كارۋاننىڭ نەسلى ۋە كېمىچىنىڭ پۇشتى
-ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەرقى ۋە ئوخشاشلىقى ھەققىدە سېلىشتۇرما ئويلار
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
«ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار» نىڭ داۋامى ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇلارنىڭ پەرقى ھەققىدە «ئامېرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بەرگەننى يامان كۆرەمدۇ؟» ۋە «ئوتنىڭ تېشىدا ۋە سۇنىڭ قېشىدا» دېگەن خاتىرىلىرىمدە توختالغان ئېدىم. بۇندىن باشقا يازمىلىرىمدىمۇ پەرقلەر ھەققىدە ئانچە مۇنچە مۇلاھىزىلىرىمنى قىستۇرۇپ ئۆتكەن ئېدىم. بۇ قېتىم بۇ ھەقتا ئايرىم مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش زۆرۈرىيىتىنى دوستلار بىلەن قىلغان سۆھبەتتىن ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ يازغان خەتلىرىدىن ھىس قىلىپ بۇ ھەقتە قايتا قولۇمغا قەلەم ئالدىم. ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇلارنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە رۇشەن پەرقلىرى مەۋجۇد. بۇ پەرقلەرنىڭ بەزىلىرى جۇغراپىيىلىك شارائىت بىلەن، بەزىلىرى ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئوخشىماشلىقى بىلەن، يەنە بەزىلىرى تارىخى كەچۈرمىش ۋە تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاشلىقى بولسا ھەممىمىزنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىمىز ۋە بەزى تارىخى كەچمىش ۋە رىيال ھالەتلىرىمىزدىكى ئوخشىشىپ قېلىش قاتارلىقلارغا باغلىق بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇلارنى يېزىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ئامېرىكىلىقلارنى چوڭ كۆرۈپ ئۇلاردىن ئۆگىنىشنى ياكى ئۆزىمىزنىڭكىنى قالپايتىپ كۆرەڭلىك قىلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمۇدۇم. مەن پەقەت ئۆزەم ئوبدان بىلىدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلار ھەققىدىكى سېلىشتۇرما ئويلۇرۇمنى باغىرلارغا تۆكمەكچى. مەن بۇ يەردە يېزىۋاتقان ئامېرىكىلىقلار ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ۋە ئافرىقىدىن ئامېرىكا قۇرۇقلىقىغا كۆچۈپ كېلىپ بۈگۈنكى ئامېرىكا جەمئىيىتىنى تەشكىل قىلغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاۋۋال گەپنى ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەرقىدىن ئاڭلىغايسىزلەر.
دېڭىزچىلىق ئەنئەنىسى ۋە باغ-دالا يوسۇنى
ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم رىياللىققا ئايلانغاندىن كېيىن قايسى شىتاتتىكى قايسى مەكتەپنى تاللاش ھەققىدە كۆپ باش قاتۇردۇم. مەن تاللىغان مەكتەپتە تىلنىڭ ئىجتىمائىي رولى، سىياسى ئورنى، تىل بىلەن مائارىپنىڭ مۇناسىۋىتى، تىل بىلەن ئىجتىمائىي تەبىقىنىڭ مۇناسىۋىتى، تىل بىلەن ئۆرپ- ئادەتنىڭ مۇناسىۋىتى، تىلنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە مەدەنىيەت ئىزچىللىقى قاتارلىق ساھەلەردە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلار بولۇشى كېرەك ئېدى. ئۇندىن باشقا مەن تاللىغان مەكتەپ يېڭى كۆچمەنلەر ۋە ساياھەتچىلەر ئاز شەھەردە بولۇشى كېرەك ئېدى. بۇنداق بولغاندا مەن بىر قەدەر تىپىكرەك بولغان ئامېرىكا مەدەنىيىتىدىن بەھىرلىنەلەيتتىم، ھەقىقى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئورتاق بولغان چۈشەنچە، پوزىتسىيە ۋە كەيپىياتلىردىن زوق ئالالايتتىم. شۇڭا ۋاشىڭتوندىكى، نىيويوركتىكى دوستلۇرۇمنىڭ شۇنچە تەۋسىيىسىگە قارىماي يۇقارقى ئۆلچەملىرىمگە ماس كېلىدىغان ئوخايو ئۇنۋېرىستىتى، پىنسىلۋانىيە ئۇنۋېرىستىتى ۋە كانزاس ئۇنۋېرىستىتىنى تاللىغانىدىم. ئارزۇلىغىنىمدىكىدەك مېنى قوبۇل قىلغان كانزاس ئۇنۋېرىستىتى جايلاشقان شەھەر كىشىلىرى ئەنئەنىچى، دىندارلىققا مايىل، تىنچ، ئازادە بولۇپ چىقتى. دەسلەپتىلا كۆزۈمگە چېلىقىپ مېنى قىزىقتۇرغىنى كىشىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىلىرىغا توختۇتۇپ قويۇلغان قولۋاقلار، يوغان دەرەخلەرنىڭ ئۈستىگە قوندۇرۇلغان كاتەكتەك كىچىك ئۆي ۋە ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىگە سېلىنغان «تۇل كەپىسى» دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك بالىخانا بولدى. ئېنگىلىزچىدە قولۋاق، كىمە، پاراخوت دېگەن سۆزلەرگە ئاياللىق تۈسى بېرىلىپ ئامراقلىق ۋە شەيدالىق بەكمۇ ھىسسىياتلىق ئىپادىلىنىدىكەن.
