تۇساللا يېزىسى

ئورنى Wikipedia
تۇساللا يېزىسى

吐沙拉乡.Tusalla Town

خوتەننىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
شەھەر خوتەن شەھىرى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 21 دانە
نوپۇس 48 مىڭ
تور بېكەت خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

تۇساللا يېزىسى خوتەن شەھىرى نىڭ شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 7 كىلومېتىر، شەرق تەرىپى گۇجانباغ يېزىسى،شورباغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى خوتەن ناھىيىسى لاڭرۇ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي قىسمى خوتەن ناھىيەسىباغچى بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي قىسمى بىلەن جەنۇبىي قىسمىيۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، قاراقۇرۇم قاشتېشى يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقىي قىسمى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەنلوپ ناھىيىسى، غەربىي قىسمى بىلەنبۇزاق يېزىسىۋەباغچى بازىرى بىلەن قوشنا.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

تۇساللا يېزىسىغا قاراشلىق توساللا كەنتى، چۈجىلە كەنتى، جامىدا كەنتى، سىيا كەنتى، كۆكگۈمبەز كەنتى، قارامەت كەنتى، جالالباغ كەنتى، پۇتلاش كەنتى، قاتچى كەنتى، سىپىسيا كەنتى، ماجا كەنتى، تۇجۇڭ كەنتى، ھالالباغ كەنتى، دۆڭ كەنتى، ئاقتىچى كەنتى، سەكسەن كەنتى، ئوچۇق باش كەنتى، كەنئېرىق كەنتى قاتارلىق 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

ئاساسىي ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

ئايرودروم بۇ يېزىغا جايلاشقان، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق، رايون ئەۋزەللىكى روشەن. تۇساللا يېزىسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، قەدىمكى يىپەك يولىدىكى جۇلالىق مەرۋايىت، بايلىقى مول، بولۇپمۇ قاشتېشى، ياڭاق، گىلەم قاتارلىق ئۆزگىچە بايلىقلىرى بولۇپ «قاشتېشى ماكانى» ۋە «گىلەم ماكانى» دېگەن نامى بار، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 164 مىڭ مو، پۈتۈن يېزىدىكى يەر ئومۇمىي كۆلىمى 40 مىڭ 500 مو، ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 37357 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 0.82 مو. نوپۇسى 9614 ئائىلىلىك، 45704 ئادەم، ئۇنىڭ قارىمىقىدا 19 مەمۇرىي كەنت، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە بىر چارۋىچىلىقفېرمىسى، 127 تەبىئىي كەنت بار، ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق ئورنى كۆكگۈمبەز كەنتى.

پۈتۈن يېزىدىكى پارتىيە ئەزالىرى 330 نەپەر، ئورگان كادىرلىرى 66 نەپەر، پونكىت كادىرلىرى 103 نەپەر، كەنت كادىرلىرى 143 نەپەر. ئوتتۇرا مەكتەپ 2، باشلانغۇچ مەكتەپ 17، ئوقۇغۇچىسى 7031 ئادەم، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 431 ئادەم. يېزىلىق شىپاخانا بىر، كەنت ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى 19. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەدەنىيەت پونكىتى، رادىئو ئۇزېلى قاتارلىقلار بار. 2011-يىلى يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 18 مىڭ 700 يۈەنگە يەتكەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 3769 يۈەنگە يەتكەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 307 يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %11.9 بولغان.