كيوتو كىلىشىمنامىسى

ئورنى Wikipedia


كېلىشىمنامىنىڭ كېلىپ چىقىشى[تەھرىرلەش]

ب د ت(بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) كىلىمات ئۆزگىرىش رامكا ئەھدىنامىسى دائىرىسىدە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كىتىش ۋە كېلىمات ئۆزگىرىش ھادىسىلىرىگە چارە تېپىش مەقسىتىدە، 1997- يىلى 11- نويابىردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىمپىراتورلۇق پايتەختى كيوتو شەھىرىدە بىر كېلىشىمنامە ئىمزالاندى. كيوتو كېلىشىمنامىسى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خەلقئارالىق كېلىشىمنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىش شەرتلىرى 2005- يىلى 16- فېۋرالدا ھازىرلانغان بولۇپ، شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى.


كېلىشىمنامىنىڭ دەسلەپكى تۈزىلىشى[تەھرىرلەش]

قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇش شەرتلىرى، كېلىشىمنامىنى كەم دېگەندە 55 دۆلەتنىڭ ئىمزالىشى ۋە كيوتو كېلىشىمنامىسىگە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنىڭ 55 % كە يېتىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

  • بۇ شەرتلەرنىڭ بىرىنچىسى 2002- يىلى 23- مايدا، ئىسلاندىيەنىڭ كيوتو كېلىشىمنامىسىگە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ھازىرلانغان بولدى.
  • ئىككىنچى شەرتى بولسا، 2004- يىلى 18 – نويابىردا روسىيەنىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن ھازىرلاندى.
  • كيوتو كېلىشىمنامىسىمۇ قارار قىلىنغىنىدەك 90 كۈن كېيىن، يەنى 2005- يىلى 16- فېۋرالدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. تۈركىيە، 2009- يىلى 5- فېۋرالدا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىر قانۇنغا ئاساسەن، كيوتو كېلىشىمىنىڭ 179- ئەزاسى بولدى.

كېلىشىمنامە مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

كيوتو كېلىشىمنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى -1990 يىلىدىكى پارنىك ئېففېكتى پەيدا قىلىدىغان گازلارنى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، كېلىشىمنامىنى ئىمزالىغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ گاز مىقدارىنى يەنە 5.2% ئەتراپىدا ئازايتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دۇنياغا مۇھىت جەھەتتىن ئەڭ ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن دۆلەتلەر، ئەڭ كۆپ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردۇر. بۇ دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا كيوتو كېلىشىمنامىسى ئىمزالاشنى رەت قىلغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى كېلىدۇ. كيوتو كېلىشىمنامىسىنى ئىمزdgsddsfvxالىغان دۆلەتلەر ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. بىرىنچىسى، پارنىك ئېففېكتى پەيدا قىلىدىغان گازلارنى قويۇپ بېرىش مىقدارى يوقىرى بولغان دۆلەتلەر بولۇپ، بۇلار ياۋرۇپا ئىتتىپاقى 26.5%، رۇسىيە 8%، جۇڭگو 7.6%، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى 29.3% قاتارلىقلاردور. تۈركىيە بولسا بۇلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە تۆۋەن بولۇپ، 0.004% ئەتراپىدىدۇر. تۈركىيە كيوتو كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاش بىلەن ھەم ئىتتىپاقىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، ھەمدە يەر شارىغا قارىتاcvxcvx مەسئۇلىيىتىنى ۋە ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جانلىقلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئادا قىلغان بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان كيوتو كېلىشىمنامىسىنىڭ مۇددىتى 2012- يىلى ئاخىرلىشىدۇ. 2012- يىلى، دېكابر ئېيىدا، دانىيىنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېن شەھرىدە بۇ كېلىشىمنامىنى ئىمزالىغان دۆلەتلەر بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى بىر كېلىشىمنامە ئىمزالايدۇ. تۈركىيە، بۇ كېلىشىمنامىگە ئەزا بولۇش ئارقىلىق، يېڭى كېلىشىمنامىنىڭ روياپقا چىقىشىدا باشقا ئەزا دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا، پىكىر قاتناشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى ئىنسانلارنىڭ تەن – سالامەتلىكى ۋە مۇھىت ئاسراش مەسىلىسىدە تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ھازىرقى دەۋردىكى سانائەت ۋە ئىشلىتىلىۋاتقان پەن – تېخنىكىنىڭ مۇھىت ۋە جانلىقلارنىڭ ھاياتىغا ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. پاكىز ھاۋا، ئىچكىلى بولىدىغان سۇ ۋە سەھىيە ئۆلچەملىرىگە توشقان يىمەك – ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى بارغانسىرى ئازايماقتا. ئۆلچەمگە لايىق مەھسۇلات ۋە ھاۋا، بۈگۈنكى كۈنلەردە باي كىشىلەرلار پايدىلىنالايدىغان نوقتىغا كېلىپ قالدى.

بارلىق دۆلەتلەر، خۇسۇسەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر، ئاتموسفېرا پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ئورتاق پايدىلىنىش ساھەسىدۇر، يەنى كائىنات بارلىق جانلىقلارغا ئائىتتۇر، دېگەن نوقتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، مۇھىت ۋە ئاتموسفېرادىن پايدىلىنىشتا ئەركىن- ئازادە ھەرىكەت قىلىشنى مەسئۇلىيەتسىزلىك نوقتىسىغا يەتكۈزمەسلىكلىرى شەرت، ئەلۋەتتە.

كيوتو كېلىشىمنامىسى، ئەزا دۆلەتلەرنى مۇھىتقا زىيان يەتكۈزمەيدىغان يېقىلغۇلارنى ئىشلىتىش، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ پارنىك گازى تارقىتىشلىرىنىڭ ئازايتىلىشى، قۇياش، شامال ۋە يادرو ئېنىرگىيىسىگە ئوخشاش پاكىز ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى، سانائەت مۇئەسسەسەلىرىنىڭ تېخىمۇ ئاز كاربوندىئوكسىت قويۇپ بېرىشلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە يېزا – ئىگىلىكتە تېخىمۇ ئاز خېمىيىلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى مەلۇمدۇر. بۇ مەجبۇرلاشلار بارلىق جانلىقلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ناھايىتى ئىجابى رول ئوينايدۇ.

تۈركىيە، كيوتو كېلىشىمنامىسىنى كېچىكىپ بولسىمۇ ئىمزالىدى. ھازىر بولسا، دۇنيانى ئەڭ ئاز كىرلەتكەن دۆلەتلەر ئارىسىدا بولۇشى ۋە كيوتو كېلىشىمنامىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىجرا قىلغان بىر ئەزا بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.