دائىم تەييار تۇرۇدىغان قولۋاق، «تۇل كەپىسى» بىلەن دەرەخ ئۈستىگە سېلىنغان كاتەكسىمان ئۆينى ئامېرىكىلىقلار دېڭىزچىلىققا باغلاپ چۈشەندۈرىشىدىكەن. بۇلارنى بۇ يەرگە ياۋرۇپا كۆچمەنلىرى ئامېرىكىغا يەرلىشىپ ياشاش جەريانىدا ئومۇملاشتۇرغانىكەن. تونۇشلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە ئېرى دېڭىزغا بېلىق تۇتقىلى كەتكەن شىمالىي ياۋرۇپالىق ئاياللار ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدىكى كىچىك كەپىگە چىقىپ ئۇزاقلاردىكى ئېرىنى ساقلايدىكەن. بەزى تەلەيسىزلەرنىڭ ئېرى دېڭىزغا بىر كەتكەنچە قايتىپ كەلمەيدىكەن. بىچارە ئاياللار ئەرلىرى بىر چاغلاردا كېلىپ قالىدىغاندەك تۇيغۇدا كۈن كۈنلەپ ئاشۇ كەپىدە ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن. شۇڭا بۇ ئۆيلەر تۇل كەپىسى دەپ ئاتىلىپ قالغانىكەن. دەرەخ ئۈستىگە سېلىغان كاتەكسىمان ئۆيلەرمۇ ئەسلى كىشىلەرنىڭ دېڭىزنى كۆرۈش ئېھتىياجى ئۈچۈن سېلىنغانىكەن. ئامېرىكىغا بارغان دەسلەپكى بىر نەچچە ھەپتىدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ دېڭىزغا قانچىلىك ئىشتىياقى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر قانچە ئىشقا شاھىد بولدۇم.
لاۋرېنىس دېگەن بۇ شەھەر دېڭىزدىن يىراق بولغاچقا يازدا سۇغا چۈمۈلۈپ، ئاپتاپقا قاقلىنىپ كۆنگەن ئامېرىكىلىقلار بۇ يەرگە بىر چوڭ كۆل بەرپا قىلىپ ئۇنىڭغا دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پېرىزدېنت بىل كېلىنتوننىڭ نامىنى بېرىشىپتۇ. چۈنكى كانزاس گەرچە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، ئەتراپىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ تەرەپتار شىتاتلىرى كۆپ بولۇشىغا قارىماي دېموكراتلار پارتىيىسىنى قوللايدىغانلار كۆپ سانلىق شىتات ئىكەن. (شۇ سەۋەپتىنمىكىن بىزنىڭ مەكەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھازىرلانغان ھەقسىز گېزىتلەر ئىچىدە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسلىرىغا مايىل «نىيويورك ۋاقتى گېزىتى» بار، ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەرگە مايىل «ۋاشىڭتون پوچتا گېزىتى» قويۇلمىغان ئېدى). كىشىلەر ئارام كۈنلىرى كۆل ئەتراپىغا قولۋاقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چىدىرلىرىنى تىكىشىپ كۈندۈزلىرى ئاپتاپقا قاقلىنىپ سۇغا چۈمۈلسە، كېچلىرى سالقىنلاپ كۆل مەنزىرىسىنى تاماششا قىلىدىكەن. ئۆيلىرىدە سۇ كۆلچىكىنىڭ بولۇشى قېرى ياش لاۋرېنسلىقلارنىڭ بولۇپمۇ بالىلارنىڭ بەك كۈچلۈك ئارزۇسى ئىكەن. قىش كۈنلىرى ئۈچۈن مەخسۇس زاللىق كۆلچەكلەر ياسالغان بولۇپ ھەر ئاينىڭ تۇنجى جۈمە كۈنى بالىلار ئۈچۈن ئەڭ ئەرزان مۇلازىمەت قىلىدىكەن.
