Jump to content

قارامۇچ

ئورنى Wikipedia

قارامۇچ بولسا ئۆسۈملۈك قارىمۇچنىڭ مېۋىسى بۇلۇپ، يۈرەكنى قوزغۇتۇش،تېرىنى قىزارتىش ۋە چاچ ئۆستۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

قارامۇچ
ئۇيغۇرچە نامى قارامۇچ
ئەرەبچە نامى فىل فىل ئەسور
ئوردۇچە نامى فىلفل گردە. كالىي مورچ
شەكلى يۇمۇلاق
تەمى ئاچچىق
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئاخىردا قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黑胡椒
پارسچە نامى فىلفىل سىيا، مىروچە سىيا فىلفل گردە. كالىي مورچ
تونۇش ئۆسۈملۈك قارىمۇچنىڭ مېۋىسى
جىسمى سىرتقى يۈزى قارامتۇل، پۇراقلىق
ۋاقتى مېۋە بېرىش ۋاقتى 10–ئايدىن ئىككىنچى يىلى4– ئايغىچە

ھەققىدە

[تەھرىر]

قارامۇچ بولسا  قارامۇچ ئائىلىسىدىكى ئۇزۇنلىقى بەش مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدىغان ياغاچ غوللۇق، كۆپ يىللىق پىلەكلىك ئۆسۈملۈك قارىمۇچنىڭ مېۋىسى بۇلۇپ، يۇمۇلاق سىرتقى يۈزى قارامتۇل، پۇراقلىق، قارىمۇچ ئەسلىدە شەرقى جەنۇبىي ئاسىيادىن چىقاتتى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، خېنەن، فۇجيەن،تەيۋەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىنمۇ چىقىدۇ.

خۇسۇسىيىتى

[تەھرىر]

ھۆل سوغۇق كەيپىياتنى، غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلتنى تەڭشەش، تەرلىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، بەلغەم بوشۇتۇش، پەي – مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، چىراينى پارقىرىتىش بەدەننى قىززىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىسسىق ياندۇرۇش، يۈرەكنى قوزغۇتۇش،تېرىنى قىزارتىش ۋە چاچ ئۆستۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

[تەھرىر]

خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورا.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

[تەھرىر]

1. تارتىشىپ قېلىشقا قارشى تەسىرى بار.

2. تىنچلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.

3. قارىمۇچنىڭ سۇ ياكى ئىستر ياكى ئىسپىرت بىلەن ئېلىنغان ماددىسى چوڭ چاشقانغا قىلىنغان تەجرىبىدە تاسما قۇرتىنى چۈشۈرۈش تەسىرىنى بەرگەن.

4. ئاز مىقداردا ئىشلەتسە ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

[تەھرىر]

مېۋىنـىـڭ تـەركـىـبـىـدە قـارىـمـۇ ئىشـقـارى پېپـرىن (Piperin)كاۋىتسىن (Chavicine) ، پىپرانىن (Piprolene)، پىپرىلىسىن، (Pipryline)، پىپرولېئىن (Piprolene)،ئۇچۇچان ماي قاتارلىقلار بار.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

[تەھرىر]

1. قارامۇچنى سوقۇپ تالقىنىنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ يالاپ بەرسە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. قارامۇچنى ۋاسالغۇ بىلەن قوشۇپ چايناپ بەرسەمېڭە ۋە ئاشقازاننىڭ ھۆللۈكىنى قۇرۇتىدۇ.

3. قارىمۇچنى كۆكنار پوستى بىلەن قوشۇپ گولاپقا قاينىتىپ سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقىسا چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. ياكى قارىمۇچنى گولاپتا ئېرىتىپ چىشقا چاپسىمۇ چىش ئاغرىقىنى يوق قىلىدۇ.

4. قارىمۇچنى سىركىدە ئېزىپ تال ساھەسىگە چاپسا تالدىكى ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.

5. قارىمۇچنى تالقان قىلىپ شىكەر ۋە سۈت بىلەن قوشۇپ يىسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

6. قارىمۇچنى يۇمشاق سوقۇپ، توخۇ يېغى، ماش ئۇنى، نۇقۇت ئۇنى قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ بەدەندىكى ئاق كېسەل بار ئورۇنغا چاپسا پايدا قىلىدۇ.

7. قارىمۇچ ۋە توغرىغىنى سوقۇپ سىيادان يېغىدا مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا يەھەقنى يوقىتىدۇ.

8. قارىمۇچنى تالقان قىلىپ پىياز ۋە تۇز بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا چاچ ئۈندۈرىدۇ. تاماققا سېلىپ ئىشلەتسە بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

دورىلىق ئورنى

[تەھرىر]

ئۆسۈملۈك مېۋىسى

مىقدارى

[تەھرىر]

3 – 5 گرامغىچە

ئورۇنباسارى

[تەھرىر]

ئاق مۇچ، زەنجىۋىل، پىل پىل

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

[تەھرىر]

ماددە تۇلھايات، بەرششا

كېسەللىك مىسالى

[تەھرىر]

ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىم ئاجىزلىقى، باش ئاغرىقى، قورساق ئېسىلىش، يۆتەل، نېرۋا ئاجىزلىقى، چىش ئاغرىقى، تال ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئالبۇم

[تەھرىر]

مەنبەلەر

[تەھرىر]