دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى

ئورنى Wikipedia
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى لوگوسى (ماركىسى)

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (ئېنگلىزچە: World Health Organization؛ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 联合国世界卫生组织) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى مەخسۇس ئاپپاراتى باش ئىشتابى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان، پەقەت ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەر قاتنىشىشقا، خەلقئارادا ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا سەھىيە تەشكىلاتى، 2015 ـ يىلىغىچە جەمئىي 194 دۆلەت ئەزا بولغان. باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەدروس ئادخانوم. بۇ تەشكىلات 2019-2020 پارتىلغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (كوۋىد-19، ياكى ۋۇخەن ۋىرۇسى،كورونا ۋىرۇسى، كىرونا ۋىرۇسى) نا كونترول قىلىشتا ۋە ۋاكىسنا ياساشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

World Health Organization دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ بايرىقى
قىسقارتىش د س ت ؛ ئېنگلىزچە: WHO
شەكىللىنىش 1948-يىلى 7-ئاپرېل . 71 يىل بۇرۇن
تىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس ئورگىنى
قانۇنىي ئورنى ئاكتىپ
باش شىتابى جەنۋە ، شىۋىتسارىيە
باش ئىش بىجىرگۈچىسى تەدروس ئادخانوم
ئانا تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي كېڭىشى
ئەزا دۆلەت سانى 194
ئورگان تور بېكەت www.who.int
مېدىتسىنا تور بېتى سىياسىي تور بېتى

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

تەدروس ئادخانوم-2017 يىلى

1948-يىلى6-ئايدا قۇرۇلغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى: خەلقئارا سەھىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى كۆڭۈلدىكىدەك ساغلام سەۋىيىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات ھەر يىلى بىر قېتىم قەرەللىك يىغىن ئاچىدۇ. 23-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىدا بەلگىلەنگەن ئاساسلىق نىشان: «2000-يىلى ھەممە ئادەم سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاشقا ئېرىشىش» تىن ئىبارەت.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ تەشكىلات خىزمەت نىشانىنى تەرتىپكە سېلىپ، خام چوتنىڭ يېرىمىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە سەرپ قىلىپ، سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاشنى دەسلەپكى قەدەمدە پائال ئىلگىرى سۈردى. دۇنيا سەھىيە قۇرۇلتىيى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، ئۇنىڭ كاتىباتلار باشقارمىسى جەنۋەدە تەسىس قىلىنغان. مەملىكىتىمىز بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىق مەركىزى بولۇپ، كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىققا ئىگە.

تارىخى[تەھرىرلەش]

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاساسى 1907 - يىلى پارىژ خەلقئارا ئاممىۋى سەھىيە ئىدارىسىدا ۋە 1920 - يىلى جەنۋە خەلقئارا ئىتتىپاق سەھىيە تەشكىلاتىدا قۇرۇلغان. 1851 - يىلى تۇنجى قېتىم خەلقئارا سەھىيە يىغىنى پارىژدا ئېچىلدى، مەقسىتى خەلقئارا سەھىيە ئەھدىنامىسى تۈزۈش، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى.

1892 - يىلى كونترول خولېرا خەلقئارا سەھىيە ئەھدىنامىسى ئىشلىتىلگەن.

1897 - يىلى يەنە بىر خەلقئارا ئەھدىنامىدە چۇمانىڭ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلدى.

1902 - يىلى خەلقئارا سەھىيە ئىدارىسى، كېيىن نامى ئامېرىكا سەھىيە ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىلگەن، كېيىن ئامېرىكان سەھىيە تەشكىلاتى قىلىنىپ، ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغان.

1907 - يىلى خەلقئارا ئاممىۋى سەھىيە ئىشخانىسى پارىژدا  قۇرۇلغان، مۇقىم كاتىبات باشقارمىسى ۋە ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمىتى ئىگە بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت سەھىيە خادىمى تەركىب تاپقان مۇقىم بولغان ھەيئەت.

1919 - يىلى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قۇرۇلدى، شۇنداقلا، خەلقئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ھەل قىلدى.

1926 - يىلى خەلقئارا سەھىيە ئەھدىنامىسى چېچەك بىلەن تەمىنلەش ۋە ئەسۋىلىك كېزىك ئالدىنى ئېلىش قىلىنغان.  

1935 - يىلى ئاۋىئاتسىيە خەلقئارا سەھىيە ئەھدىنامىسى كۈچكە ئىگە بولدى.

1938 - يىلى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق خەلقئارا سەھىيە يىغىنى پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى.

1945 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تەشكىلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا، بىردەك بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو يېپيېڭى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتى قۇرۇش ماقۇللاندى.