لاۋرېنستىكى پۇلللۇق كىشىلەرنىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردە مەخسۇس ئۆيلىرى بولىدىكەن. تەتىل كۈنلىرى ۋاقتىنى شۇ ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزىشىدىكەن. ماڭا قىزىقارلىق تۇيۇلغىنى بۇ كىشىلەرنىڭ يازدىكى ئىككى ئۈچ ئايلىق راھەت ئۈچۈن دېڭىز بويىدىن مەخسۇس ئۆي سېتىۋېلىشى بولدى. بەلكىم دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردە يازدا مېھمانخانىلار بەك بېسىق بولۇپ كەتسە كېرەك. ياكى مېھمانخانىدا ياتقاندىن ئۆز ئيىدە تۇرۇش راھەت بولغاچقا شۇنداق قىلىنىدىغان بولۇشى مۇمكىن. يازلىق تەتىلدە مەكتىپىمىز ۋە يەنە بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بۇ شەھەر قۇرۇق شەھەرگە ئايلىنىپ قالاتتى. ئوقۇغۇچىلار تەتىللىك ئارام ئېلىش ۋە ئىشلەشكە شەرقى ۋە غەرىبى قىرغاقتىكى دېڭىز بويى شەھەرلىرىگە كېتىپ قېلىشاتتى. ئوقۇتقۇچىلار دېڭىز بويلىرىغا ئارامغا كېتىشكەچكە يازلىق تەتىللىك دەرسلەرنىمۇ ئاساسەن ئاسپىرانتۇرىيەلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆتەتتى.
ئامېرىكىلىق قىز ئاياللاردىكى ئاپتاپقا قاقلىنىپ تېرىسىنى بۇغداي ئۆڭ قىلىش ئادىتىمۇ بۇلارنىڭ دېڭىزچىلىق ئەنئەنىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تېلۋىزورلاردىن تېرىسىنى بۇغداي ئۆڭ قىلماقچى بولغان قىزلارنىڭ تۈرلۈك سۈنئىي ئۇسۇللارغا مۇراجەت قىلىپ ھاياتىنى تەھلىكىگە قويغىنى مېنى تاڭ قالدۇرى. قارىغاندا ئاپتاپقا قاقلىنىش، قىزارغان، كۆيۈپ بۇغداي ئۆڭ ھالەتكە كەلگەن تېرىنى ساغلام بىلىپ ھەۋەس قىلىش ئۇلارنىڭ ئۇزاق مەزگىل دېڭىز بويىدا ياشىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. ھەيكەلتاراشلىق، رەسساملىق قاتارلىق ئىنساننىڭ جىسمانى گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەشنى ئوبىكىت قىلغان سەنئەتنىڭ ياۋرۇپالىقلار ۋە ياۋرۇپالىق كۆچمەنلەر بەرپا قىلغان دۆلەتلەردە ئەۋج ئېلىشى ۋە قارشى ئېلىنىشى بۇلارنىڭ دېڭىزچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، بىپايان دېڭىزدىن ھوزۇرلىنىش، دېڭىزغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىش تەبىئىي ھالدا يالىڭاچلىقنى تەقەززا قىلىدۇ. يالىڭاچ بەدەننى ئوبىكىت قىلغان رەسساملىق ۋە ھەيكەلتاراشلىقنىڭ دېڭىز بويلىرىدا يالىڭاچ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن ياۋۇرپالىقلاردا شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكى ئەقىلگە ئۇيغۇن، ئەلۋەتتە.
