شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى

ئورنى Wikipedia
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى
The Constitution of the East Turkistan Government in Exile
قۇرۇلۇشى
نۇسقىسى تۈزۈتۈلگەن نۇسقىسى
تۈزۈتۈلگەن ۋاقتى 2019- يىل 22-ئاپرېل
تور بەت شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋاشىڭتوندا ئېچىلغان پەۋقۇلئاددە يىغىندا تۈزۈتۈلۈپ، ماقۇللانغان. [1]

كىرىش سۆز[تەھرىرلەش]

بۇ ئاساسىي قانۇن 1949-يىلى 10-ئايدا تاجاۋۇزچى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان ۋەتىنىمىز تۇپراقلىرىدىن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئورتاق مىللىي ئىرادىسى بىلەن تۈزۈپ چىقىلدى.

ئۇشبۇ ئاساسىي قانۇن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ۋە ھۆررىيەتكە

ئېرىشكەندىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك سىياسىي تۈزۈمى ۋە يولىنى كۆرسۈتۈپ بېرىشنى مەخسەت قىلىدۇ.

بىرىنچى بۆلۈم[تەھرىرلەش]

دۆلەت ئىسمى، دۆلەت تۈزۈمى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى، دۆلەت گېمىنى، مىللىي مارشى، دۆلەت تىلى، دۆلەت دىنى ۋە پايتەختى

1. ماددا: دۆلەت ئىسمى: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى.

دۆلەت ئىسمى تالاش-تارتىشلارغا يېپىق. شېھىتلەرنىڭ قانلىرى ۋە جانلىرى بەدىلىگە قويۇلغان دۆلەت ئىسمىدىن باشقا ئىسىم تەكلىپ قىلىش، باشقا ئىسىم بىلەن ئاتاش بىردەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېساپلىنىدۇ. دۆلەت ئىسمى تاكى مۇستەقىللىق ئەسلىگە كەلگەنگە قەدەر مۇشۇ پېتى قالۇدۇ.

2. ماددا: دۆلەت تۈزۈمى: دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىجتىمائىي بىر پۈتۈن قانۇن دۆلىتىدۇر. شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، مىللەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا بولمايدۇ ۋە يول قويۇلمايدۇ.

3. ماددا: دۆلەت بايرىقى. ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق.

4. ماددا: دۆلەت گېربى. ھىلال ئاينىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە توققۇزدىن مارجان بولغان ۋە مارجانلارنىڭ يىپى ھىلالنىڭ ئاستىدا باغلانغان؛ ھىلالنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆسنىخەت بىلەن يېزىلغان «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم»، ھىلالنىڭ ئىككى ئۇچى ئارىسىدىكى بوشلۇق ئۈچ يۇلتۇز بىلەن تۇتۇشۇپ گويا بىر چەمبەر ھاسىل قىلغان بىر شەكىلدىن ئىبارەتتۇر. دۆلەت گېربىدىكى ئون سەككىز مارجان — شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان ئون سەككىز تۈرك قەبىلىسىنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۈچ يۇلتۇز بولسا تارىختا شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان كۆك تۈرك، ئۇيغۇر ۋە قاراخانىلار دۆلەتلىرىنىڭ سىمۋولىدۇر.

5. ماددا: دۆلەتنىڭ ئىستىقلال ۋە مىللىي مارشلىرى دۆلەتنىڭ ئىستىقلال مارشى 1933-يىلى مەمتىلى ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلىپ، ئاھاڭغا سېلىنغان، شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەرىپىدىن ئوقۇلغان «قۇرتۇلۇش يولىدا» ناملىق شېئىردۇر. دۆلەتنىڭ مىللىي مارشى — مەمتىلى ئەپەندىنىڭ «تارىختىن ئەۋۋەل بىز ئىدۇق، تارىختىن سوڭرە يەنە بىز» دېگەن شېئىرىدۇر.

6. ماددا: دۆلەت تىلى، دىنى ۋە پايتەختى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تىلى ئۇيغۇر تۈركچىسىدۇر. قازاق ۋە قىرغىز تۈركچىسى مىللىي تىل قاتارىدا قوللۇنۇلۇدۇ.

دىنى ئىسلامدۇر. دۆلەت باشقا دىنلارغىمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ، قوغدايدۇ، ھەرخىل دىنىي ھوقۇقلارغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

دۆلەتنىڭ پايتەختى — ئۈرۈمچى.

7. ماددا: ئاساسىي قانۇننىڭ يوقۇرىدا يېزىلغان 1-،2-،3-،4-، 5-، 6- ماددىلىرى ھەرقانداق شارائىتتا ئۆزگەرتىلمەيدۇ ۋە ئۆزگەرتىشكە تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.