1946 - يىلى نيۇيورك خەلقئارا دۇنيا سەھىيە يىغىنىدا نىزامنامە ماقۇللانغان.

1947 - يىلى دۇنيا سەھيە كومىتېت تەشكىلاتى مىسىرغا ياردەم بەردى.

1951 - يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغان خەلقئارا ساقلىق ساقلاش قائىدىسى تېكىست 4 - نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنىدا قوللىنىپ ، ئالدىنقى ئورنىغا خەلقئارا سەھىيە ئەھدىنامىسى قىلىنغان.

1969 - يىلى خەلقئارا ساقلىق ساقلاش قائىدىسىنى ئۆزگەرتىلگەن.

1973 - يىلى كەلگەن ئىجرائىيە كومىتېتى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سەھىيە مۇلازىمىتى ئومۇميۈزلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى، چىقىرىشقا توغرا كەلسە، تۈپ خارەكتىرلىك ئۆزگەرتىش.

1974 - يىلى دۇنيا بسەھيە تەشكىلاتى بالىلار پارالىچ كېسىلى بالىلارنى قوغداش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، قىزىل، بوغما كېسەل، كۆكيۆتەل، قاتما ۋە ئۆپكە تۇبېركۇليوزى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ئىممۇنىتېتلاش پىلانىنى كېڭەيتىشنى قوزغىغان مەقسەت قىلغان.

1979 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزالار يىغىنى، 32 - نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنىدا قايتا ساغلام ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك قانات يايدۇردى.

1979 - يىلى چېچەكنى پۈتۈن دۇنيادا تۈپ يىلتىزىدىن تەستىقلاپ بېرىلگەن ئىسپات، ئەڭ ئاخىرقى بىر چېچەك تەبىئىي كېسەللىك 1977 - يىلى بايقالغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابى

1981 - يىلى 2000-يىلى سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش، يەر شارى ئىستراتېگىيەسى قوللىنىلغان ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزالار يىغىنى ئىمزالىدى، باشقا ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن سەھيە تەشكىلاتى تەلەپ قىلدى.

1987 - يىلى، ب د ت ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەزالار يىغىنى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك يەر شارى پىلاننى سەھيە تەشكىلاتى تەشەببۇس قىلغان.  

مەقسىتى[تەھرىرلەش]

پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئىمكانقەدەر يۇقىرى سەۋىيەلىك ساغلاملىققا ئىگە قىلىش.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ساغلاملىققا تەبىرى ، « بەدەن، روھىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر، مۇكەممەل ھالەت

گىربى[تەھرىرلەش]

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بەلگىسى 1948 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنىدا تاللانغان. بۇ گىربى بىر يىلان يۆگىشىپ تۇرغان نەقىش چۈشۈرۈلگەن، ب د ت نىڭ شەرتلىك بەلگىسىدىن تەركىب تاپقان.

قۇرۇلمىسى[تەھرىرلەش]

چوڭ يىغىن :

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يىغىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى، ھەر يىلى 5 - ئايدا بىر قېتىملىق جەنۋەدە ئېچىلىدۇ. ئاساسلىق ۋەزىپىسى باش ئىش بېجىرگۈچىسى خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىپ، يىرىك پىلان خامچوتى، يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش ۋە باشقا مۇھىم قارالما مۇزاكىرە قىلىندۇ.

كومىتىت ئەزاسى يىغىنى:

كومىتىت ئەزاسى يىغىنى دۇنيا سەھيە تەشكىلاتى ئالىي ئىجرائىيە ئورگىنىدا ئېچىلىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى 2 قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزىدۇ.

كاتىبات باشقارمىسى:

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى دۇنيا سەھيە تەشكىلاتى تۇرىدىغان دائىمىي ئورگان.

رايون تەشكىلاتى:

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 6 دانە ۋىلايەتلىك كومىتېتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك ئىش باشقارمىسى :

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئافرىقا رايونى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئامېرىكا قىتئەسى رايونى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياۋروپا رايونى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى رايونى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەربىي تىنچ ئوكيان رايونى.

ۋاكالەتچى ئورگانلار[تەھرىرلەش]

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كەسپىي تەشكىلاتدا مەسلىھەتچىسى ۋە ۋاقىتلىق مەسلىھەتچىسى، مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى ( 47 مەسلىھەت بېرىش ئۆمىكى بار ، 2600 دىن ئارتۇق ئەزاسى بار ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو 96 كىشى )، يەر شارى ۋە رايونلارنىڭ تېببىي تەتقىقات مەسلىھەتچىلىك كومىتېتى ۋە ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇلدى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئېنگلىزچە ۋىكىپىدىيا