لاڭرۇ يېزىسى

ئورنى Wikipedia
لاڭرۇ يېزىسى

朗如乡.Langru town

خوتەن ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە خوتەن ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 15 دانە
نوپۇس 17 مىڭ
يەر مەيدانى 24,648 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى
ھۆججەت:Uyghur-document-dec2014-300.gif
2014 police document

لاڭرۇ يېزىسى خوتەن شەھىرى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، قارا قۇرۇم تېغىىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە، جەنۇبىي قىسمى ئېگىز-پەس تاغ بەلبېغى ۋە ئېگىز تاغلىق رايونلار، جەنۇبىي قىسمى ۋە غەربىي قىسمىدا قاتتىق سوغۇق بولىدۇ. يېزا قارىمىقىدا جەمئىي 14 مەمۇرىي كەنت، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى، 51 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلە سانى 5160، نوپۇس سانى 17960 ئادەم. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 24648 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 11300 مو كېلىدۇ، تېرىلغۇ يەر يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر 0.6 موغىمۇ يەتمەيدۇ. يەر تۈزۈلۈشى جەھەتتە جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2400 مېتىردىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر كۆلىمى %95 تىن ئاشىدۇ. غەربىي ۋە جەنۇبى ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن ھىندىستان نىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى كەشمىر بىلەن چېگرالىنىدۇ، غەربتە قاراقاش، شەرقىي جەنۇبتا قاشتېشى يېزىسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، شىمالىي قىسمى [[لايقا يېزىسى[[ ۋە بۇزاق يېزىسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، شەرقىي تەرىپى تۇساللا يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 90 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 260 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن، يېزا بويىچە يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 6249 مىليۇن يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 648.4 مىليۇن يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %11.58 بولغان. پۈتۈن يېزىدىكى باغۋەنچىلىك كىرىمى 2504.33 مىليۇن يۈەن بولغان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە باغۋەنچىلىك ساپ كىرىمى 1536.955 يۈەن بۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 271.81 يۈەن ئاشقان. ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى 1046.3 مىليۇن يۈەن بولغان، يېزا بويىچە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 668.35 يۈەن بولغان، ئۆتكەن يىل ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 47.81 يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %7.78 بولغان. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 21 مىڭ كۋادرات مېتىر گىلەم توقۇلۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليون 250 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، پايدا 350 مىليۇن يۈەن بولغان، پۈتۈن يېزىدىكى چارۋىچىلىق ئومۇمىي كىرىمى 2085.22 مىليۇن يۈەن بولغان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم 549.65 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %1.344 ئاشقان.