شەھىدە شاھىمەردانوۋا

ئورنى Wikipedia
شەھىدە شاھىمەردانوۋا

Шахида Шаймарданова

Shehide Shahimerdanova
تۇغۇلغان ۋاقتى1938، قەشقەر، شىنجاڭ ئۆلكىسى
ۋاپاتى2020، تاشكەنت، ئۆزبېكىستان
مىللىتىئۇيغۇر
دۆلەت تەۋەلىگىئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى
كەسپىكومپوزىتور


شەھىدە شاھىمەردانوۋا (1938، قەشقەر ― 2020، تاشكەنت، كرىل ئۇيغۇر: Шаһидә Шәймәрданова، ئۆزبېكچە: Шахида Шаймарданова)، ئۆزبېكىستانلىق داڭلىق ئۇيغۇر مۇزىكانت، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى تۇنجى كەسپىي ئايال كومپوزىتور[1].

شەھىدە شاھىمەردانوۋا ئۆزبېكىستان مۇزىكا ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مۇزىكا ساھەسىدىكى تۇنجى ۋە مول ھوسۇللۇق ئايال كەسپىي كومپوزىتور بولۇپ، ئۇ ئاتا - ئانىلىرى بىلەن بىرگە ئۆزبېكىستانغا 1950 - يىللاردا كۆچۈپ چىقىپ، ئورۇنلىشىپ، مۇزىكا ئىلمىي بويىچە مۇزىكا ئىنىستىتۇتلىرىدا ئوقۇپ، ئەتراپلىق يېتىشكەن[2].

ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە نەچچىلىگەن سىنفونىيەلەر ۋە باشقا يۈزلىگەن مۇزىكا ئەسەرلىرى، ناخشا ئاھاڭلىرى مەنسۇپتۇر.

شەھىدە شاھىمەردانوۋادەك ئۇيغۇر ئايال كومپوزىتورلىرى تېخى ئۇيغۇرلار دىيارىدىمۇ يېتىشىپ چىقمىغان.

شەھىدە شاھىمەردانوۋا ئۆزبېك مۇزىكىچىلىقىدىكى بايراقدارلاردىن بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى رەتلەش، ئۇنى ئۆزبېكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ ھەسسە قوشقان. ئۇنىڭ«شەرق ئايالى»، «سەلەي چاققان» مۇزىكىلىق كومېدىيەسى، «مۇھەببەت ناۋاسى» مۇزىكىلىق تارىخىي دراماسى، 100 دان ئارتۇق ناخشا ئىجادىيەتلىرى بار[1][2].

شەھىدە شاھىمەردانوۋا 1960-1980-يىللىرى ئارىسىدا ئۆزبېكىستان رادىئو كومىتېتى قارمىقىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل ئانسامبىلى شۇنىڭدەك ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى قايتىدىن رەتلەش، نوتىغا ئېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىدىكى يېتەكچىلەردىن ئىدى.

ئۇ، پەقەت ئىجادىيەت بىلەنلا شۇغۇللانماستىن ئۆزبېكىستاندا كۆپلىگەن يېڭى ئەۋلاد مۇزىكانتلارنى تەربىيىلىگەن.

ئۇنىڭ ئۆزبېكىستان ئۈچۈن ئىجاد قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك مەزمۇنىدىكى « ئۆزبېكىستان جاھانىم» ناملىق ناخشىلىرى ئۆزبېك خەلقى قەلبىگە چوڭقۇر ئورۇنلاشقانىدى.

ئۇنىڭ نامى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇزىكا ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك تەسىر قوزغىغان.

شەھىدە شاھىمەردانوۋا ئۇيغۇر-ئۆزبېك ئىككى قېرىنداش خەلقنىڭ ئورتاق نامايەندىسىدۇر.

شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئۇيغۇر خەلقى ، ئۇيغۇر مىللىتى ئۆز دىنى ئېتىقادىنى چىڭ قوغدىغان ۋە راۋاجلاندۇرغان شۇنىڭدەك مىللىي ئاڭ ۋە مىللىيلىكنى دىنىي ئېتىقاد ۋە دىنىي كىملىك بىلەن بىرلەشتۈرەلىگەن قەدىمىي ۋە زامانىۋى بىر مىللەتتۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ، جۈملىدىن ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيىتىگە، سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى بىردەك يۇقىرى باھالانغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئارىدىن، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدىن كۆپلىگەن مەدەنىيەت، سەنئەت ، دۆلەت ۋە ئىلىم - پەن نامايەندىلىرى يېتىشىپ چىققان. ھەتتا 16 - ئەسىردىكى سەئىدىيە دۆلىتى دەۋرىدە ئاماننىسا خاندەك مۇزىكانتلار يېتىشىپ چىقىپ، ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىگە شانلىق تۆھپە قوشقانىدى. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە مىللىي كىملىكى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى شانلىق ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەت كىملىكى، سەنئەت كىملىكى بىلەن مەركىزىي ئاسىيا خەقلىرى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل كىملىكلىرى بىلەن خىتاي مەدەنىيىتى، خىتاي سەنئىتىدىن ئاسمان-زېمىن پەرقلەرگە ئىگىدۇر. ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن تارتىپ، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن بۇيان سەنئەت،مۇزىكا ۋە باشقا ھەر خىل مەنىۋى مەدەنىيەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ سەرپ قىلدى. ھېچقاچان دىن بىلەن سەنئەت ۋە مەدنەئىيەتنى توقۇنۇشتۇرمىدى. تارىختا ئۆتكەن بۈيۈك ئالىملار ۋە مۇتەپپەكۇرلار، مەسىلەن ئەبۇ ناسىر فارابى، مەخمۇت قەشقەرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋايى، بۈيۈك خاقانلار سۇلتان سەيىدخان، سۇلتان ئابدۇرەشىت خان ۋە باشقىلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە سەنئەتنى چىڭ دىلىدىن قەدىرلىگەن ھەم قوللىغانىدى. ھەتتا قالۇننىڭ فارابى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغانلىقىمۇ قەيت قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ خىل ئىلغارلىقلىرى مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا ئىلگىرىدىنلا ھۆرمەتكە ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشىپ كەلدى[2].

شەھىدە شاھىمەردانوۋا ئەنە شۇ ئەجدادلاردىن، جۈملىدىن ئاماننىساخان قاتارلىقلاردىن مىراس بولۇپ قالغان تەۋەرۇك 12 مۇقامنى قۇتقۇزۇش، رەتلەش، نوتىلاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا ئۆزىنىڭ زور ھەسسىسىنى قوشقان.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. 1.0 1.1 Памяти Шахиды Шаймардановой، ئۇلىنىش: 2022-03-14
  2. 2.0 2.1 2.2 نەبىجان تۇرسۇن، تۇنجى ئۇيغۇر ئايال كەسپى مۇزىكانتى – شەھىدە شاھىمەردانوۋا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، ئۇلىنىش: 2022-03-14