ئىككىنچى بۆلۈم[تەھرىرلەش]

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

8. ماددا: 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭتوندا قۇرۇلغان سۈرگۈندى ھۆكۈمەت، ۋەتىنىمىز تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قولىدىن ئازات بولغانغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىن-بىر ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. 9. ماددا: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى — دۇنيادىكى بارلىق دېموكراتىيىنى، ھەققانىيەتنى، تېنچلىقنى سۆيۈدىغان، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەتلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشچىلىقىدىكى بارلىق خەلقارالىق تەشكىلاتلار، خەلقارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئوگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تاجاۋۇزچى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېرورىغا قارشى كۆرەشكە تەشكىللەش، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.

10. ماددا: دۆلەت رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىس، پارلامېنت رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، باش مىنىستېر، مۇئاۋىن باش مىنىستېرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە كىشىلىك شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ «ئالىي رەھبەرلىك ھەيئىتى» قۇرۇپ چىقىلىدۇ. بۇ ئالىي رەھبەرلىك ھەيئىتى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە نازارەتچىلىك قىلىدىغان ۋە يول كۆرسۈتىدىغان، موھىم قارارلارنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

11. ماددا: ئالىي رەھبەرلىك ھەيئىتى، يىلدا بىر قېتىم، زۆرۈر تېپىلغاندا دۆلەت رەئىسىنىڭ تەكلىۋى بىلەن خالىغان يەرگە جەم بولۇپ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەر، قارارلار، بايانلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرىغا ئائىت بارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىپ، كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن قارارلار چىقىرىدۇ. بۇ قارارلارنى باش مىنىستېر قانۇن سۈپىتىدە ئىجرا قىلىدۇ.

12. ماددا: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستېرلىرى باشمىنىستېرنىڭ قول ئاستىدا مىنىستېرلار كابېنتى بولۇپ تەشكىللىنىدۇ. مىنىستېرلار كابېنتىدا ھۆكۈمەت پروگراممىلىرىغا خىلاپلىق قىلغان مىنىستېرلار خاتالىقىنىڭ جىددىيىتىگە قاراپ، ئۈچ قېتىمغىچە ئاگاھلاندۇرۇلۇدۇ. (بەزى جىددىي خاتالارغا ئاگاھلاندۇرۇش ئەمەس، بىرىنچى قېتىمدىلا جازا بېرىلىدۇ) بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا ئىتىبار قىلمىغان تەقدىردە مىنىستېرلار كابېنتىنىڭ قارارى ۋە دۆلەت رەئىسىنىڭ تەستىقى بىلەن باش مىنىستېر تەرىپىدىن كابېنتتىن چىقىرىلىدۇ.

13. ماددا: ھۆكۈمەتنىڭ مىنىستېرلار كابېنتى يىلدا بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت پروگراممىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىدىن باش مىنىستېر ۋە كابېنتقا دوكلاد سۇنۇدۇ ۋە ئالى رەھبەرلەر ھەيئىتىنىڭ قارارى ۋە ھۆكۈمەت پروگراممىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىدۇ.

ئۈچىنچى بۆلۈم[تەھرىرلەش]

شەرقىي تۈركىستاننىڭ پارلامېنت سايلىمى ۋە ۋەتەنداشلىق

14. ماددا: مىللەت ۋەكىللىرى ئىككى ياكى ئۇندىن ئارتۇق نامزات كۆرسۈتۈش ئارقىلىق پارلامېنتقا بىر رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىس، بىر باش كاتىپ، ئىككى كاتىپنى پارلامېنت ئەزالىرى ئىچىدىن تۆرت يىللىق مۇددەت ئۈچۈن كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن سايلاپ چىقىدۇ.

ھەرقايسى رايونلاردىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان ۋەكىللەردىن تەشكىللەنگەن پارلامېنت — ئالاھىدە ئەھۋاللاردىن سىرت ھەر تۆرت يىلنىڭ بىرىنچى يىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېچىلىپ، تۆرتىنچى يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. پارلامېنت بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ 17-، 18-، 19- ماددىلىرىغا ئاساسەن پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىپ، پارلامېنتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈدۇ. 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدۇ.

15. ماددا: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا يۇرتنىڭ ئىشغال قىلىنىشىغا چېتىشلىق بولغان، دۈشمەنگە ياكى يۇرتنى ئىشغال قىلغۇچىلارغا ياردەم بەرگەن، ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى سېزىلگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ۋەتەن سىرتىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن مۇستەقىللىقتىن باشقا سىياسىي مەخسەتلەرنى غايە قىلىدىغان تەشكىلاتلارغا قاتناشقان ئادەتتىكى ئەزالار بۇ تەشكىلاتتىن ئىستىپا بېرىپ، مۇئەييەن بىر مۇددەت ئۆتمىگىچە، سىياسىي قاراشلىرى مۇستەقىللىققا ئۆزگەرمىگىچە مىللەت ۋەكىلى بولالمايدۇ. ۋەزىپە ئالغانلاردىن ۋەزىپە مۇددىتى ئىچىدە مىللىي مەنپەئەتكە قارشى جىددى خاتالىرى بولغانلار، تەشكىلاتتىن ئىستىپا بەرگەن تەقدىردىمۇ شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتىغا مىللەت ۋەكىلى بولالمايدۇ