نە ئۇچى، نە چېكى يوق قۇملۇقلارنى شېھىدلەرنىڭ ئۆلمەس روھىدەك توغراقلار، يۇلغۇنلار، جىگدىلەر بىلەن ئىھاتىلەپ، يازلىرى يايلاقلاردا ئات چاپتۇرۇپ، قىشلىرى كۆجۈم مەھەللىلەردە مەشرەپ گۈلخانلىرى بىلەن قەھرىتان تۈنلەرنى يورۇتۇپ ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردا ئامېرىكىلىقلارنىڭ دېڭىزچىلىق ئەنئەنىسىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان يوسۇن شەكىللەنگەن. بىپايان يايلاق، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇق ۋە دەريا ئېقىنلارنى بويلاپ مارجاندەك تىزىلغان بوستانلىقلارنى ماكان قىلغان ئۇيغۇرلار يۇقارقى تەبىئىي شارائىتلارغا ماس ئىگىلىك شەكللىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇيغۇرلاردا چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك، دېھقانچىلىق، ئوۋچىلىق قاتارلىق ئىگىلىك شەكىللىرىنىڭ تەڭلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تىپىك تېرىمچى مىللەتلەردىن پەرقلەندۈرگەن. شۇڭا ئۇيغۇر ئەجداتلىرى قۇرغان كۆك تۈرك خانلىقى، ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى (ئېنگىلىزچە ۋە تۈركچە مەنبەلەردە ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى دەپ ئېلىنىدۇ)، قاراخانىلار خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى (قەدىمكى ئۇيغۇر مەنبەلىرىدە ئۇلۇق ئۇيغۇر ئېلى دەپ يېزىلغان) قاتارلىقلاردا قىشلىق ئاستانە ئىكىنلىكلەر بىلەن قۇرشالغان شەھەرلەردە، يازلىق باشكەنت يايلاقلاردا بولۇشتەك ئەنئەنە شەكىللەنگەن. بۇ ئەنئەنە ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋۇچىلىق بىلەن دېھقانچىلىقنى ئورتاق ئىگىلىك شەكلى قىلغانلىقى بىلەن مۇناىسۋەتلىك. ھېلىمۇ غۇلجا، چۆچەك، بورتالا ئۇيغۇرلىرىدا يازنى يايلاقتا، قىشنى شەھەردە ئۆتكۈزۈش ئەنەئەنىسى بار. ئۇيغۇرچىمىزدىكى يايلاق سۆزىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا يايلاق يازلاق (يازلايدىغان يەر) كەلىمىسى بىلەن ئوخشاش مەنىدە ئېدى. ئۇيغۇرچىمىزدىكى ئېكىنزار، كەنت دېگەنلىك قىشلاق(قىشلايدىغان يەر) دەپ ئىپادىلىنەتتى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يازنى يايلاقتا يايراپ، قىشنى شەھەر- يېزىدا قىشلاپ ياشىغان ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا تېرىمچى مىللەتلەرنىڭ تەتۈرىسىچە ئاتقا، گۆشكە ئالاھىدە ھېرىسمەنلىكىمۇ ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى ئارىلاشما ئىگىلىك شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن تۈرلۈك چەك ۋە پەرھىزلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ باغ- دالا تۇرمۇشىغا خاس يوسۇنى ۋە ئاتا بوۋىلاردىن مىراس ھېكمەتلەر چوڭقۇر تامغا باسقان. