (Metaglip)
  47. glyburide(DiaBeta, Glynase, Micronase)
  48. glyburide-metformin(Glucovance)
  49. chlorpropamide (Diabinese)
  50. tolazamide (Tolinase)
  51. tolbutamide (Orinase, Tol-Tab)
  52. rosiglitazone (Avandia)
  53. rosiglitazone-glimepiride (Avandaryl)
  54. rosiglitizone-metformin (Amaryl M)
  55. pioglitazone (Actos)
  56. pioglitazone-alogliptin (Oseni)
  57. pioglitazone-glimepiride (Duetact)
  58. pioglitazone-metformin (Actoplus Met, Actoplus Met XR)

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "Diabetes Blue Circle Symbol". International Diabetes Federation. 17 مارت 2006. Archived from the original on 5 ئاۋغۇست2007. (ئېنگىلىزچە)
  2. 2.0 2.1 "IDF DIABETES ATLAS Ninth Edition 2019" (PDF). www.diabetesatlas.org. Retrieved 18 ماي 2020.
  3. 3.0 3.1 3.2 3.3 3.4 3.5 مەمەت ئېمىن، دىئابېت كېسىلى ھەققىدە چۈشەنچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورى، 2020-11-10 ئۇلىنىشى