16. ماددا: دۆلەتنىڭ ئىشغال قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان، دۈشمەنلەرگە ياكى تاجاۋۇزچىلارغا ياردەم بەرمىگەن، ئۇلارنى قوغداپ قالمىغان، تارىختىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ياشاپ كېلىۋاتقان، خىتاي بولمىغان ھەرقانداق كىشى شەرقىي تۈركىستانلىق ھىساپلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدا ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ ھىساپلىغان، شەرقىي تۈركىستاننى ئانا ۋەتىنىم دەپ تونۇيدىغان ھەرقانداق مۇھاجىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي ۋەتەندىشى بولالايدۇ.

تۆرتىنچى بۆلۈم[تەھرىرلەش]

پارلامېنت ئەزالىرى

17. ماددا: پارلامېنت — پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل قىلىنىدۇ. پارلامېنت ئەزالىرىنى 18 ياشقا تولغان، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىغا كۆڭۈل بۆلۈدىغان، چەتئەللەردە ھازىرغىچە ۋەتەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ھەرتۈرلۈك سىياسىي پائالىيەتلەرگە، ۋەتەنپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىق جىنسى پەرقىگە قارىماي دېموكراتىك ئۇسۇللار بىلەن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق سايلاپ چىقىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ياشاۋاتقان ھەر دۆلەتتىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 10دىن مىللەت ۋەكىلى سايلىنىدۇ.

18. ماددا: ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇددەتتە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلاشقا بولمايدۇ. ئەمما سايلام ۋاقتىدىن ئەڭ ئاز ئۈچ ئاي بۇرۇن ئىستىپا بېرىش شەرتى بىلەن ئۇلار سايلاش، سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولالايدۇ.

19. ماددا: دۆلەت ئىچىدە ھەر ئاتمىش مىڭ نوپۇستىن بىر ئادەم پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ. سۈرگۈندى ھۆكۈمەت پارلامېنتى ئۈچۈن پارلامېنت ئەزالىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نوپۇس سانىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن پارلامېنتنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇنلاشقان بەلگىلىمىلەر بويىچە سايلىنىدۇ. ئەمما، سۈرگۈندى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى 60 كىشىدىن كۆپ بولماسلىقى كېرەك.

20. ماددا: پارلامېنت ئەزالىرى ئىچىدە ۋاپات بولغان ياكى ھەرقانداق سەۋەپ تۈپەيلى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئورنىغا پارلامېنتنىڭ قارارى بويىچە بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە شۇ ۋەكىل تەۋەلىكىدىكى رايون تەرىپىدىن پارلامېنت ئەزالىرى تولۇقلاپ سايلىنىدۇ. ئەمما سۈرگۈندى پارلامېنتنىڭ ئەزاسى ۋاپات بولغان ياكى ئىستىپا بەرگەن تەقدىردە، شۇ پارلامېنت ئەزاسى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىچىدىن تولۇقلاپ سايلىنىدۇ.

بەشىنچى بۆلۈم[تەھرىرلەش]

قانۇنلار ۋە قارارلار

21. ماددا: بارلىق قانۇنلار پارلامېنت تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلىدۇ. بۇ قانۇنلار كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىدۇ. جۇمھۇر رەئىسنىڭ تەستىقىدىن كېيىن قانۇنلارنى ھۆكۈمەت ئىجرا قىلىدۇ.

22. ماددا: يۇقارقى قانۇن-نىزاملارنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بارلىق ئىجرائى قارارلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلىدۇ.

ئالتىنچى بۆلۈم[تەھرىرلەش]

پارلامېنت ۋە دۆلەت ئارمىيىسى

23. ماددا: دۆلەت رەئىسى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئالىي باشقوماندانىدۇر.

24. ماددا: تېنچلىق مەزگىللىرىدە دۆلەت رەئىسى تەرىپىدىن كۆرسۈتۈلگەن ئەڭ تەجرىبىلىك، ئابرويلۇق، دۆلەت ئارمىيىسى ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە ئىشەنچلىك بىر يوقۇرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر دۆلەت ئارمىيىسىگە دۆلەت رەئىسىگە ۋاكالىتەن قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە باشقوماندان قىلىپ تەيىنلىنىدۇ.

25. ماددا: پارلامېنت دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەربىي سەپەرۋەرلىك، ئۇرۇش ئېلان قىلىش، دۆلەت مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىش شەرتى ئاستىدا چەتئەللەر بىلەن بولۇدۇغان شەرتنامىلەرنى تۈزۈش ۋە ئىمزالاش ھوقۇقىنى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ھۆكۈمەتكە بېرىدۇ.

