كۆكتېرەك يېزىسى
كۆكتېرەك يېزىسى
科克铁热克乡.Köktërek Town | |
گۇما ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | گۇما ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 25 دانە |
نوپۇس | 35 مىڭ |
تور بېكەت | گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى |
كۆكتېرەك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ گۇما ناھىيىسى گە جايلاشقان. كۆكتېرەك يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ گۇما ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر شەكلى تۈزلەڭلىك، شەرقىي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن قوشنا، غەرب تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى، شىمالداتەكلىماكان قۇملۇقى،مارالبېشى ناھىيىسى، مەكىت ناھىيىسىبىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتا گۇما بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 40 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 1400 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 3410 كۋادرات كىلومېتىركېلىدۇ.
مەمۇرىي كەنتلەر
[تەھرىرلەش]- ئوردىيان كەنتى؛
- قۇمۇل كەنتى؛
- توقماق مەھەللە كەنتى؛
- ئامۇتلۇق كەنتى؛
- لايقا كەنتى؛
- توپمەھەللە كەنتى؛
- كۆكتېرەك كەنتى؛
- قۇمئېرىق كەنتى؛
- قوچاقئۈژمىلىك كەنتى؛
- كۆكتاغ كەنتى؛
- بازايار كەنتى؛
- كۆكيار كەنتى؛
- ئاياقيار كەنتى؛
- ئاراقۇم كەنتى؛
- توغراقتار كەنتى؛
- قۇمئېرىق كەنتى؛
- دولان مەھەللە كەنتى؛
- بەلقۇم كەنتى؛
- قاغامەھەللە كەنتى؛
- ئارامەھەللە كەنتى؛
- قاتمانلىق كەنتى؛
- تەۋەككۇمۇل كەنتى؛
- ياڭاقلىق كەنتى؛
- يېڭىكەنت مەھەللىسى؛
يېزا ئىگىلىكى
[تەھرىرلەش]بۇ يېزا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قوشۇمچە ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقبىلەن شۇغۇلىنىدۇ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 49330 مو. ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، پۇرچاق تۈرىدىكى زىرائەتلەر تېرىلىدۇ؛ ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن پاختا، مايلىق دان، قوغۇن-تاۋۇز، كۆكتات ۋە بېدە قاتارلىقلار بار. يەنە جىگدە، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئالما ۋە ئاز مىقداردا ياڭاق قاتارلىقلار بار.