كاۋاۋىچىن
كاۋاۋىچىن يەل ھەيدەش، يەل تارقىتىش، قورۇش، تۇتۇش، چىڭىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش ھەزىمنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بىر خىل مۇچ تىپىدىكى ئۆسۈملۈك.

|
|
ھەققىدە
[تەھرىر]كاۋاچىچىن ئۆسۈملۈكىنىڭ مېۋىسىنىڭ پوستى، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى «كابابە خەندان» «كاۋاۋى چىنى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئائىلىسى
[تەھرىر]سوزاپ ئائىلىسىدىكى كىچىك ياغاچ غۇللۇق كاۋاچىچىن ئۆسۈملۈك.
چىقىش ئورنى
[تەھرىر]ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەم ھىندىستان، ياۋرۇپا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
شەكلى
[تەھرىر]مېۋىسىنىڭ كۆپىنچىسى يەككە ئۆسكەن بولۇپ، تېشى بىنەپشە رەڭدە، كۆپ ساندا تارقاق سۆگەلسىمان كۆتۈرلۈپ چىققان ماي نۇقتىلىرى بار.
دورىلىق ئورنى
[تەھرىر]مېۋىسىنىڭ پوستى.
ئۈنۈملۈك تەركىبى
[تەھرىر]كەبابى خەنداننىڭ تەركىبىدە %1~%9 ئۇچۇچان ماي بار. مېيىنىڭ ئاساسى تەركىبى لىمۇننىن (Limonene) كونىكالىكوھول
(cunicalcohoc) گىرانىئول(Graniol) دىن ئىبارەت.
كېسەللىك مىسالى
[تەھرىر]چىش ئاغرىقى، ئېغىز پۇراش، ھەزىم ناچارلىشىش، يۈرەك، مېڭە ئاجىزلىقى، ئاشقازان جىگەر كېسەللىكلىرى ئىستىرخا سوغۇق يەل كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
خۇسۇسىيەتلىرى
[تەھرىر]ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىش، چاچنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان جىگەرنى قۇۋۋەتلەش يەل ھەيدەش، يەل تارقىتىش، قورۇش، تۇتۇش، چىڭىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش ھەزىمنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتى بار.
خاس تەسىرى
[تەھرىر]ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش.
ئورۇنباسارى
[تەھرىر]ئاقىر قەرھا، كابابە
ئەكىس تەسىرى
[تەھرىر]دوۋساققا زىيانلىق، يانپاش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى
[تەھرىر]نىلۇپەر، مەستىكى، سەندەل، قىزىلگۈل
ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى
[تەھرىر]زەرۇرى قىلائى
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
[تەھرىر]گىرانسولنىڭ كىچىك دورىسى چوڭ چاشقاننىڭ ئۆزلىگىدىن ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى تورمۇزلايدۇ. چوڭ مىقدار دىكىسى ئۈچەي ھەرىكىتىنى تورمۇزلايدۇ. ئۆلتۈرۈش مىقدارىغا بارغاندا ئىچىنى سۈرىدۇ. ئاز مىقداردا ئىچكۈزسە چوڭ چاشقان يەڭگىل دەرىجىدە سىيىدۇ. كۆپ مىقداردا ئىچكۈزسە سۈيدۈك تورمۇزلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
[تەھرىر]1.موزا 3 گرام، كاۋاۋىچىن 2 گرام ئىلىپ، سوقۇپ سۇپۇپ تەييارلاپ چىش ئاغرىقىغا زىماد قىلسا چىش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
2.كاۋاۋىچىننى قايناقسۇغا چىلاپ، سۈزۈپ سۈيىدە غەر-غەر قىلسا ئېغىز پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .
3.كاۋاۋىچىن كۇندۇر، مەستكى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ، سۇپۇپ تەييارلاپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە ئاشقازان يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مىقدارى
[تەھرىر]2~3 گىرامغىچە
يىغىش ۋە ساقلاش ئۇسۇلى
[تەھرىر]مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋىلىنىپ، قورغاق جايدا ساقلىنىدۇ.
ئالبۇم
[تەھرىر]-
كاۋاۋىچىن دەرىخى ۋە مېۋىسى
-
كاۋاۋىچىننىڭ شاكلى ۋە مېۋىسى
-
كاۋاۋىچىن دەرىخى
-
كاۋاۋىچننىڭ چېچەكلىشى
-
كاۋاۋىچىن سېلىنغان تاماق
-
قاچىلانغان كاۋاۋىچىن تالقانلىرى
-
كاۋاۋىچىننىڭ پىشقان ۋاقىتلىرى
-
كاۋاۋىچىن دەرىخى