يەتتىنچى بۆلۈم[تەھرىرلەش]

دۆلەت رەئىسىنىڭ سايلىنىشى ۋە ھوقۇقلىرى

26. ماددا: شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىغا ئۆزىنى ئاتىغان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن ئىشلەيدىغان، مۇئەييەن دەرىجىدە مەدەنىيەت ساپاسى بولغان، پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، ۋەتەنداشلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلىغان، 30 ياشقا تولغان، تۈرك نەسلىدىن بولغان ھەرقانداق شەرقىي تۈركىستانلىق ئىچىدىن سايلام ئارقىلىق دۆلەت رەئىسى سايلىنىدۇ ۋە سايلانغان دۆلەت رەئىسى قەسەم بىلەن ئۆز ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالۇدۇ ۋە بۇ دۆلەت رەئىسى ئەڭ كۆپ ئىككى قېتىم سايلىنالايدۇ. (قوشۇمچە: «قەسەملەر»گە قاراڭ)

27. ماددا: دۆلەت رەئىسىنىڭ ھوقۇقلىرى: دۆلەت رەئىسى باش مىنىستېر ئۈچۈن ئىككى نامزات كۆرسۈتۈپ، مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ تاللىشىغا سۇنۇدۇ. باش مىنىستېر تەرىپىدىن سۇنۇلغان ھۆكۈمەت كابېنتىنى تەستىقلايدۇ. ياكى رەت قىلىدۇ. باش مىنىستېر خىزمەتتە ئېغىر خاتالارنى ئۆتكۈزسە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنى پىسەنت قىلمىسا رەئىس باش مىنىستىرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەققىدە پارلامېنتقا تەكلىپ بېرىدۇ. مىنىستىرلىككە تەيىنلەنگەن نامزاتلارنى ئىسپات بىلەن يەڭگۈشلەشكە ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە باش مىنىستېرغا يازما تەكلىپ بېرىدۇ.

دۆلەت رەئىسى دۆلەت بىرلىكىنىڭ سىمۋولىدۇر. دۆلەت رەئىسى پارلامېنت تەستىقلىغان قانۇن، شەرتنامىلار، قارارنامىلەرنى ئىمزالايدۇ ياكى رەت قىلىدۇ، چەتئەللەرگە ئەلچىلەرنى تەيىنلەيدۇ ۋە چەتئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئېغىر گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ ياكى جازاسىنى يېنىكلىتىدۇ.

28. ماددا: دۆلەت رەئىسىنىڭ كېسەللىك، ساياھەت ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان مەزگىللەردە، پارلامېنت ئەزاسى بولغان مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى، دۆلەت رەئىسى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر دۆلەت رەئىسىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنى ئۈستىگە ئالۇدۇ ۋە يۈرگۈزۈدۇ. دۆلەت رەئىسى ۋاپات بولغان تەقدىردە، پارلامېنت تەرىپىدىن يېڭى دۆلەت رەئىسى سايلانغانغا قەدەر دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. بۇ ماددا سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە بولۇدۇ.

29. ماددا: دۆلەت رەئىسى قانۇن-پىرىنسىپلارغا خىلاپ ھالدا ئۆز بېشىغا ھەركەت قىلىپ، پارلامېنتنىڭ ياكى ئالىي كېڭەشنىڭ قارارلىرى، پىكىرلىرىگە ھۆرمەت قىلماستىن خاتانى ئۈچ قېتىم تەكرارلىسا ئالى كېڭەشتىكىلەرنىڭ تەكلىپى ۋە پارلامېنتنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق دۆلەت رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇدۇ. بۇنداق ھاللاردا مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسىنىڭ مۇددەت تولغىچە ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى ياكى يېڭىدىن دۆلەت رەئىسى سايلاپ چىقىشمۇ ئاۋازغا قويۇلۇپ بەلگىلىنىدۇ.

سەككىزىنچى بۆلۈم[تەھرىرلەش]

باش مىنىستېرنىڭ سايلىنىشى ۋە ھوقۇقلىرى

30. ماددا: شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىغا ئۆزىنى ئاتىغان، بۇ داۋاغا ئىشەنچىسى كامىل بولغان، 25 ياشقا تولغان، مۇئەييەن مەدەنىيەت ساپاسى بولغان ۋەتەنداشلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلىغان، پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، تۈرك نەسلىدىن بولغان ھەرقانداق شەرقىي تۈركىستانلىق شەرقىي تۈركىستان دۆلەت رەئىسى تەرىپىدىن باش مىنىستېرلىك نامزاتلىقىغا كۆرسۈتۈلۈدۇ. باش مىنىستېر ئەڭ كۆپ ئىككى قېتىم سايلىنالايدۇ، باش مىنىستېر مىنىستېرلار كابېنتىنى تەشكىللەپ، دۆلەت رەئىسىنىڭ تەستىقىدىن كېيىن پارلامېنتقا سۇنىدۇ. پارلامېنت ئۇنىڭ ھۆكۈمەت پروگراممىسىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، بۇ مىنىستېرلار كابېنتىنى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن تەستىقلايدۇ. بۇ جەرياندا ئەسلىدىكى كابېنت ئۆز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇدۇ.

