Jump to content

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى لەۋھەسى

ئورنى Wikipedia
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى لەۋھەسى
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى لەۋھەسى

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى لەۋھەسى

بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى سابىت داموللام قاتارلىق كىشىلەرنىڭ چۈشكەن رەسىمنىڭ كەينىدىكى لەۋھەگە يېزىلغان ئايەتلەر ۋە شۇئارلارنى شەرھىلەپ يازغان ماقالەم ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا ئېلان قىلىندى، رەسىمنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى تەرەپكە يېزىلغىنى سۈرە نىسا 58-ئايەت.

إِنَّ اللّهَ يَأْمُرُكُمْ أَن تُؤدُّواْ الأَمَانَاتِ إِلَى أَهْلِهَا وَإِذَا حَكَمْتُم بَيْنَ النَّاسِ أَن تَحْكُمُواْ بِالْعَدْلِ إِنَّ اللّهَ نِعِمَّا يَعِظُكُم بِهِ إِنَّ اللّهَ كَانَ سَمِيعًا بَصِيرًا

شۈبھىسىزكى ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى! ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

Allah, size emanet edilen şeyleri mutlaka ehline vermenizi ve insanlar arasında hüküm verecek olursanız adaletle hüküm vermenizi emrediyor. Allah size ne de güzel öğüt veriyor; zira Allah akıl sır ermez bir biçimde her şeyi işiten, her şeyi görendir.

ئاستىدىكى ئىككى تەرەپكە يېزىلغان تۆت خەتلىك شۇئار، ئىسلامىيەت، ئازادىيەت، ئادالەت، ئۇخوۋەت. مەنىسى ئىسلامىيەت، ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە قېرىنداشلىق.

بەلۋاغ شەكىللىك ئورۇنغا يېزىلغان ئايەت سۈرە نەھىلدىن ئېلىنغان.

إِنَّ اللّهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالإِحْسَانِ وَإِيتَاء ذِي الْقُرْبَى وَيَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاء وَالْمُنكَرِ وَالْبَغْيِ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ

ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشلەر ئارسىدا) ئادىل بولۇشقا (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا خىش- ئەقرىبالارغا سىلە- رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ قەبىھ (سۆز- ھەركەتلەر) دىن يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ ئاللاھ سىلەرگە پەند- نەسىھەت قىلىدۇ.

Hiç şüphe yok ki Allah adil davranmayı, iyilik yapmayı ve yakınlara karşı cömert olmayı emreder; ve her türlü utanç verici hayasızlığı, selim akla ve sağduyuya aykırı çirkinliği ve sınırları hiçe sayan taşkınlık ve azgınlığı yasaklar: size (bu) öğütleri verir ki, sorumluluklarınızı aklınızda tutabilesiniz.

سۈرە نەھل 90-ئايەت

ئەڭ ئاستىنقى قۇرغا يېزىلغان ئ‍ۇيغۇرچە خەتنىڭ ئوقۇلىشى:

ياشاسۇن بۈيۈك ۋەتىنىمىز تۈركىستاننىڭ ئازاتلىغى، قۇتلۇق بولسۇن ئىسلامى ھاكىمىيەت.