سابىت داموللا ئابدۇلباقى

ئورنى Wikipedia
سابىت داموللا ئابدۇلباقى كامالىي
تۇغۇلۇش1883، ئاتۇش
ۋاپاتى1941، ئۈرۈمچى
مىللىتىئۇيغۇر
تەھسىلىداموللا
ئەسىرىشېرىن كالام قاتارلىقلار
تۆھپەش ت ئى ج نىڭ قۇرغۇچىسى

سابىت داموللا ئابدۇلباقى (لاتىن: Sabit Damulla Abdulbaqi. چاغاتايچە: ثابت داملا عبد الباقي) (1883 - 1934)نەقىل ئېلىنغان خاتالىق: The opening <ref> tag is malformed or has a bad name[1]، ئۇيغۇر سىياسىئون ۋە ئىسلام دىنى ئالىمى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە بىرىنچى باش ۋەكىلى.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

سابىت ئابدۇلباقى 1883 - يىلى ئاتۇش ئازاقتا توغۇلغان. باشلانغۇچ دىنىي تەربىيىنى ئازاقتا چوڭ ئەلەم ئاخۇنۇم دېگەن كىشىدىن ئالغان. كېيىن قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان.

1910 - يىلى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مامۇت ئاخۇند داموللاملارنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن، بۇخاراغا بېرىپ يۇقىرى مەلۇمات ئالغان. 1914 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ ۋەتەنگە قايتقان.

1924 - يىلى ئابدۇقادىر داموللام سۇيىقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سۇيىقەستچىلەرنىڭ نىشانى سابىت داموللامغا مەركەزلەشكەن. بۇنى سەزگەن سابىت داموللام 1925 - يىلى ھەجگە بېرىش باھانىسى بىلەن ئىلىغا چىققان. سابىت داموللام دىنىي ئىلىملەردىمۇ تۈركچە، ئەرەبچە، پارسچە ئەدەبىياتنىڭ پۈتكۈل تۈرلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان بولغاچقا، مەزكۇر تىللاردا بەزىدە نەسرىي، بەزىدە نەزمىي ئۇسلۇبتا سۆزلەش، يېزىش كامالىتىگە يەتكەن. ئۇ 1927 - يىلىدىن باشلاپ، غۇلجا شەھرى دەڭ مەسچىتىدە «قۇرئان كەرىم»نى ئۈچ يىل بويىچە ئاغزاكى تەرجىمە قىلغان. 1930 - يىلى غۇلجىدا، چۆچەكتىكى مۇرات ئەپەندىدىن تەلىم ئېلىش باھانىسى بىلەن ۋەزىيەتنى كۆزەتكىلى چىققان خوتەن قاراقاشلىق مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن پىكىرلەشكەن. ئۇ شۇ يىلى كۈزدە قەشقەر ۋە ئاتۇشتىن چىققان شەمشىدىن داموللا، ياقۇپ ھاجى قاتارلىق يۈزدەك كىشى بىلەن بىرلىكتە ئون نەچچە ياشلىق ئوغلى ئابدۇللانى ئېلىپ ھەجگە ماڭغان. 1931 - يىلى باھاردا، ھەج تاۋابىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىلمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان. تۈركىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان چېغىدا، مىسىردا دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ قاھىرەگە بارغان.

سابىت داموللا (چەمبەر ئىچىدە) شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى مىنىستېرلار ھەيئىتى بىلەن بىرگە.

سابىت داموللام 1932 - يىلى 12 - ئايدا قاغىلىققا يېتىپ كەلگەن، ئاندىن ئۇدۇل خوتەنگە بارغان. 1933 - يىلى 24 - فېۋرال، قاراقاشتا قوزغىلاڭ پارتلىغان. 1933 - يىلى ئاپرېلغىچە خوتەن تەۋەسى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. 5 - ئاپرېلدا «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» قۇرۇلغان. سابىت داموللام قوزغىلاڭ جەريانىدا، يەكەن قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراشتۇرغان. 15 - ئاۋغۇست سابىت داموللام قەشقەر شەھرىدە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنى قۇرغان. 10 - سىنتەبىر بۇ ئىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق جەمىئىيىتى»نى قۇرغان. ئىككى ئايلىق پۇختا تەييارلىق خىزمىتىدىن كېيىن، 1933 - يىل 12 - نويابىر قەشقەردە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلۇپ، كۆنچى مەھەللىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا بايراق چىقىرىلىدۇ. بۇ بايراق ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئىدى. بايراق چىقىرىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش چوڭ يىغىنىدا، ھۆكۈمەت تەشكىلىي ئاپپاراتى، ئاساسىي قانۇن ۋە دۆلەت مارشى ئېلان قىلىندى. «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ستالىن ھۆكۈمىتى بىلەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ساراسىمىگە سالغان. خوجىنىياز ھاجى ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە كۆنگەن ھەمدە سابىت داموللام قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ، شېڭ شىسەيگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان. 1934 - يىلى ئاپرېلدا، خوجىنىياز ھاجى يەكەندە زىرىپ قارى ھاجى، شەمشىدىن داموللا، ئابلاخان سۇلتانبەگ قاتارلىق تۆت كىشىنى نەزەربەند قىلغان. ئاپرېلنىڭ 13 - كۈنى، مەھمۇد مۇھىتى قول ئاستىدىكى غوپۇر تۈەنجاڭنى قاغىلىققا ئەۋەتىپ، سابىت داموللامنى قولغا ئالغان. خوجىنىياز ھاجى سابىت داموللام بىلەن زىرىپ قارى ھاجىنى ئاقسۇغا يالاپ ئېلىپ كېلىپ، شېڭ شىسەينىڭ ئاقسۇدىكى قىسىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. سابىت داموللام 1934 - يىلى شېڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىسىگە قامالغان. 1940 - يىلى ئۈرۈمچى ئىككىنچى تۈرمىنىڭ باشلىقى لۇ بىندى ئىسىملىك خۇيزۇ سابىت داموللام بىلەن تونۇشۇپ قالغان. لۇ بىندى سابىت داموللامنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇنىڭغا «قۇرئان كەرىم» بىلەن قەغەز - قەلەم ئەكىرىپ بەرگەن ھەمدە سابىت داموللامنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ بەرگەن. شۇ كۈندىن باشلاپ، سابىت داموللام «قۇرئان كەرىم»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە - تەفسىر قىلىشقا كىرىشكەن ۋە ئون ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا تەرجىمە - تەفسىرىنى تولۇق تاماملىغان. سابىت داموللام تەرجىمە خىزمىتىنى تۈگىتىپ كۆپ ئۆتمەي، يەنى 1941 - يىلى 58 يېشىدا، شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. Ondřej Klimeš (8 January 2015). Struggle by the Pen: The Uyghur Discourse of Nation and National Interest, c.1900-1949. BRILL. بەت 122–. ISBN 978-90-04-28809-6. ئۇلىنىش: 1 - نويابر 2020