31. ماددا: باش مىنىستېر بىر ياكى ئىككى مىنىستېرنى ھۆكۈمەت باياناتچىسى قىلىپ بەلگىلەيدۇ.

32. ماددا: باش مىنىستېر پارلامېنتقا ۋەتەننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ھەققىدە ئاز دېگەندە يىلدا بىر قېتىم مەلۇمات بېرىدۇ ۋە ئۇرۇش ۋە تېنچلىق زامانلىرىدا دۆلەت ئارمىيىسىنى سەپەرۋەر قىلىشقا، كابىنت ئەزالىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشقا، مىنىستېرلار كابېنتىنىڭ قارارلىرىغا زىت ھەركەت قىلغان مىنىستېرلارنى ئۈچ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇشقا ۋە بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا ئېتىبار بەرمىگەن تەقدىردە، باش مىنىستېر دۆلەت رەئىسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇلارنى كابېنتتىن چىقىرىشقا، قانۇنلارنىڭ ئادىل ئىجرا قىلىنىشىغا ۋە ۋەتەننىڭ پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاستىدا قالغان مەزگىللىرىدە قانۇنى كۈچكە بارابەر قارارلارنى چىقىرىشقا، پارلامېنت قارارى بىلەن ھەربى ھالەت ئېلان قىلىشقا ھوقۇقلۇقتۇر.

توققۇزىنچى بۆلۈم[تەھرىرلەش]

پارلامېنتنىڭ ھوقۇقلىرى

33. ماددا: مەزكۈر پارلامېنت ھەممە قانۇن ۋە نىزاملارنى چىقىرىشقا، باج قانۇنى چىقىرىشقا، قەرزلەرنى تۆلەشكە ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا، ئومۇمىي باج بىلەن ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرىدىن ئېلىنىدىغان باج قانۇنىنى چىقىرىشقا باجنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرىسى ئىچىدە بارابەر ۋە بىر خىل ئۆلچەملىك بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى چىقىرىشقا ھوقۇقلۇقتۇر. پارلامېنت يەنە تۆۋەندىكى ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى چىقىرىدۇ:

34. ماددا: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىن قەرز ئېلىشىغا، سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن تاشقى سودىنى كونترول قىلىشىغا؛

35. ماددا: ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلىش، ۋەتەنداشلىقتىن چىقىرىش، ھەمدە كىرىزسكە سەۋەپچى بولۇدۇغان بانكا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە بانكىلار قانۇنى چىقىرىشقا؛

36. ماددا: پۇل بېسىش ۋە پۇلنىڭ قىممىتىنى قوغداش، چەتئەل پۇللىرىنىڭ كۇرسىنى بەلگىلەشكە، ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى بېكىتىشكە؛

37. ماددا: ساختا پۇل ياسىغۇچىلارنى جازالاشقا؛

38. ماددا: پوچتىخانا، دوختۇرخانا، مەكتەپلەرنى ئېچىش ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا؛

39. ماددا: يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەر، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرگە قەلەم ھەققى بېرىش، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئەركىن پائالىيەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا؛

40. ماددا: ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان سوت مەھكىمىلىرىنى قۇرۇشقا؛

41. ماددا: دۆلەت چېگرىسىدىكى ئەتكەسچىلىك، گۈمرۈكتىكى كۆز بويامچىلىق ھادىسىلىرىنى ئېنىقلاش ۋە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشقا؛

42. ماددا: سىرتقا ئۇرۇش ئېلان قىلىش، ۋەتەنگە قىلىنغان ياكى قىلىنىش ئىھتىمالى بولغان تاجاۋۇزچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا؛

43. ماددا: دۆلەت ئارمىيىسىنى تەربىيىلەش، كۈچەيتىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشقا؛

44. ماددا: دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، توپىلاڭنى تىنجىتىش، تاجاۋۇزنى توساش ئۈچۈن ئارمىيەنى ھەربىي ۋەزىپىگە سەپەرۋەر قىلىشقا؛

45. ماددا: ئەسكەرلەرنى تەشكىللەش، قوراللاندۇرۇش، باشقۇرۇش، ئوفىتسېرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، پارلامېنتنىڭ ھەربىي تۈزۈمگە بىنائەن ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىشقا؛

46. ماددا: شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنىڭ ياكى ھۆكۈمەت ئەرباپلىرىنىڭ يوقۇرىدا بايان قىلىنغان قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان پۈتۈن قانۇنلارنى چىقىرىشقا ۋە قانۇنلاشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇقتۇر.