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ داستىخانغا قۇرۇق، يۆل يەل يىمىشلەردىن پار كەلتۈرۈپ تىزىشلىرىغا، تاماقلارنىڭ قويۇق سۈيۈقلىقىنىڭ مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ تارتىلىشلىرىغا ئەجدادلارنىڭ مىھمانلارنىڭ زوق ئىشتىياقىغا، مىجەز خۇسۇسىيەتلىرىگە، تاماقلارنىڭ سىڭىشلىك سىڭىشسىزلىكلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى سىڭگەن. يىپەك يولى بويىدا نەچچە ئون ئەسىر سارايۋەنلىك قىلغان خوجايىن مىللەتتىلا بۇنداق مول داستىخان ھازىرلاش يوسۇنى ۋە يىمەكلىكنىڭ خۇسۇسىيىتى بويىچە تىزىش ۋە يىيىش ئىلمىيلىكى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆل كولاپ ئەتراپىغا سۆگەت قويۇشىغا سۇغا چۈشكەن سۆگەت يوپۇرمىقىنىڭ سۇنى تازىلاش خۇسىسىيىتى نەزەرگە ئېلىنغان. سۇنى كۆلگە باشلاپ ئىچىشىگە قاتتىق سۇنى يۇمشۇتۇپ ئىچىشتەك ئىلمىيلىك يوشۇرۇنغان ۋە سۇ مەنبەسىنىڭ تۇراقلىق بولماسلىقىغا بولغان ھۇشيارلىق ئەكىس ئەتكەن. بۇلار تەكلىماكاندەك دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ كۆچمە قۇملۇقنى توسۇن ئاتنى بويسۇندۇرغاندەك قولىغا ئۆگىتىپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ۋە شەرقى ئاسىيانىڭ ئېكىلوگىيلىك تەڭپۇڭلىقىنى تارىختىن بۇيان ھەقسىز قوغۇداپ تەڭشەپ كەلگەن مىللەتتە بولىدىغان پاراسەت. سۇنى «خارلىقىغا قالىمىز» دەپ ئىسراپ قىلماسلىق يوسۇنىغا دىيارىمىزدىكى سۇ كەملىك سەۋەپ بولغان. ئېقىن سۇغا تۈكۈرمەسلىك، تەرەت قىلماسلىق، ئەخلەت تۆكمەسلىك قاتارلىق ئۇدۇملىرىغا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ سۇ ئارقىلىق تاراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك تىببىي بىلىم مۇجەسسەملەنگەن. يازلىرى سۇغا چۈشۈپ ئاپتاپقا قاقلانماسلىقىغا يۇرتىمىزدا ياز كۈنلىرى ئولتۇرا بىنەپشە نۇرنىڭ ئىنسانغا زىيانلىق ئىكەنلىكىگە بولغان تونۇش ئىپادىلەنگەن. ئېرىق ئۆستەڭ ۋە يول بويلىرىغا كۆچەت قويۇشى، ئۆي سېلىشتىن بۇرۇن ئەتراپقا كۆچەت قويۇشى يۇرتىمىزنىڭ قۇم بوراننىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تەدبىرنىڭ ئىپادىسى. ئۈجمىنى شەخسى باغقا ئەمەس ئىشىك ئالدىغا، يول بويلىرىغا قويۇش، يوللارغا كۈپتە مۇزدەك سۇ قويۇپ قويۇشلارغا ئۇيغۇرلاردىكى تەبىئەتكە بولغان مۇھەببەت، غېرىپ مۇساپىرلارغا بولغان خالىس يارىدەم، بارلىق ئىنسان ئەۋلادىغا بولغان مىننەتسىز سۆيگۈ سەۋەب بولغان.
دېڭىزنىڭ جىمجىتلىقى، رەھىمسىزلىكى، پايانسىزلىقى؛ قولۋاقلىق بېلىق تۇتقاندىكى يالغۇزلۇق ئامېرىكىلىقلارغا ئۆزىگە پۇختا بولۇشنى، ھەر قانداق مۇشكۈلاتقا يۈزمۇ يۈز تاقابىل تۇرۇشنى، ھەرقانداق تەھدىتكە ئوچۇق بولۇشنى، سۆيگۈ ۋە نەپرەتنى ئالەمگە كۈندەك ئاشكارىلاشنى ئۆگەتكەن بولسا، چېكى يوق قۇملۇق، پايانسىز يايلاق، قاشاسىز باغلار ئۇيغۇرلاغا چېكى يوق سۆيگۈنى، بەدەلسىز بېغىشلاشنى، ھەرقانداق مۈشكۈلاتنى مېھىر ئىچىدە ئېرىتىۋېتىشنى ئۆگەتكەن. ئامېرىكىلىقلار سۆيگۈنى، مەھلىيالىقنى ۋە گۈزەللىكنى شەكىلدە ئىپادىلەشكە كۆنگەن بولسا، ئۇيغۇرلار ئۇنى مىننەتىسز ھەرىكتىگە ئۈنسىز سىڭدۈرىۋېتىشنى ئۇدۇم قىلغان. ئامېرىكىلىق ئۈچۈن گۈزەللىك تۇتۇپ ھوزۇرلانغىلى، كۆرۈپ بەھىرلەنگىلى بولىدىغان مەۋجۇدىيەت بولغان بولسا ئۇيغۇر ئۈچۈن گۈزەللىك دىلدىنلا ئورۇن ئېلىپ تىلغا سىغمايدىغان، تۇتسا توزۇپ، ئۆپسە ئۆچۈپ كېتىدىغان پىنھانلىق- مەۋھۇمىيەت بولۇپ تۇيۇلغان. ئەلۋەتتە، بۇ پەرقلەرنى شەكىللەندۈرگەن ئامىللار ئىگىلىك شەكلى ۋە تەبىئىي موھىتقىلا باغلىق ئەمەس.
ئالدىنقى: مېھماندوست ئۇيغۇلار ۋە تۆرنى بەرمەس ئامېرىكىلىقلار
كـىيىنكى: مەھكۇم چېچەك، مەزلۇم خەمەكلەر