رېمدېسىۋىر(ۋاكسىن)

ئورنى Wikipedia

رېمدېسىۋىر ئامېرىكا گېلىئاد شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان يېڭى دورا. بۇ دورا ئالدىنقى باسقۇچتا ئېبولا يۇقۇمى ۋە ئوتتۇرا شەرق نەپەسلىنىش يىغىندى كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللەرنى داۋولاشقا ئىشلىتىلگەن، نۆۋەتتە بۇ دورا دۇنيادىكى ھېچقانداق دۆلەتتە بازارغا سېلىش تەستىقلانمىغان بولۇپ، 2020-يىلى 3-ئايغىچە، بۇ دورا كىلىنىكا باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ دورا تاجىسىمان ۋىرۇس (ياكى كىرونا ۋىرۇسى، ۋۇخەن ۋىرۇسى، كورونا ۋىرۇسى، كوۋىد-19) قا قارشى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا بۇلۇش مۇمكىن دەپ قارالماقتا.

رېمدېسىۋىر Remdesivir
GS-5734 قۇرۇلما كۈرۈنۈشى
كېلىنكېلىق سانلار
باشقىچە ئاتلىشى GS-5734
قانۇنلۇق ھالىتى
قانۇنلۇق ھالىتى
  • ئامېرىكا: تەتقىقات ھالتىدىكى يېڭى
  • دورا
كىملىك ئۇچۇرلىرى
CAS Number
  • 1809249-37-3
ChemSpider
  • 58827832
KEGG
  • D11472

نام ئاتىلشى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە: رېمدېسىۋىر

ئېنگلىزچە: Remdesivir

ئاددى خەنچە: 瑞德西韦

جوڭگودىكى تەرەقىياتى[تەھرىرلەش]

2020-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى، دۆلەتلىك بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې جىمىن: «دۆلىتىمىز ۋۇخەندىكى نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا مەزكۇر دورىنى كىلىنىكىدا ئىشلىتىشنى رەسمىي باشلىدى، ھازىر كىلىنىكىلىق تەجرىبە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، كىلىنىكىلىق تەجرىبىنىڭ نەتىجىسى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. رېمدېسىۋىر ھازىر كىلىنىكىلىق تەجرىبە باسقۇچىدا تۇرغاچقا، بىزمۇ ئۇنىڭ ئۈنۈمدارلىقى، بىخەتەرلىكلىكىگە دىققەت قىلىۋاتىمىز، شۇنداقلا رېمدېسىۋىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋولاشتا ئاكتىپ داۋولاش ئۈنۈمى بولغان بىر تۈركۈم دورىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ياساپ چىقىرىلىشىنى كۈتىمىز».

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. تور دۇنياسى