ئونىنچى بۆلۈم[تەھرىرلەش]

ۋەتەنداشلارنىڭ ھەقلىرى ۋە پارلامېنتىنىڭ ھەقلىرى

47. ماددا: پارلامېنت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرىغا، قانۇن ئالدىدا باراۋەرلىكىگە، دىنىي ئېتىقادلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. پارلامېنت تۆۋەندىكى ئىشلار ھەققىدە قانۇن چىقارمايدۇ: ھەركىمنىڭ ئېتىقاد قىلغان دىنىغا ئەركىن ئىبادەت قىلىشىغا چەكلىمە قويۇدىغان، چۈشەنچە ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى، نەشرىيات ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان، يىغىلىش ئەركىنلىكى بىلەن ھۆكۈمەتكە خالىغان تېمىدا ئىلتىماس سۇنۇش ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان، ۋەتنداشلارنىڭ ئىمتىياز ۋە ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەنلىتىدىغان قانۇنلار.

48. ماددا: شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن خەلق قورال ساقلاش ۋە قورال ئېلىپ يۈرۈش ئەركىنلىكىگە ئىگە.

49. ماددا: تاجاۋۇزچىلارغا ھەمكارلىشىپ ۋەتەننىڭ ئىشغال قىلىنىشىغا ۋاستىچىلىك قىلغان، دۈشمەنلەرگە ياكى ۋەتەننى ئىشغال قىلغۇچىلارغا ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن ياردەم بەرگەنلەر، جىنايىتىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ سوتقا تارتىلىدۇ ۋە جازالىنىدۇ.

50. ماددا: قانۇندا رۇخسەت قىلىنغان ئەھۋالدىن باشقا مەيلى تېنچلىق دەۋرىدە بولسۇن ياكى ئۇرۇش دەۋرىدە بولسۇن، ھەرقانداق ئەسكەر ياكى ساقچىنىڭ مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ ھەرقانداق كىشىنىڭ مۈلكىنى تەكشۈرۈش ياكى مۇسادىرە قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

51. ماددا: كىشىلەر يانلىرىنى، خەت-چەكلىرىنى، چوڭ-كىچىك بويۇملىرىنى ۋە ئۆزىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش ۋە چېقىلىشقا قارىتا قانۇنىي قوغدۇنۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ ئۇنىڭغا دەخلى قىلىنمايدۇ.

52. ماددا: ئۇرۇش يۈز بەرمىگەن، ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنمىغان ياكى ئومۇمىي خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىمىغان ئەھۋاللاردا ھىچكىم سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىسىز ۋە تەپتىشنىڭ يازما ئەيپلىشى بولماي تۇرۇپ جىنايى جاۋاپكارلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنمايدۇ. ھەرقانداق كىشى ئوخشاش جىنايىتى ئۈچۈن ئىككى قېتىم ئەيپلەنمەيدۇ. ھىچكىم قانۇنى جەريانلاردىن ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ ئەركىنلىكىدىن، مال-مۈلكىدىن، ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىنمايدۇ. ئادىل تۆلەم تۆلەنمەي تۇرۇپ ھىچكىمنىڭ خۇسۇسىي مۈلكى مۇسادىرە قىلىنمايدۇ ياكى خەلققە تەقسىم قىلىپ بېرىلمەيدۇ.

53. ماددا: ھەرقانداق جىنايى دېلونى بىر تەرەپ قىلىشتا، جاۋاپكار بىتەرەپ سوت ئالدىدا قانۇن بويىچە سوتلىنىدۇ، جاۋاپكار گۇناھلىرى ۋە قارىلىنىش سەۋەپلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈلۈدۇ، گۇۋاھچىلار بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈدۇ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن گۇۋاھچىلارنى چاقىرالايدۇ ۋە ئادۋۇكات تۇتالايدۇ.

54. ماددا: قارىلانغۇچىنى قەبىھ ۋە غەيرى نورمال ئۇسۇلدا جازالاشقا، ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە كاپالەت پۇلى ياكى جەرىمانە تەلەپ قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. گۇناھكار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى جىنايىتىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە ئاساسەن جازالىنىدۇ.

55. ماددا: ۋەتەنداشلارنىڭ ئاساسىي قانۇندا بېرىلگەن ھوقۇقلىرى، بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك قانۇنلۇق ھوقۇقلىرى ئىنكار قىلىنمايدۇ.

56. ماددا: سوتتا جىنايەتچىلەرگە بېرىلگەن جازادىن سىرت يەنە ئۇنى مالاي قىلىۋېلىش، مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش ۋە ئىجتىمائىي ئورنىغا قاراپ كەمسىتىش مەنئىي قىلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ۋەتەنداشلىرى قانۇن ئالدىدا بارابەردۇر.

ئون بىرىنچى بۆلۈم[تەھرىرلەش]

ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق چەكلىمىسى

57. ماددا: ھۆكۈمەتنىڭ قانۇندا كۆرسۈتۈلگەن دائىرىدىن سىرت پۇل سەرپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمما، دۆلەتنى تونۇتۇش ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن باش مىنىستېر پارلامېنتنىڭ قوشۇلىشىدىن ئۆتكۈزۈپ مۇۋاپىق مىقداردىكى مەبلەغنى ساقلاش، خىراجەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. پارلامېنت دۆلەتنىڭ بىر يىللىق خامچوت ۋە راسخوت پىلانىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تەستىقلايدۇ. مۇناسىۋەتلىك مىنىستېرلىك ۋە ئورگانلاردىن ھەر يىلى راسخوتنىڭ چىقىم قىلىنىش ئەھۋالىدىن تەپتىش ھەيئىتى ئارقىلىق ھېساپ ئالىدۇ. تەپتىش ھەيئىتى پارلامېنت ئەزالىرى ئىچىدىن ئاۋازغا قويۇپ سايلاپ چىقىلىدۇ، ھەيئەتلەر 3، 5، 7، 9 ... كىشىدىن تەشكىل قىلىنىدۇ.

58. ماددا: شەرقىي تۈركىستان ھۆۈمىتى ھىچكىمگە ئالاھىدە ئىمتىيازلىق مەنسەپنى ھەدىيە قىلمايدۇ. ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىگۈچى شەخس ياكى پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنتنىڭ رۇخسىتىسىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھىچكىمدىن ھەدىيە ياكى مەنسەپ قوبۇل قىلمايدۇ. ئەمما، دۆلەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتى يۈزىسىدىن بىر قىسىم دۆلەت خادىملىرى، زىيالىلار شەرەپ ئۇنۋانلىرى ۋە خاتىرە بويۇملىرىنى ئېلىش ۋە بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنىدۇ.

ئون ئىككىنچى بۆلۈم[تەھرىرلەش]

59. ماددا: شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسى پارلامېنت تەرىپىدىن ئالاھىدە چىقىرىلغان قانۇنغا ئاساسەن قۇرۇلغان مۇستەقىل ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى، ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە سوت مەھكىمىلىرى ئارقىلىق پائالىيەت قىلىدۇ. سوتچىلار ۋە تەپتىشلەر ئەدلىيە مىنىستېرى تەرىپىدىن ئالىي مەكتەپنىڭ قانۇن فاكۇلتېتلىرىنى پۈتتۈرگەن، خىزمەت تارىخى پاك، خەلق ئىچىدە ئابرويلۇق قانۇنشۇناسلار ئىچىدىن تەيىنلىنىدۇ. سودىيە ۋە تەپتىشلەر بىتەرەپ تۇرۇپ ۋەزىپىلىرىنى ئادىللىق بىلەن بېجىرىدۇ.

60. ماددا: سوتلانغانلار تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ چىقارغان قارارى ۋە ھۆكۈمنامىلىرى ھەققىدىكى نارازىلىق ئەرزلىرىنى يوقۇرى سوت مەھكىمىسى ھىساپلكانغان ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

61. ماددا: شەرقىي تۈركىستان ئەدلىيە سىستېمىسى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن بارلىق قانۇنلارنى بىتەرەپ ئىجرا قىلىدۇ، خەلقارا كېلىشىملەردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپتە تۇرۇپ خەلقارا قانۇنلارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئىش بېجىرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن پۈتۈن قانۇنلارنىڭ تەرەپسىز ھالدا ئەدلىيە تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىشىغا، خەلقارا قانۇنى كېلىشىملەرنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىمزالىغان پۈتۈن خەلقارا قانۇنىي ئەھدىنامىلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇدۇ.

62. ماددا: بارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرى تەپتىشنىڭ قانۇنىي شىكايەتنامىسىگە ئاساسەن بىتەرەپ سوتقا تاپشۇرۇلۇدۇ.

63. ماددا: دۆلەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىش، دۆلەت دۈشمەنلىرىنىڭ ياكى دۆلەتنى ئىشغال قىلغۇچىلارنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۇلارغا ياردەم قىلىش، ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش — ۋەتەنگە ئاسىيلىق جىنايىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ۋەتەنگە ئاسىيلىق جىنايىتى ئەڭ ئېغىر، ئەڭ رەزىل جىنايەت بولۇپ، ئەڭ قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ. ئىككى نەپەر گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بولمىغان ۋە بىتەرەپ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېتراپ قىلىشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھېچكىمنى «ۋەتەنگە ئاسىيلىق جىنايىتى» بىلەن ئەيپلەشكە بولمايدۇ.

64. ماددا: پارلامېنت «ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش» جىنايىتى ھەققىدىكى قارارلارنى تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئون ئۈچىنچى بۆلۈم[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش

65. ماددا: مەزكۈر پارلامېنت ھەرقانداق ۋاقىتتا پارلامېنتنىڭ ئۈچتە ئىككى ئاۋازى بىلەن ئاساسىي قانۇننىڭ دەسلەپكى بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆرتىنچى، بەشىنچى ۋە ئالتىنچى ماددىلىرىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن ماددىلار ئاساسىي قانۇننىڭ قوشۇمچە قىسمىدا ئېنىق كۆرسۈتۈلۈدۇ.

66. ماددا: بۇ ئاساسىي قانۇن ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن تۈزۈتۈلگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانۇنلىرى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تېرىتورىيىسىدە مۇقەددەستۇر. سوتچىلار مۇشۇ قانۇنلار بويىچە ئىش بېجىرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، دۆلەت رەھبەرلىرى، ئەدلىيە خىزمىتى ئىشلەيدىغانلار قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.

67. ماددا: سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى ھەر تۆرت يىلدا بىر قېتىم قۇرۇلتاي ئېچىلىشتىن ئالتە ئاي بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ۋەتەنداشلىرى تەرىپىدىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق سايلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننى ئازات قىلغاندىن كېيىن پارلامېنت سايلىمى ھەر تۆرت يىلدا بىر قېتىم، 11-ئاينىڭ دەسلەپكى ھەپتىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 11-ئاينىڭ 12-كۈنى يېڭى پارلامېنت ئەڭ پىشقەدەم پارلامېنت ئەزاسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قەسەم بىلەن ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. قەسەم مۇراسىمىدىن كېيىن پارلامېنت 14-ماددىغا ئاساسەن پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

ئون تۆرتىنچى بۆلۈم[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى

68. ماددا: ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى — شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان مەخسۇس قانۇنغا ئاساسەن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مەھكىمە قانۇنلارنىڭ، قانۇن ھۆكمى بويىچە چىقىرىلغان قارارلارنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتى نىزامنامىلىرىنىڭ شەكىل ھەم ماھىيەت جەھەتتىن ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدە نازارەت ئېلىپ بارىدۇ.

ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى 11 نەپەر رەسمىي ئەزا، تۆرت نەپەر كاندىدات ئەزادىن تەركىپ تاپىدۇ. ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى ئەزالىرى ئۆز ئىچىدىن بىر كىشىنى ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى باشلىقى، بىر كىشىنى باشلىق ۋەكىلى قىلىپ سايلاپ چىقىدۇ.

69. ماددا: ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى ئەڭ ئالىي مەھكىمە سۈپىتىدە سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە مەلۇم سىياسىي پارتىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىك داۋالاردا جۇمھۇرىيەت باش تەپتىشىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى يازما دوكلاد ۋە تەكلىپىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بۇ ھەقتە قارار چىقىرىدۇ. قارار چىقىرىشتىن ئاۋال، ئۇ پارتىيىنىڭ رەئىسى ياكى رەئىس ۋەكىلىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ھەققىدىكى باياناتىنى ئاڭلايدۇ.

70. ماددا: ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى جۇمھۇرىيەت باش تەپتىشىنىڭ يازما شىكايىتى ۋە پارلامېنتنىڭ تەستىقى بىلەن دۆلەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان دۆلەت رەئىسى، باش مىنىستېر ۋە مىنىستېرلارنى ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇدۇ. ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى چىقارغان قارار كەسكىن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈشكە بولمايدۇ.

71. ماددا: ئۇشبۇ ئاساسىي قانۇن ئون تۆرت بۆلۈم، 71 ماددىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مىلادىيە 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ۋاشىڭتوندا چاقىرىلغان قۇرۇلتايدا پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن ماقۇللاندى ۋە ئېلان قىلىندى. بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ ئۇيغۇرچە نۇسقىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

قوشۇمچە[تەھرىرلەش]

دۆلەت رەئىسىنىڭ قەسىمى[تەھرىرلەش]

دۆلەت رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلەتنىڭ داۋاسىنى، ئىستىقلالىنى ۋە ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ بۆلۈنمەس پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدىغانلىقىمغا، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى مۇداپىئە قىلىدىغانلىقىمغا، قانۇنىي ئاساستا قانۇننىڭ ئالىيلىقىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىمغا، دۆلەتنىڭ شان-شەرىپىنى قوغدايدىغانلىقىمغا، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقىمغا ئۇلۇغ ئاللاھ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئالدىدا ئار-نومۇس ۋە شەرىپىم بىلەن قەسەم قىلىمەن.

پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قەسىمى[تەھرىرلەش]

پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلەتنىڭ داۋاسىنى، ئىستىقلالىنى ۋە ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ بۆلۈنمەس پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدىغانلىقىمغا، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى مۇداپىئە قىلىدىغانلىقىمغا، قانۇنىي ئاساستا قانۇننىڭ ئالىيلىقىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىمغا، دۆلەتنىڭ شان-شەرىپىنى قوغدايدىغانلىقىمغا، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقىمغا ئۇلۇغ ئاللاھ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئالدىدا ئار-نومۇس ۋە شەرىپىم بىلەن قەسەم قىلىمەن.

قارالسۇن[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]